ۋولكسۋاگېن شىركىتى نېمە ئۈچۈن خىتايدىن چېكىنىشنى رەت قىلىدۇ؟
2022.06.10

بىر قانچە كۈن ئاۋۋال ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش قانۇنىنىڭ ئىيۇننىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپلا گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ Volkswagen AG شىركىتىنىڭ خىتايدىكى كارخانا مۇلازىمىتىگە بۇنىڭدىن كېيىن كېپىللىك بەرمەيدىغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە تارقالدى. چۈنكى Volkswagen AG شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىگە دائىر ئىسپاتلار ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا خەلقئاراغا ئاشكارىلىنىپ، Volkswagen AG شىركىتى كۆپ تەنقىدكە ئۇچرىغان، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارمۇ Volkswagen AG شىركىتىگە بولغان قارشىلىقلىرىنى ھەر خىل شەكىلدە ئىپادىلەپ كېلىۋاتقانىدى.
گەرچە، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ Volkswagen AG نىڭ خىتايدىكى تىجارىتىگە كېپىللىك بەرمەسلىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسىگە ئالاقىدار بولسىمۇ، ئەمما مەزكۇر شىركەت يەنىلا خىتايدىكى تىجارىتىنى توختاتمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. يەنى، Volkswagen AG شىركىتىنىڭ باش ئىجراچىسى ھېربېرت دىس ئەپەندى گېرمانىيە تېلېۋىزىيەسىنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، مەزكۇر شىركەتنىڭ خىتاينى داۋاملىق تۈردە دۇنيادىكى ئىقتىسادى ئەڭ تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ كۈچ دەپ قارايدىغانلىقى، Volkswagen AG نىڭ خىتايدىكى مۇلازىمىتىنى توختاتمايلا قالماستىن بەلكى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى زاۋۇتىنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھېربېرت دىس يەنە، ئۇيغۇر دىيارىدا مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى ئەسلا مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ دەل Volkswagen AG شىركىتىنىڭ قائىدە ئۆلچەملىرى بويىچە ئىش ئېلىپ بېرىش بىلەن يەرلىككە تۆھپە قوشۇۋاتقانلىقى، بۇ دەل ئۇلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىگە ئىشىنىشىنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكنى ئېيتقان.
1-ئىيۇن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇۋانى بولغان «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» مۇ بۇ ھەقتە مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، «دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنى شىنجاڭدىن چېكىنىشكە مەجبۇرلاشنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا قىلىنغان ئەڭ ئېغىر دەپسەندىچىلىك بولىدىغانلىقى» نى جار سالدى.
ئۇنداقتا Volkswagen AG شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن زادى مۇناسىۋىتى بارمۇ يوق؟
بىز Volkswagen AG نىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسى بىلەن مۇناسىۋىتى بار ياكى يوقلۇقى ھەققىدە ئىزدىنىشتىن ئاۋۋال، بۇ شىركەت ھەمكارلىق ئورناتقان شاڭخەي ماشىنىسازلىق گۇرۇھى بىلەن بىر ئاز تونۇشۇپ چىقايلى. ئۇنداق بولغاندا بىز مەسىلىنىڭ سەۋەبى ۋە Volkswagen AG نىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسى بىلەن مۇناسىۋىتى بار يوقلۇقى مەسىلىسىدە ئادىل قاراشتا بولالايمىز.
ۋولكىسۋاگېن ۋە ئۇنىڭ خىتايغا كىرىشى
Volkswagen AG شىركىتى 1937-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھىرىدە قۇرۇلغان. بۇ دەل ئادولف گىتلېر رەھبەرلىكىدىكى ناتسىستلار گېرمانىيەسى يەھۇدىيلارغا قارشى كۈچلۈك تەشۋىقاتلار ئەۋج ئالدۇرغان، يەھۇدىيلارنى ئۆي-ماكانلىرىدىن كۆچۈرۈش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، ئۇلارنى جەمئىيەتتىن سىقىپ چىقىرىش، يالغۇز قالدۇرۇش داۋام قىلىۋاتقان بىر دەۋر ئىدى. بۇ دەۋردە گېرمانىيەنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بولۇپ، سانائەت تەرەققىياتىغا يېتەرلىك ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ بولۇشى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئېھتىياجى ئىدى. شۇڭا جەمئىيەتتىن سىقىپ چىقىرىلغان، ياشاش يوللىرى پۈتۈنلەي كېسىپ تاشلانغان نامرات يەھۇدىيلار، گېرمانىيەنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش سېپىدە ئەرزان ئەمگەك كۈچلىرى قىلىپ ئىشلىتىلگەن. Volkswagen AG ئەينى يىللىرى دەل مۇشۇ خىل ئەرزان ئەمگەك كۈچلىرىدىن پايدىلانغان كارخانىلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ھالبۇكى، مۇشۇنداق بىر ئارقا كۆرۈنۈشى بولغان Volkswagen AG شىركىتى بۈگۈن تەكرار ھالدا، يەھۇدىيلار چوڭ قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن قايتا باش كۆتۈرگەن خىتاي كوممۇنىست فاشىستلىرى بىلەن بىر سەپتە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا كۆز يۇمۇۋاتىدۇ. ۋولكسۋاگېننىڭ خىتاي تەرەپتە تۇرۇشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق ئامىل يەنىلا مەنپەئەت مەسىلىسى بولۇپ، بۇ مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنىڭ يىلتىزى تۆۋەندىكىلەرگە تۇتۇشىدۇ.
گېرمانىيە Volkswagen AG شىركىتىنىڭ خىتايدىكى پېيى
مەزكۇر شىركەت 1984-يىلى «شاڭخەي ماشىنىسازلىق گۇرۇھى» بىلەن بىرلىشىپ، «شاڭخەي ۋولكسۋاگېن شىركىتى 上海大众» ۋە 1991-يىلى «جۇڭگو بىرىنچى ماشىنىسازلىق گۇرۇھى» بىلەن ھەمكارلىشىپ «FAW-Volkswagen شىركىتى» نى قۇرۇپ چىققان. گېرمانىيە ۋولكسۋاگېن شىركىتىنىڭ يۇقىرىقى ئىككى شىركەتتە ئايرىم-ئايرىم ھالدا %50 ۋە %40 پېيى بار.
گېرمانىيە ۋولكسۋاگېن شىركىتى، خىتاينىڭ بىرىنچى ماشىنىسازلىق گۇرۇھى ۋە شاڭخەي ماشىنىسازلىق گورۇھىنىڭ مۇناسىۋىتى
بىرىنچى ماشىنىسازلىق گۇرۇھى شىركىتى بولسا، خىتاي مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىغا قاراشلىق دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانا؛ شاڭخەي ماشىنىسازلىق گۇرۇھى شىركىتى بولسا، شاڭخەي شەھەرلىك دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىغا قاراشلىق دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانا. يەنى، مەيلى «شاڭخەي ۋولكسۋاگېن شىركىتى» بولسۇن ياكى «FAW-Volkswagen شىركىتى» بولسۇن، ھەر ئىككىسىلا خىتاينىڭ دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىغا مەنسۇپ دۆلەت كارخانىلىرىدۇر. تېخىمۇ كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ كارىخانىلار يەككە ئىگىلىكتىكى كارخانا بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بارلىق مۇلازىمىتى دۆلەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.
«FAW-Volkswagen شىركىتى» ۋە «شاڭخەي ۋولكسۋاگېن شىركىتى» نىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا كىرىشى
2010-يىلى ئاتالمىش «يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نوقتىلىق ياردەم بېرىش» سىياسىتى يولغا قويۇلۇپ، خىتاي مەركىنۇقتىلىقتېتى دېڭ ىز ياقىسى رايونلىرىدىكى 19 ئۆلكە ۋە شەھەرنى «شىنجاڭغا نوقتىلىق ياردەم» گە چاقىردى. بۇ دەل بىز ئىزچىل دەپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خىتاي رايونلىرىغا بۆلۈپ بېرىلىشى ئىدى. بۇ چاغدىن باشلاپ خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارىخانىلىرى «باشلامچى كارخانىلار» سۈپىتىدە ئالدى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىغا يېتىپ كەلگەن ۋە «شىنجاڭغا سانائەتتە ياردەم بېرىش تۈرى» نى باشلۋەتكەن، يەنى دۆلەت كارىخانىلىرى دۆلەت مەبلىغى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىغا «نوقتىلىق ياردەم» گە كىرىپ كەلگەنىدى.
شاڭخەي ۋولكسۋاگىن شىركىتى بىلەنFAW-Volkswagen شىركىتىمۇ 2010-يىلىدىكى ئاتالمىش «مەركەز شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دىن كېيىن، خىتاينىڭ دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ باشلامچىلىقىدا ئۇيغۇر دىيارىغا ئالدى-كەينى بولۇپ كىرىپ كەلگەن. 2014-يىلى دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى «19ئۆلكە شەھەرنىڭ شىنجاڭغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىش خىزمەت سۇپىسى» تەشكىللىگەن. شۇنىڭدەك ئاتالمىش «شىنجاڭغا نوقتىلىق ياردەم بەرمەكچى بولغان 19 ئۆلكە ۋە شەھەر» بىلەن ئۇيغۇر دىيارى ئارىسىدا زەنجىرسىمان ئالاقە تورى شەكىللەندۈرۈلگەن.
«FAW-Volkswagen» ۋە «شاڭخەي ۋولكسۋاگېن شىركىتى» نىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە باغلىنىشى
دەرۋەقە، يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك، يۇقىرقى ۋولكسۋاگېن شىركەتلىرى بولسا دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى دۆلەت كارخانىلىرى بولۇپ، بۇلار خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ «شىنجاڭغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىش» پىلانىغا قاتنىشىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان كارىخانىلاردۇر.
2014-يىلى ئاتالمىش «مەركەزنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» ئېچىلىشتىن بىر ھەپتە بۇرۇن، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى «19 ئۆلكە شەھەرنىڭ شىنجاڭغا سانائەتتە ياردەم بېرىش بويىچە مېخانىزم سۇپىسى» قۇرۇپ چىقتى. بۇ ھەمكارلىق سۇپىسىدا «تۆت كومىتېت خىزمەت مېخانىزىمى» ئورنىتىلغان.
بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى ۋە بىڭتۇەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى كومىتېت 19 ئۆلكە، شەھەرلەردىكى دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتلىرى ۋە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ياردەمگە ئېرىشكەن ۋىلايەت، ئوبلاستلار، شۇنداقلا بىڭتۇەننىڭ ياردەمگە ئېرىشكەن دېۋىزىيەلەرنىڭ دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى بىلەن ئالاقە ئورنىتىش ھەمدە كېلىشتۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. ئۈچىنچىسى، 19ئۆلكە ۋە شەھەرلەرنىڭ دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا كومىتېتلىرى بولۇپ، بۇلار مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل بۆلۈم قۇرۇپ، ئالاقىلەشكۈچىلەرنى بېكىتىپ، «شىنجاڭغا سانائەتتە ياردەم بېرىش پىلانى» تۈزۈشنى ئۈستىگە ئالىدۇ. تۆتىنچىسى بولسا، ئۇيغۇر دىيارىدىكى 19 ئۆلكىدىن ياردەمگە ئېرىشىدىغان ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە شەھەرلەر، شۇنداقلا بىڭتۇەن دېۋىزىيەلىرىنىڭ دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتلىرىدۇر. ئۇلار خىزمەت بۆلۈمى قۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان 19 ئۆلكە ۋە شەھەرلەردىكى كارىخانىلارنىڭ شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا مۇلازىمەت قىلىشقا كاپالەت بېرىدۇ.
شۇنداق قىلىپ، خىتاينىڭ دېڭىز ياقىسى رايونلىرىدىكى 19 ئۆلكە ۋە شەھەردىكى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارىخانىلار خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تۇتاش پىلانلىشى، ياردەم بېرىشى ۋە يېتەرلىك ئىقتىساد، قولاي سىياسەت، ھەمكارلىق مېخانىزمى، ياخشى شارائىت بىلەن تەمىنلىشى ئاستىدا ئۇيغۇر دىيارىدا «شىنجاڭغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىش» نامىدا يەرلەشكەن.
ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» «مائارىپقا ياردەم»، «تېبابەتكە ياردەم»، «سانائەتتە ياردەم» «پەن-تېخنىكىدا ياردەم»، ۋە «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا ياردەم» دىن ئىبارەت تۈرلەرگە ئايرىلغان بولۇپ، شىنجاڭ ۋولكسۋاگېن شىركەتلىرى بۇ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئاۋاز قوشقان. يەنى، ۋولكسۋاگېننىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇشىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبى، دەل ئۇنىڭ «شىنجاڭغا نۇقتىلىق ياردەم بېرىشكە» قاتناشقانلىقىدۇر. مەسىلەن: بۇنىڭ مىسالى تۆۋەندىكىچە:
شاڭخەي ماشىنىسازلىق گۇرۇھى ۋولكسۋاگېن(上汽大众新疆公司) شىنجاڭ شىركىتى «مائارىپقا ياردەم» تۈرىدە، شاڭخەي دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى قۇرغان ھەمكارلىق سۇپىسى ئارقىلىق، ئۇيغۇر دىيارىدىكى كەسپىي مەكتەپلەر بىلەن «كارخانا بىلەن مەكتەپ ھەمكارلىقى» شەكلىدە ئالاقە ئورناتقان. مەسىلەن، 2013-يىلى 8-ئايدا شاڭخەي ۋولكسۋاگېن شىركىتى ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتىغا 1مىليون 500 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلىپ، «كارخانا بىلەن مەكتەپ ھەمكارلىقى» ئۇسلۇبىدا، مەزكۇر مەكتەپ بىلەن بىرلىكتە ئاپتوماتلاشتۇرۇلغان تەربىيەلەش تەجرىبەخانىسى قۇرۇپ چىقىدۇ. ئارقىدىنلا شىنجاڭ قوراللىق ساقچى قىسىم 6-تارماق ئەترىتى بىلەن ھەمكارلىق ئىمزالايدۇ. مەزكۇر6-تارماق ئەترەت 2010-يىلىدىكى ئاتالمىش «مەركەزنىڭ بىرىنچى قېتىملىق شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دىن كېيىن، «شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» ئۈچۈن ئالاھىدە سەپلەنگەن قوراللىق قىسىمدۇر. شاڭخەي ۋولكسۋاگېن شىركىتى 6-ئەترەتكە ماشىنا ئىئانە قىلىدۇ.
«كارخانا بىلەن مەكتەپ ھەمكارلىقى» تۈرى «شىنجاڭغا نۇقتىلىق ياردەم» سىياسىتىنىڭ مائارىپقا ياردەم تۈرىدىكى نۇقتىلىق تۈر ھېسابلىنىدۇ. بۇ تۈر بويىچە كارخانىلار «ئىشچىلارنى ئېھتىياجغا قاراپ تەربىيەلەش» ئۈچۈن مەكتەپلەرگە «زاكاز» بېرىدۇ. مەكتەپلەر ئىشچىلارنى مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەر بويىچە تەربىيەلەپ، كارخانىلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. بۇ ھادىسىنى نۆۋەتتە «زامانىۋى قۇل سودىسى» دېگەن ئاتالغۇ بىلەن ئىزاھلاش مۇمكىن. 2020-يىلى تەتقىقاتچى ئادرىئان زېنز تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «نەنكەي دوكلاتى» دا بۇ جەريانلارغا ئالاقىدار بولغان تەپسىلاتلار ئىسپاتلىق كۆرسىتىلگەن.
«شىنجاڭ شىڭ پېڭدا ئىشچىلار مەكتىپى» 2003-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئاپتوموبىل ساھەسىنى ئاساس قىلغان يەككە ئىگىلىكتىكى ئىشچىلار كەسپىي مەكتىپى. بۇ مەكتەپ ئۈرۈمچى يېڭىشەھەر رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ مەكتەپ بىرىنچى ماشىنىسازلىق ۋولكسۋاگېن شىنجاڭ شىركىتى، گېرمانىيە BOSCH شىركىتى شىنجاڭ تارمىقى قاتارلىق داڭلىق كارىخانىلارنىڭ مەخسۇس ئىشلەمچى تەربىيەلەش بازىسى قىلىپ بېكىتىلگەن. تەربىيەلەيدىغان ئىشلەمچىلەر ئاساسەن يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى نىشان قىلىدىكەن. بۇ مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلار كەسىپ ئۆگىنىشتىن باشقا خىتاي تىلى ۋە دۆلەتنى سۆيۈش قاتارلىق سىياسىي دەرسلەرنى ئۆگىنىدىكەن. باشقۇرۇش ئۇسۇلى ناھايىتى قاتتىق بولۇپ، تولۇق ھەربىي تۈزۈم بويىچە يېپىق ئۇسۇلدا باشقۇرۇلىدىكەن. مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ سىم تورلار بىلەن پېچەتلەنگەن سۈرىتى ۋە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە پىسىخىكا دەرسى بېرىلىۋاتقان، ھەربىي مەشىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر، مەكتەپنىڭ تەشۋىقات تور بېكىتىگە چاپلاپ قويۇلغان.
يىغىپ كەلسەك، ۋولكسۋاگېننىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق جەريانلىرى بىلەن ۋاسىتىلىك ياكى بىۋاسىتە ئالاقىسى بولغانلىقىدا شەك يوق. ئەمما ئەپسۇسلىنارلىقى ۋە كىشىنى غەزەپلەندۈرىدىغىنى گېرمانىيە ۋولكسۋاگېن شىركىتىنىڭ بۇ جىنايەتكە داۋاملىق شېرىك بولىدىغانلىقىنى ھېچ ھېيىقماستىن جاكارلىغانلىقىدۇر. 1990-يىللاردىن باشلانغان خىتاي ھۆكۈمران سىنىپلىرى بىلەن بولغان قويۇق مەنپەئەت باغلىنىشى، ۋولكسۋاگېن شىركىتىنى ئاللىبۇرۇن «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نىڭ جاۋابكارلىرى بىلەن باغلىغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ مەزكۇر مۇناسىۋىتىنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى ھەمدە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ يوقلىغىنى جاكارلىشى ئۇنىڭ بۇ جىنايەتنى قوللايدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر.
***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.