شى جىنپىڭ «چىرىكلىككە قارشى» داۋاملىق ئۇرۇش قىلالامدۇ ؟

0:00 / 0:00


بۈگۈن، خىتاي ئالىي تەپتىش مەھكىمىسى سابىق كومپارتىيە سىياسىي بيۇرۇ دائىمىي ئەزاسى، سىياسىي قانۇن سېكرىتارى جۇ يۇڭكاڭنى پارىخورلۇق، ھوقۇقىنى سۈيىئىستىمال قىلىش ۋە دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش جىنايىتى بىلەن رەسمىي ئەيىبلىدى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ شى جىنپىڭنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش نامى ئاستىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرىشىنىڭ يەنە داۋام قىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. بىراق، بەزى كۆزەتكۈچىلەر شى جىنپىڭنىڭ چىرىكلىككە قارشى كۈرىشىنى يەنە كېڭەيتىپ داۋام قىلالايدىغانلىقىغا گۇمان بىلەن قارىماقتا.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئىلگىرىكى ھەرقانداق بىر دۆلەت رەئىسىدىن بەك قاتتىق ئېلىپ بارماقتا. لېكىن بۇ ئۇرۇش قەيەرگە بېرىپ توختايدۇ؟ ئۇنىڭ ئاقىۋىتى نېمە بولىدۇ؟ بۈگۈن، خىتاينىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك ئەمەلدارلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغان جۇ يۇڭكاڭنىڭ بۈگۈن رەسمىي ھالدا خىتاي ئالىي تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن پارىخورلۇق، ھوقۇقىنى سۇيئىستىمال قىلىش ۋە دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىشى يۇقىرىدىكى سوئاللارنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋەتتى. خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ نېمە مەنىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى مۇلاھىزە قىلىشماقتا. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى، سىياسىي مۇلاھىزىچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى جۇ يۇڭكاڭنىڭ دېلوسى خىتاي كومپارتىيىسى ئىچىدىكى سىياسىي كۈرەشنىڭ ئىنتايىن كەسكىنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، دەيدۇ.

خەۋەرلەردىن قارىغاندا، بۇ قېتىم جۇ يۇڭكاڭغا ئارتىلغان جىنايەت ئالدىنقى نۆۋەتتىكىدىن ئازراق پەرقلىق ئىكەن. مەسىلەن، ئالدىنقى قېتىم «بو شىلەي بىلەن بىرلىشىپ، نورمال بولمىغان سىياسىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىش» دېگەن ئەيىبلەش بار ئىدى. بىراق بۇ قېتىم ئۇ چىقىرىۋېتىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش» دېگەن جىنايەت قوشۇلغان. ئىلشات ھەسەن ئەپەندى شى جىنپىڭنىڭ ئۆزىگە دۈشمەن كۆپەيتىۋالماسلىق ئۈچۈن شۇنداق بىر ئۇسۇلنى قوللانغانلىقىنى بىلدۈردى.

خوڭكوڭدىكى ئېچىۋېتىش ژۇرنىلىنىڭ مۇھەرىررى جىن جۇڭ ئەپەندىمۇ رادىيومىزغا بىلدۈرگەن ئىپادىسىدە، شى جىنپىڭنىڭ بۇ داۋانى سىياسىيغا چېتىۋېلىشتىن ئۇزاق تۇرۇۋاتقانلىقىنى، چۈنكى بۇنداق قىلغاندا تېخىمۇ كۆپ قوللاشقا ۋە خەلقنىڭ ھېسداشلىقىغا ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ «شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرى خىتاي خەلقىگە تارىختىكى سىياسىي داۋالارنى ئەسلىتىپ قويۇشتىن ھەزەر ئەيلەۋاتىدۇ» دېگەن.

جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر گېزىتى بۈگۈن بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان مۇلاھىزىسىدە، جۇ يۇڭكاڭنىڭ بۈگۈن خىتاي ئالىي تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن رەسمىي ئەيىبلىنىشىنى شى جىنپىڭنىڭ بۇ كۈرەشنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ داۋام قىلىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دەپ قارىغان. بىراق ئىلشات ھەسەن ئەپەندى شى جىنپىڭنىڭ بۇ كۈرەشنى داۋام قىلغان تەقدىردىمۇ ئەمدى ئۇنداق چوڭ بېلىقلارغا ئالدىراپ تەگمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جۇ يۇڭكاڭغا ئارتىلغان جىنايەتلەردىن قارىغاندا جۇ يۇڭكاڭغا كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان ياكى دەرھال ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلۈم جازاسى بېرىلىش ئېھتىمالى كۈچلۈك ئىكەن. بىراق، جۇ يۇڭكاڭغا دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش دېگەن جىنايەت ئارتىلغانلىقى ئۈچۈن بۇ جۇ يۇڭكاڭغا ئائىت سوتقا ئائىت دېتاللارنىڭ يەنىلا يوشۇرۇن قالىدىغانلىقى، سوتنىڭ ئاساسەن يېپىق بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزىتىۋاتقان كۆزەتكۈچىلەر بىردەك، نۆۋەتتە خىتاي كومپارتىيىسى ئىچىدىكى ۋەزىيەتنىڭ ئىنتايىن جىددىيلىكىدەك بىر نۇقتىدا ئورتاقلاشماقتا. جىن جۇڭ ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ «ھەرقانداق بىر سىياسىي ھۇجۇم ئۇزۇن مۇددەتتە بىر مۇقىملىق يارىتالمايدۇ، ماۋ زىدۇڭمۇ ئەينى ۋاقىتتا پارتىيە ئىچىدىكى نۇرغۇن ئەمەلدارلارنى ئۆرىۋەتكەن. بىراق ماۋ زىدۇڭنىڭ بارلىق ئىدىيىلىرى ۋە سىياسەتلىرىمۇ ئۆلۈمى بىلەن تەڭلا يوقالدى» دېگەن. بېيجىڭدىكى خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جاڭ مىڭ جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە، ھازىرقى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ ئىنتايىن جىددىيلىكىنى تەكىتلەپ «بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى مۆلچەرلەش قېيىن، چۈنكى خىتايدا چىرىكلىكنىڭ يىلتىزى بەك چوڭقۇر ۋە بەك كەڭ» دېگەن.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بولسا بۇ ھەقتە توختىلىپ شى جىنپىڭنىڭ ھازىر كەينىگە قايتىشقا مۇمكىن بولمايدىغان بىر يولدا مېڭىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.