چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ئاتالمىش «شىنجاڭ ۋەكىللىرى» نىڭ سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇردى
2017.10.23

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋەكىللىرىنىڭ مۇھىم مۇزاكىرە تېمىسى، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى مەركىزىي ھۆكۈمەتكە ساداقىتىنى ئىپادىلەش ۋە «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا «مەڭگۈلۈك ئەمىنلىك» كە قانداق كاپالەتلىك قىلىشقا مەركەزلەشكەن ئىكەن.
خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 18-ئۆكتەبىر قىلغان 3 يېرىم سائەتلىك دوكلاتىدا ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان «جۇڭگو چۈشى» دىكى «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا خىتايدا «مەڭگۈلۈك ئەمىنلىك» يارىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.
تەڭرىتاغ تورىدا 20-ئۆكتەبىر ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭ ۋەكىللىرى مەخسۇس يىغىن ئېچىپ 19-قۇرۇلتايدىكى دوكلاتنى مۇزاكىرە قىلدى» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلىنغان. ماقالىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھۆكۈمەت ۋەكىللىرىدىن ئەركىن ئىمىرباقى، چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، نېيىم ياسىن، نۇرلان ئابىلمەجىن ۋە بىڭتۇەننىڭ قوماندانى سۈن جىڭلۇڭ قاتارلىقلارنىڭ ئىپادىسى تەكىتلەنگەن. ئۇلار بىردەك، شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزى كومىتېتى كۆرسەتكەن نىشان بويىچە مېڭىش، شى جىڭپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «جۇڭگو چۈشى» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىككە كاپالەتلىك قىلىشنى ئاساسىي نىشان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو سۆزىدە شى جىنپىڭغا ساداقىتىنى ئىپادىلەش بىلەن بىللە نۆۋەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان مۇقىملىق تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 19-قۇرۇلتايغا قاتناشقان ئاتالمىش «شىنجاڭ ۋەكىللىرى» بىردەك خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ سىياسىتىنى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار، نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان مۇقىملىق تەدبىرلىرىگە بولغان «رازىمەنلىكى» نى بىلدۈرگەن. خىتاينىڭ رايوندا يولغا قويۇلۇۋاتقان «قوشماق تۇغقان سىياسىتى»، خىتاي تىلى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق سىياسەتلىرىنى مەدھىيىلىگەن.
خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان ئاتالمىش «شىنجاڭ ۋەكىللىرى» نىڭ يۇقىرىقى بىر قاتار سۆزلىرىگە قارىتا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر جىددىي ئىنكاس قايتۇردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا، «بۇ رايوندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرگە قارىتىلغان كونتروللۇق ۋە باستۇرۇشنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنىڭ بىر بېشارىتى،» دېدى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان ئاتالمىش «شىنجاڭ ۋەكىللىرى» نىڭ ھېچقاچان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت، ئالدى بىلەن يىغىنغا قاتناشقان ئاتالمىش «شىنجاڭ ۋەكىللىرى» نىڭ پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلغۇچىلار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇ يەنە رايوندا بارغانچە كۈچەيتىلىۋاتقان قاتتىق باستۇرۇشنىڭ ئاخىرقى ھىساپتا خىتاي ھۆكۈمىتى ئارزۇ قىلغان مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكنى ئەمەس، ئەكسىچە ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى كۆپەيتىپ، مۇقىمسىز ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
ئامېرىكىدىكى «پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى ياڭ جيەنلى ئەپەندى، شى جىنپىڭنىڭ «بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورلۇق» قا داۋاملىق زەربە بېرىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىشى، رايوندا تېخىمۇ كۆپ مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دېدى.
ياڭ جيەنلى مۇنداق دېدى: «شى جىنپىڭ 19-قۇرۇلتايدا بەرگەن دوكلاتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى باستۇرۇش ۋە تەقىپلەرنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرمەكتە. ئاتالمىش ‹شىنجاڭ ۋەكىللىرى› مۇ رايوندىكى مۇقىملىق خىزمىتىنى ئاساسىي ۋەزىپە قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپتۇ. مېنىڭچە، بۇ خىل قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئاقىۋىتى رايوندىكى ئاھالىلەرنى سىياسىي ھوقۇق ۋە كىشىلىك ھوقۇقتىن مەھرۇم قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە مىللىي مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلىدۇ. ئانا تىلدا سۆزلەش ۋە مائارىپ تەربىيىسى قوبۇل قىلىش ھوقۇقىنىڭ چەكلىنىشى ئۇيغۇرلاردىكى ئۈمىدسىزلىكنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئاخىرقى ھېسابتا بۇ رايوننى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى قاپلىغان بىر زېمىنغا ئايلاندۇرىدۇ. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق يولىغا مېڭىش ئارزۇسىمۇ تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. نەتىجىدە بۇ ئامىللار قوشۇلۇپ خىتاي دۆلىتى پارچىلىنىش يولىغا ماڭىدىغان ۋەزىيەتنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.»