«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى - شىنجاڭ ئۇيغۇر مىللىتىگە خاس ئاپتونوم رايونى دېگەنلىكمۇ؟» ناملىق ۋىدىيودىكى خىتاي تەشۋىقات ئويۇنى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شادىيە تەييارلىدى
2024.02.12
xotengul ئۆزىنى «خوتەنگۈل» دەپ ئاتىغان بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ «دوۋيىن» ھېساباتىدا تارقاتقان سىن كۆرۈنۈشىنىڭ كەسمىسى.
Photo: RFA

مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتىنى ئىنكار قىلىپ، ئەكسىچە ئۇيغۇرلارنىڭ «بەختىيار تۇرمۇشى» نى «مەدھىيەلەيدىغان» ۋىدىيولار كۈنسايىن كۆپەيمەكتە. ھالبۇكى، خىتاي ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى تەشۋىقاتلىرىدا، ئۇيغۇرلارنى «باش رول» قىلىپ، ئۇلارنى ئېكران ئالدىغا چىقىرىپ سۆزلىتىشتەك سىن كۆرۈنۈشلەرنىڭ ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىشى بىلىنمەكتە.

ئۆزىنى «خوتەنگۈل» دەپ ئاتىغان بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ ئۆزىنىڭ شەخسىي «دوۋيىن» سۇپىسى ئارقىلىق تارقاتقان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى_شىنجاڭ ئۇيغۇر مىللىتىگە خاس ئاپتونوم رايونى دېگەنلىكمۇ؟» ناملىق ۋىدىيو، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى تەشۋىقات ئويۇنلىرىنىڭ ئىچىدىكى بىر تىپىك مىسالىدۇر. مەزكۇر ۋىدىيودا، «خوتەنگۈل» ئىسىملىك بۇ ئۇيغۇر قىزى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، جۇڭگودىكى بەش ئاز سانلىق مىللەت ئاپتونوم رايونىنىڭ بىرى. ئەمما بەزىلەر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى پەقەت شىنجاڭ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئاپتونوم رايونى دەپ ئاتايدۇ. بۇ توغرا ئەمەس. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كۆپ مىللەتلىك، كۆپ مەدەنىيەتلىك ۋە كۆپ تىللىق رايون بولۇپ، بۇ جايدا ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە خەنزۇ، قازاق، موڭغۇل قاتارلىق باشقا مىللەتلەرمۇ ياشايدۇ» دېگەن ئىزاھاتلار ئارقىلىق، بەزىلەرنىڭ ئۇنى قىسقارتىپ «ئۇيغۇر مىللىتى ئاپتونوم رايونى» ياكى «ئۇيغۇر مىللىتىگە خاس ئاپتونوم رايون» دەپ ئاتىشىنىڭ «خاتا» ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلغان.

«‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى› نى قىسقارتىپ ‹شىنجاڭ ئۇيغۇر مىللىتى ئاپتونوم رايونى› دەپ ئاتايدۇ! سىز جۆيلۈۋاتامسىز؟ مەن ھېچكىمنىڭ ‹شىنجاڭ ئۇيغۇر مىللىتى ئاپتونوم رايونى› دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ باقمىدىم. بۇ پۈتۈنلەي ‹قاغا قاق ئېتەر، ئۆز كۆڭلىنى خوش ئېتەر› دېگەنلىكقۇ؟» دېگەن ئىزاھلىما جۈملىلەر بىلەن ئامېرىكادىكى سىياسىي كۆزەتچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئۆزىنىڭ X (تىۋىتتېر) سۇپىسىدا، بۇ سىن كۆرۈنۈشىنى ھەمبەھىرلىگەن. ئۇ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، ئۇيغۇر ئېلىدە ھېلىھەم ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى مەنتىقىگە ئۇيغۇن بولمىغان سۆز ئويۇنى ئارقىلىق، «ساماننىڭ ئاستىدىن سۇ يۈگۈرتۈش» ھىيلىسىنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنى سۆزلىتىش ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 1955-يىلى ئۇيغۇرلارغا بېرىلگەن قەغەز يۈزىدىكى ساختا ئاپتونومىيە- «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دىكى «ئۇيغۇر» ئاتالغۇسىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە خىتاي دائىرلىرىنى بىئارام قىلىپ، ئۇنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى.

جەمئىي 1مىنۇت 41 سېكۇنت ئۇزۇنلۇقتىكى مەزكۇر ۋىدىيودا «خوتەنگۈل» ئىسىملىك بۇ ئۇيغۇر قىز، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» نىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئاپتونوم رايونى» بىلەن ئوخشاش ئۇقۇمدا ئەمەسلىكىنى بىرقانچە قېتىم تىلغا ئېلىپ «ئەسكەرتىش» بەرگەن. ئۇ يەنە، بۇ رايوندا ھەر قايسى مىللەتلەر ئارا بىرلىشىشنىڭ نورمال ئەھۋال ئىكەنلىكى ھەمدە ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت، سەنئەت ۋە تىللىرىنىڭ تولۇق ھۆرمەتكە ئېرىشىپ، تەرەققىي قىلدۇرۇلغانلىقى ھەققىدە بىلجىرلىغان.

ئامېرىكادىكى خىتاي ئانالىزچى خۇ پېڭ ئەپەندى «دوۋيىن» دا تارقىتىلغان بۇ ۋىدىيوغا قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇ ھەقتىكى پىكىرلىرىنى ئاڭلارمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇ، ئىنكاسىدا، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» نىڭ ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيەلىك رايونى ئىكەنلىكىنى، ئەمما بۇ سىياسىي كۆچمەنلەردىن باشقا يەنە، ئۇ رايوندىكى باشقا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، سىياسىي، ئىجتىمائىي، كىشىلىك ھوقۇقى قاتارلىقلارنى ئىنكار قىلمايدىغانلىقىنى ئىزاھلاپ ئۆتتى. ئۇ يەنە، ماھىيەتتە خىتاينىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دىكى ئۇيغۇر قاتارلىق باشقا يەرلىك مىللەتلەرگە ھەقىقىي «ئاپتونومىيە ھوقۇقى» نى بېرىپ باقمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاينىڭ نۆۋەتتە بۇ خىلدىكى «سۆز ئويۇنلىرى» ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ۋە خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئىنكار قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئۇزۇندىن بۇيان، خىتاي دائىرىلىرى ئۆزلىرى قۇرغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئاپتونومىيەلىك رايونلىرىدا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەقىقىي ئاپتونومىيەسىنى يولغا قويمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، ئۇلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادىتى، تىل ۋە دىنىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىپ زور بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئەمدىلىكتە بولسا، ئۇلارنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يۇقىرى بېسىملىق سىياسىي باستۇرۇشلىرىنى، شۇنىڭدەك مەدەنىيەت جەھەتتىكى قىرغىنچىلىقىنى ئاقلاش ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، خىتاي كومپارتىيەسى ھازىرغىچە بارلىق مىللەتلەرنى كىشىلىك ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىلا ئەمەس، خىتاي پۇقرالىرىنىمۇ سىياسىي ۋە كىشىلىك ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالدۇرماقتا. ھالبۇكى، خىتاي ئۆزىنىڭ خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنى مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ، مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى يۈرگۈزمەكتە».

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئۆزىنىڭ X سۇپىسىدا بۇ ۋىدىيونى ھەمبەھىرلىگەندە، «شى II نىڭ جۇڭخۇا ئىمپېرىيە تەشۋىقات تاكتىكىسى كۈنسېرى ناچارلاشماقتا»، دېگەن سۆز-ئىبارە بىلەن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىنقى بىر مەزگىل ئىچىدە «دوۋيىن»، «ئۈندىدار» قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا، ئۇيغۇرلارنى «نىشان» قىلغان سىن كۆرۈنۈشلۈك «ۋاسىتىلىك» تەشۋىقاتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنىدىغان تەشۋىقاتلىرىنىڭ تولىمۇ بىمەنە ۋە «سەۋىيەسىز» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

«X» سۇپىسىدىكى بۇ ۋىدىيوغا قارىتىلغان ئىنكاسلاردا بەزىلەر خىتاي تەرەپتە تۇرۇپ، بۇ تەشۋىقاتتىكى كۆز قاراشلارنى قوللىغان بولسا، بەزى ئىنكاسلاردا، خىتاي كومپارتىيەسىگە بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ئىنكاسلارنىڭ ئىچىدىكى «جاڭ سەن لى سى 8964» نامىدىكى «X» قوللانغۇچىسى مۇنۇلارنى يازغان. «خىتاي كوممۇنىست باندىتلىرى 5 ئاپتونومىيەنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇر ئاپتونومىيەسىدىكى ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرلىرىغا سولىدى. ‹خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى› تۆت يالغاننى ئاساس قىلغان ساختا ۋە قانۇنسىز دۆلەت، ئۇ يېڭى شەكىلدىكى قايتىدىن بارلىققا كەلگەن قۇل ئىمپېرىيەسىدۇر. مەن، مەدەنىيەت، ئەنئەنە ياكى دىندىن مەجبۇرىي شەكىلدىكى ۋاز كېچىشكە قوشۇلمايمەن. زوراۋانلىق ئاستىدىكى بۇنداق ‹بىرلىشىش› ئىنسانىيەتكە قارشى قىلمىشتۇر».

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئىلگىرىمۇ ھەتتا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچىدە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىرلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونوم رايونىمۇ؟» دېگەن سوئال بويىچە پىكىر قوزغاش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ رايوندىكى ئاپتونوم ھوقۇقى يۈرگۈزۈش ۋە يېتەكچىلىك ئورنىنى تۆۋەنلىتىشكە ئۇرۇنغان ھەم ئىنكار قىلغان، ھەتتا كىمىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونوم ھوقۇقىنى تەكىتلىسە ئۇنى جازالاپ كەلگەنىدى. ئەگەر ئۆتمۈشكە قايتساق، بۇنداق جازالاش 1950-يىللاردا تۇنجى قېتىم «يەرلىك مىللەتچىلىككە زەربە بېرىش» ھەرىكىتى ئارقىلىق قاتتىق بىر شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.