خەتەرنى نۆلگە چۈشۈرۈشتىن يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈشكىچە
2024.11.27
(ئۈرۈمچى ئوت ئاپىتى ۋە «ئاق قەغەز ھەرىكىتى» نىڭ 2 يىللىقىدا)
بۇنىڭدىن ئىككى يىل بۇرۇنقى 24-نويابىر كۈنى خىتاينىڭ «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتى سەۋەبىدىن ئۈرۈمچىدە ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، نۇرغۇن ئۇيغۇر ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى. بۇ ۋەقە ئاقىۋەتتە 26-نويابىر خىتايدىكى «ئاق قەغەز ھەرىكىتى» نى ئوتتۇرىغا چىقارغانىدى. بۇ ھەرىكەت ئاخىرىدا خىتاينى رادىكال شەكىلدىكى «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا مەجبۇرلىغانىدى. ئەمما خىتاي بۇ مەغلۇبىيەتنى ئەسلا قوبۇل قىلغان ئەمەس. چۈنكى يۇقۇم سىياسىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بىلەن، بۇ سىياسەتنىڭ مەنبەسى بولغان «خەتەرنى نۆلگە چۈشۈرۈش» تاكى بۈگۈنگىچە خىتاينىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەتلىرىنىڭ چىقىش نۇقتىسى بولۇشنى داۋام قىلماقتا.
ئۇنداقتا، «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» نىڭ «خەتەرنى نۆلگە چۈشۈرۈش» بىلەن قانداق ئالاقىسى بار؟
ئەمەلىيەتتە، «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» دېگەنلىكنىڭ ئۆزى، خەتەرنى نۆلگە چۈشۈرۈش دېگەنلىكتۇر. ھالبۇكى، خەتەرنى نۆلگە چۈشۈرۈش، خىتاي خەۋپسىزلىكىنىڭ ئاساسى دەپ قارىلىدىغان بولۇپ، بۇ قاراش خىتاينىڭ بىخەتەرلىك قورقۇسىنىڭ مەھسۇلى بولغان «فېڭچياۋ ئۇسلۇبى» دىن كەلگەن. ئاتالمىش «فېڭچياۋ ئۇسلۇبى» ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-60-يىللىرىدا خىتايدا يولغا قويۇلغان «سىنىپىي كۈرەش ئارقىلىق، تۆت خىل ئۇنسۇر (ئەكسىلئىنقىلابچى، باي-پومىششېك، باي دېھقان ۋە ناچار ئۇنسۇر) نى بىخ ھالىتىدە يوقىتىش تۈزۈمى» دۇر. بۇ خىل تۈزۈم خەلقنى ئۆز ئارا نازارەتچىلىك قىلدۇرۇش، كىشىلەر ئارىسىدا ئىشەنچسىزلىك پەيدا قىلىش، جەمئىيەت بويىچە جاسۇسلۇق قىلىش، «ئۆز ئارا تىڭتىڭلاپ، خەتەرنى بايقىغان ھامان يوقىتىش» نى كۆرسىتىدىغان خەلقنى ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىدۇر.
ئۇيغۇر ئېلىدە 1950-يىللاردىن باشلانغان خىلمۇ خىل سىياسىي ھەرىكەتلەرنى دەل «فېڭچياۋ ئۇسلۇبىنىڭ شىنجاڭ ۋارىيانتى» دېسەك تامامەن بولىدۇ. ئاتالمىش «فېڭچياۋ ئۇسلۇبى» ئۇيغۇر ئېلىدە ئەزەلدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ باققان ئەمەس. پەقەت ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجى بىلەن بەزى ۋاقىتلاردا پەسكويغا چۈشۈرۈلۈپ، ئېھتىياجى تۇغۇلغاندا داۋاملىق قوللىنىلىپ كېلىنگەن. مىسالغا ئالساق، «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» ئاخىرلىشىپ، ئاتالمىش «ئىسلاھات» باشلانغان دەسلەپكى يىللاردا، «فېڭچياۋ ئۇسلۇبى» خىتاينىڭ سىياسىي سەھنىسىدىن بىردىنلا غايىب قىلىنغان، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدە پەقەت ئۇنىڭ تەسىرى كىشىلەر ھېس قىلمىغۇدەك ھالەتتە تىزگىنلەنگەن. 2013-يىللاردىن باشلاپلا «ئۈچ خىل كۈچ» نى يىلتىزىدىن يوقىتىش نامىدا «زەنجىرسىمان باشقۇرۇش تورى» (网格化管理) ۋە «بىرلىشىپ باشقۇرۇش مېخانىزمى» (群防群治机制) يولغا قويغان. بۇ خىل باشقۇرۇش مېخانىزمى دەل «فېڭچياۋ ئۇسلۇبى» دىن كەلگەن بولۇپ، دەل خەتەرنى نۆلگە چۈشۈرۈشنى نىشان قىلاتتى. بۇ ۋەجىدىن ئۇيغۇر ئېلىدە ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچنى يىلتىزىدىن يوقىتىشتا ئەجدادىدىن ئايرىپ، ئەۋلادىنى يوقىتىش، يىلتىزىدىن يۇلۇپ، ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىپ تاشلاش» شوئارلىرى ئاشكارا تەشۋىق قىلىنىشقا باشلىغان. خىتاي بۇ ئۇسۇلنى ئۇيغۇرلارغا قوللىنىشتا ئەپچىللىك بىلەن سۆز ئويۇنى ئويناپ، ئۇنى «شىنجاڭنى يېڭىچە ئىدارە قىلىش تۈزۈمى» دەپ تەسۋىرلىگەن. مەزكۇر سىياسەت يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، خىتاي مەمۇرلىرى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە كۆچۈپ كىرىپ، ئۇيغۇرلارنى 24 سائەت نازارەت ئاستىغا ئالغان ۋە كېيىنكى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، لاگېرغا قاماش قاتارلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى ئاشكارا ئېلىپ بارالىغانىدى.
دەرۋەقە، خىتايدا كوۋىد يۇقۇمى تارقالغاندىن كېيىنمۇ، ئاتالمىش يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش سىياسىتى ئوخشاشلا «فېڭچياۋ ئۇسلۇبى» نى ئۆرنەك قىلغان. مىسالغا ئالساق، كوۋىد يۇقۇمىنى نۆلگە چۈشۈرۈشتە «ئون ئائىلە بىرلىكتە مۇداپىئەلىنىش» (十户联防)، «تورلاشقان باشقۇرۇش» (网格化管理) قاتارلىق فېڭچياۋچە باشقۇرۇش ئۇسۇللىرى قوللىنىلغان. «ئون ئائىلە بىرلىكتە مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى» دېگەندە، ھەر ئون ئائىلىنى بىر گۇرۇپپا قىلىش ۋە ئۇلارغا بىر گۇرۇپپا باشلىقى تەيىنلەش ئارقىلىق باشقۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. «تورلاشقان باشقۇرۇش» (网格化管理) بولسا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بولغان سىياسىي ئورگانلارنى بىر بىرىگە باغلايدىغان، تور شەكلىدىكى باشقۇرۇش ئۇسلۇبىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، «ئون ئائىلە بىرلىكتە مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى» نى تورنىڭ بىر بۆلىكى دېسەك، بۇ ئون ئائىلىگە مەسئۇل قىلىنغان شەخس، بىر تور بۆلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. مانا مۇشۇنداق تور بۆلەكلىرى، ئەڭ يۇقىرى باشقۇرۇش قاتلىمىغا تۇتاشقان جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلغان بۇ خىل تۈزۈمدە، ھەتتا «ئون ئائىلە بىرلەشمە مۇداپىئە گۇرۇپپىسى» نىڭ «ئۈچ خىل كۈچ» دەپ قارالغانلارنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈشىمۇ قانۇنلاشتۇرۇلغان.
يۇقىرىقىلاردىن شۇنى كېسىپ ئېيتالايمىزكى، ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش ئۇسۇلى بىلەن يۇقۇمنى يوقىتىش ئۇسۇلىدا ھېچقانداق پەرق يوق! ئەگەر چوقۇم پەرق بار دېيىلسە، بىرسىدە يوقىتىلماقچى بولغىنى ئىنسانلار، يەنى ئۇيغۇر خەلقى؛ يەنە بىرىدە يوقىتىلماقچى بولغىنى ۋىرۇس! ھەر ئىككىسىدە ئوخشاشلا «خەتەرنى نۆلگە چۈشۈرۈش ياكى بىخ ھالىتىدە يوقىتىش» ئۇسلۇبى قوللىنىلغان. ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت دەپ قارالغاندىن بۇيان، ئۇيغۇرلارنى يىلتىزىدىن يوقىتىش، خىتاي ئۈچۈن خەتەرنى نۆلگە چۈشۈرۈش يەنى، خەتەردىن پۈتۈنلەي قۇتۇلۇش دەپ قارالغان. بۇ ۋەجىدىن ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشتا «فېڭچياۋ ئۇسۇلى» نى قوللىنىش، خىتاي ئۈچۈن زىخمۇ، كاۋاپمۇ كۆيمەيدىغان ئەڭ ياخشى چارە بولۇپ قالغان. چۈنكى خىتاي «فېڭچياۋ ئۇسۇلى» دا ئۇيغۇرلارنى ئەڭ ياخشى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش ئۈنۈمىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنگەن. چۈنكى ھەر ئون ئۇيغۇر ئائىلىسىنى بىر گۇرۇپپا قىلىپ، نازارەت ئاستىدا باشقۇرۇش، ئۇلارنىڭ توپلىشىپ قارشىلىق قىلىش ئىقتىدارلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ۋەيران قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنى باش ئېگىش ۋە يوقىتىلىشنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قوبۇل قىلىشقا ئاپىرىدۇ. ئۇ ھالدا، تارىختىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇسلۇبلىرىنى قوللانماي تۇرۇپمۇ، ئۇيغۇردىن ئىبارەت بىر پۈتۈن مىللەتنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىۋېتىش ۋە بۇ جىنايەتنى ئىسپاتسىز قالدۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ، دەپ قارىغان. لېكىن خىتاينىڭ ئۆزىگە «پۈتۈنلەي بىخەتەر ماكان» پەيدا قىلىش ئۇرۇنۇشى ئادەتتىكى خىتاي خەلقلىرىنىڭمۇ قوللىشىغا ئېرىشىپ كېتىشى ناتايىن ئەلۋەتتە. مىسالغا ئالساق، 2018-يىلى «زىمىستان تورى» غا ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتايلار تەرىپىدىن بۇ ھەقتىكى بىر قىسىم نارازىلىقلار يەتكۈزۈلگەن. يەنى، قۇمۇل شەھىرىدىكى بىر قېتىملىق بايراق چىقىرىش مۇراسىمىدا ئەترەت باشلىقى ئۇيغۇر ئاھالىلەرنى ئۆيلىرىگە كېتىپ، خىتاي ئاھالىلەرنىڭ قېلىشىنى بۇيرۇغان. ئۇيغۇرلار پۈتۈنلەي كەتكەندىن كېيىن، ئۇ نەق مەيداندىكى خىتايلارغا ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان قوغدىنىش كىيىمى، پەلەي، سىم تور، ئوت ئۆچۈرگۈچ، قالغان، كالتەك قاتارلىق زوراۋانلىقتىن قوغدىنىش بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىشنى، ئۇنىڭدىن باشقا ھەر بىر ئائىلىنىڭ 500 يۈەن قىممىتىدىكى ساقچىغا مەلۇم قىلىش ئاپپاراتى ۋە 1000 يۈەن قىممىتىدىكى ئىككى دانە كامېرانى ئۆيلىرىگە ئورنىتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. بۇ ئىش يالغۇز قۇمۇلدىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ ئوخشاش يۈز بەرگەن. يەنى، خوتەندىكى بىر ئاشخانا خوجايىنى بولغان خىتاي ئايالمۇ ساقچىلار تەرىپىدىن بۇنداق قوغدىنىش بۇيۇملىرىنى ئېلىشقا مەجبۇرلانغان. بۇ ئايال ئاقىۋەت 4000 مىڭ يۈەن سەرپ قىلىپ، بۇ بۇيۇملارنى سېتىۋالغان. «زىمىستان تورى» دىكى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى «ئون ئائىلە بىرلەشمە مۇداپىئەسى» سىستېمىسىدا خىتايلار گۇرۇپپا باشلىقى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىشقا قويۇلغان. قارشى چىققۇچىلار بولسا جازالانغان ياكى قاماققا ئېلىنغان. شۇنداقتىمۇ يۇقىرىقى قىممەتلىك ئۇچۇرلارنى يەنىلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتايلار چەت ئەل تاراتقۇلىرىغا يەتكۈزگەن ياكى ئاشكارىلاپ قويغان. دېمەك، خىتاي گەرچە پۈتۈن كۈچى بىلەن خىتاي خەلقىنى ئۆز جىنايەتلىرىگە شېرىك قىلىش ئۈچۈن تىرىشسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئاق بىلەن قارىنى ئېنىق ئايرىيالايدىغان، ھەق-ناھەق قارىشى ئېنىق بولغان خىتايلارنىڭمۇ مەۋجۇتلۇقى كىشىگە زور ئۈمىد بېرىدۇ. ئىككى يىل ئاۋۋالقى ئۈرۈمچى ئوت ئاپىتى سەۋەبلىك ئوتتۇرىغا چىققان «ئاق قەغەز ھەرىكىتى» مۇ دەل خىتاي خەلقى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقىلغان ئەمەسمۇ؟!
دەرۋەقە، كوممۇنىست خىتاي مەيلى قانداق ئۇسۇلدا ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى يوشۇرسۇن، ئۇنىڭ خەتەرنى نۆلگە چۈشۈرۈشنى مەركەز قىلغان بارلىق سىياسەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، بەلكى خىتايلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق كىشىلەرگە، ھەتتا پۈتۈن دۇنياغا ئېغىر ئاپەت بولىدىغانلىقىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر چۈشەنمەكتە. بۇنداق ئەھۋالدا خىتاينىڭ ئۆز قىلمىشلىرىدىن ھېساب بېرىدىغان كۈنلەرنىڭ ئۇزۇنغا قالماي رېئاللىققا ئايلىنىدىغانلىقى ئېنىق!
[ئەسكەرتىش: بۇ ئوبزوردىكى قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]