ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ قىرغىزىستاننىڭ ياۋرۇ - ئاسىيا ئىقتىسادى بىرلىكىگە كىرىشى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازاد
2015.05.29
bishkek-shehri-pokrowka-yezisining-bashliqi-nur-muhemmet-bayaxun-2015-yil-may.jpg بىشكەك شەھرى پوكروۋكا يېزىسىنىڭ باشلىقى نۇرمۇھەممەت باياخۇن
RFA/Azad

ئۆتكەن يىلى دىكابىردا رۇسىيە، بىلورۇسىيە، قازاقىستان، ئەرمىنىيە ھەمدە قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى «ياۋرۇ - ئاسىيا ئىقتىسادى بىرلىكى» نامىدا بىر ئىقتىسادى بىرلەشمە قۇرۇش ھەققىدە كېلىشىمنامە تۈزۈشكەن ئىدى.

بۇ يىل 8 - ماي كۈنى قىرغىزىستاننىڭ بۇ بىرلىكنىڭ تولۇق ھوقوقلۇق ئەزاسى بولۇشى ھەققىدىكى ئاخىرىقى ھۆججەتكە بەش دۆلەت رەھبەرلىرى موسكىۋادا قول قويۇشتى. بىرلىككە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرى بۇ ھۆججەتنى تەستىقلىغاندىن كېيىن، قىرغىزىستان بىلەن بۇ دۆلەتلەر ئارىسىدىكى تاموژنا بىكەتلىرى ئېلىپ تاشلىنىپ،قىرغىزىستان پۇقرالىرىنىڭ بۇرۇنقى سۇۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكىگە ئوخشاش بۇ دۆلەتلەرگە ئەركىن بېرىپ - كېلىشىگە ھەمدە قىرغىزىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان توۋارلارنىڭ ھېچقانداق تاموژنا بېجى تولىمەيلا بىرلىككە كىرگەن دۆلەتلەرنىڭ بازارلىرىغا كىرىشىگە يول ئېچىلىدۇ.
قىرغىزىستان ياۋرۇ - ئاسىيا ئىقتىسادى بىرلىكىگە كىرگەندىن كېيىن يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان ئېھتىماللىقلار ھەققىدە بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
نۆۋەتتە دىققىتىڭلار، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىزنىڭ يېزا باشلىقى نۇرمۇھەممەت باياخۇن ۋە ئۇيغۇر زىيالىيسى نازىم قەمبىرىلەر بىلەن بۇ ھەقتە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە بولغاي.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.