ئوبزورچى جاڭ پىڭ: خىتاي فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنى فاشىستىك ئۇسۇلدا تەبرىكلىمەكچى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2015.08.26
qeshqer-saqchi-herbiy-uyghur-qarshiliq.jpg كوچا چارلاۋاتقان خىتاي قوراللىق كۈچلىرى. 2014-يىلى 3-مارت، قەشقەر.
Imaginechina


گېرمانىيەدىكى مۇستەقىل ئوبزورچى جاڭ پىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشنىڭ 70 يىللىقىنى فاشىستىك ئۇسۇلدا تەبرىكلىمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئەمەلىي مىساللىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى.

20 - ئاۋغۇست گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىدا «فاشىزمغا قارشى تۇرۇشمۇ، ياكى فاشىزمنىڭ غەلىبىسىمۇ؟» ناملىق ئوبزور ئېلان قىلىندى. گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان مۇستەقىل ئوبزورچى جاڭپىڭ بۇ ئوبزورىدا، ئارمىيەنى كۈچلەندۈرۈش، جەمئىيەت كونترولىنى كۈچەيتىشتە چېكىگە يەتكەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن فاشىستىك ئۇسۇللارنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى ئەمەلىي مىساللىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى.

مەسىلەن: تاماق يېيىش ئۈچۈنمۇ تىزىمغا ئالدۇرۇش. بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ھەربىي پارات مەشىقى مەزگىلىدە بېيجىڭدىكى ئاشخانىلاردا ئۈستەل زاكاز قىلىپ تاماق يېيىش ئۈچۈن كىشىلەردىن كىملىك نومۇرىنى، تېلېفون نومۇرىنى تىزىملىتىش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان. بۇ تۈزۈم تورخانىغا كىرىش ئۈچۈن تىزىملىتىش، قىڭراق سېتىۋېلىش ئۈچۈن تىزىملىتىش، زۇكام دورىسى ئېلىش ئۈچۈن تىزىملىتىشتىن كېيىنكى يەنە بىر بىمەنە تۈزۈم.

فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەربىي پارات 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، جاڭ پىڭنىڭ بايان قىلىشىچە، بېيجىڭنىڭ ھاۋا كىلىماتىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن 8 - ئاينىڭ 28 - كۈنىدىن 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنىگىچە بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي، ئىچكى موڭغۇل، شەندۇڭ، سەنشى، خېنەن قاتارلىق 7 ئۆلكىدىكى 10 مىڭدىن ئارتۇق زاۋۇت، كارخانىلار ئىشتىن توختايدىكەن. يەنە 9 مىڭدىن ئارتۇق قۇرۇلۇش ۋاقتىنچە ئىش توختىتىدىكەن. شەندۇڭغا يېقىن بولغان جياڭسۇ قاتارلىق ئۆلكىلەردىكى پولات زاۋۇتى، كۆمۈر كانلىرىمۇ كارخانىلىرىمۇ ئىشتىن توختايدىكەن. ئىقتىسادىي تەرەققىياتى چېكىنىش باسقۇچىغا كىرگەن خىتاي ئۈچۈن بۇنىڭ قانچىلىك زىياندىن دېرەك بېرىدىغانلىقى بىلەن ھۆكۈمەت ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايدىكەن. 9 - ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ يەنە ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش، مۇزېيلارنى زىيارەت قىلىش، كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېرىدىكى تېلېۋىزور پروگراممىلىرىنى قويۇشمۇ چەكلىنىدىكەن. بۇ چەكلىمىلەردىن ئەجەبلەنگەن خىتايلار تور بەتلىرىدە «بۇ فاشىزمغا قارشى تۇرۇشمۇ ياكى فاشىزمنىڭ غەلىبىسىمۇ؟» دەپ يېزىشقان.

ئوبزوردا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھارپىسىدا تۈركۈملەپ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى قولغا ئالغانلىقى، ئاخبارات ۋە تور بەت ئەركىنلىكىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ قامال ئاستىغا ئالغانلىقى، تارىخىي رېئاللىق بۇرمىلانغان فىلىملارنى زور تۈركۈمدە بازارغا سالغانلىقى، بۇلارنىڭ بۇندىن 70 يىل ئىلگىرىكى فاشىزملىق ئىدېئولوگىيە، مەدەنىيەت ۋە تۈزۈم بىلەن تۈپتىن ئوخشاشلىقى تەكىتلەنگەن شۇنداقلا كومپارتىيەنىڭ كارنىيى بولغان «خەلق گېزىتى» نىڭ چوڭ سەرلەۋھىلىك قىلىپ «جۇڭگو چۈشى قۇدرەتلىك ئارمىيە چۈشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، قۇدرەتلىك ئارمىيە چۈشى جۇڭگو چۈشىگە يۆلەك بولىدۇ» دەپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللەتچىلىكنى جېنىنىڭ بارىچە تەرغىب قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ فاشىزمدىن ئارتۇق بىر پەرقىنىڭ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ بىر فاشىستىك تۈزۈمدىكى دۆلەت ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى تەبرىكلەش سالاھىيىتى يوقلۇقىنى تەكىتلىدى. د ئۇ ق تەشۋىقات - نەشرىيات كومىتېتى مۇدىرى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.

جاڭ پىڭنىڭ قارىشىچە، ھەربىي پارات غەرب ئۈچۈن مودىدىن قالغان بىر ھەرىكەت. ھازىر غەربتە ھەربىي پاراتنىڭ ئورنىنى ئەنئەنىۋى ئۇسۇللار ئىگىلىدى. ھەربىي پاراتنىڭ ئەسلى مەقسىتى دۈشمىنىگە ھەيۋە كۆرسىتىش، ئۆز كۈچىنى دەبدەبە قىلىش. خىتاي دۇنيانىڭ ئىجابىي ئىنكاسىغا ئېرىشەلمەيدىغان بىر بىھۇدە پائالىيەت ئۈچۈن نۇرغۇن ئىقتىساد ھەم ۋاقىت ئىسراپ قىلماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.