خىتاينىڭ 2024-يىللىق ئىقتىساد ئۇچۇرىدا ئۇيغۇرلارغا دائىر قانداق يالغانچىلىقلار بار؟

ئامىستېردامدىن ئوبزورچىمىز ئاسىيە ئۇيغۇر تەييارلىدى
2025.01.28
dehqan-etiz-xoten.jpg ئېتىزدا كۆچەت تىكىۋاتقان دېھقانلار. 2012-يىلى 28-ماي، خوتەن.
AFP

خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 24-يانۋاردىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، 23-يانۋار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت 2024-يىلىدىكى رايون ئىقتىسادىغا ئالاقىدار ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن. مەزكۇر يىغىندا، 2024-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ «ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) نىڭ 2 تىرىللىيون يۈەنگە يېتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ياخشى نەتىجە ھاسىل قىلغان» لىقى ئېلان قىلىنغان. شۇنداقلا، 2024-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمنىڭ 30 مىڭ يۈەندىن ئاشقانلىقى؛ شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق كىرىمىنىڭ 42 مىڭ 820 يۈەن، يېزا-كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ 19 مىڭ 427يۈەن بولغانلىقى دېيىلگەن. دېمەك بۇ ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا ئۇيغۇر ئېلىدە ئىقتىسادنىڭ «ياخشىلىنىۋاتقانلىقى» ئېنىق. ئەمما بۇ ياخشىلىنىشنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن قانچىلىك مۇناسىۋەتلىك بولغىنى ئەمەلىيەتتە، بىز كۆڭۈل بۆلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىلدۇر. ئۇنداقتا 2024-يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش بولدىمۇ؟

خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كونكرېت ئىقتىسادىي ئەھۋالى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات ئېلىشىمىز ئانچە ئاسانغا چۈشمىسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى، جايلىشىش ئورنى ۋە بۇ جايلارنىڭ ئىقتىسادىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلاردىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ئىقتىسادىغا باھا بېرىش ئىمكانى يەنىلا مۇمكىن. ئۇنداقتا بىز ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى جايلىشىش ئەھۋالىغا قاراپ باقايلى. بۇ ھەقتە خىتاينىڭ 2021-يىلى 26-سېنتەبىر ئېلان قىلغان «شىنجاڭدىكى نوپۇس تەرەققىياتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابىدىكى ئۇيغۇر نوپۇسىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى مىسال قىلىشقا بولىدۇ. مەزكۇر «ئاق تاشلىق كىتاب» تا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ 74.01 پىرسەنتىنىڭ جەنۇبىي رايونلارغا مەركەزلەشكەنلىكى، جەنۇبتىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستنىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 83.7 پىرسەنتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى دېيىلگەن. مەزكۇر سانلىق مەلۇماتلار خىتاينىڭ 7-قېتىملىق مەملىكەتلىك نوپۇس تەكشۈرۈش ئىستاتىستىكىسىغا تايانغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ 2020-يىلىمۇ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدە يەنىلا كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 83 پىرسەنتىدىن كۆپ نىسبەتنى ئىگىلەيدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ 90 پىرسەنتىدىن كۆپرەكى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى خىتايمۇ ئېتىراپ قىلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادىغا مۇناسىۋەتلىك خىتاي مەنبەلىك ئىستاتىستىكىلاردىكى «يېزا-كەنت ئاھالىلىرى» نىڭ ئاساسەن ئۇيغۇر نوپۇسىنى كۆرسىتىدىغان بىر سان بولغانلىقىنى تەخمىن قىلىشقا بولىدۇ.

خىتاي يۇقىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزا-كەنت ئاھالىلىرىنىڭ 2024-يىلىدىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 19 مىڭ 427 يۈەن دەپ ئېلان قىلدى. بۇ دېگەنلىك دېھقانلارنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 1600 يۈەن ئەتراپىدا بولدى دېگەنلىك بولۇپلا قالماي، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئايدا 1600 يۈەن كىرىم بىلەن ھايات كەچۈرىدۇ دېگەنلىكتۇر.

خىتاي مەنبەلىك ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 2024-يىللىق كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمىنىڭ 30 مىڭ يۈەندىن كۆپ بولۇشىغا قارىماي، خىتايدىكى 31 ئۆلكە ئىچىدە كەينىدىن سانىغاندا 5-ئورۇنغا تىزىلغان. دېمەك، ئۇيغۇر ئېلى داۋاملىق شەكىلدە خىتايدىكى ئەڭ نامرات رايونلار ھالىتىنى ساقلاپ كەلگەن. ئەمدى، ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىن بايلىقلىرىنى خالىغانچە تالان-تاراج قىلىش بىلەن بېيىغان بىڭتۈەننىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا قاراپ باقايلى. بىڭتۈەندىكى خىتاي ئاھالىسىنىڭ 2023-يىلىدىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى ئاللىبۇرۇن 40 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە شەھەر-بازارلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 46 مىڭ 485 يۈەن، يېزا-كەنتلەردىكى ئاھالىلەرنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى بولسا 30 مىڭ 565 يۈەن بولغان.

ھەر قايسى ئۆلكىلەرنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى

يۇقىرىقى مەلۇماتلاردىن شۇنىسى ئېنىقكى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى قانۇنسىز ئورگان بولغان بىڭتۈەندىكى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى، 2023-يىلىلا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 2024-يىلىدىكى سەۋىيەسىگە يېتىپ بولغان. بۇ دېگەنلىك بىڭتۈەن بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىدا، خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلىدىغان يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئىقتىسادىدا ئاسمان-زېمىن پەرق مەۋجۇت دېگەنلىكتۇر. بۇ ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى بىئارام قىلىدىغان بىر ھادىسە. ئەمما ئىشلار بۇنىڭ بىلەنلا تۈگىگىنى يوق. بەلكى «ئۇيغۇرلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇۋاتىمىز! » دەپ نەچچە ئون يىللارچە شوئار توۋلىغان خىتاينىڭ، ئۇيغۇر ئىقتىسادىغا مۇناسىۋەتلىك مۇشۇنداق تۆۋەن نىسبەتتىكى ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلىرىنىڭمۇ ئىشەنچسىز بولۇشى تېخىمۇ قورقۇنچلۇق!

دەرۋەقە، مۇشۇنداق تۆۋەن نىسبەتتىكى سانلىق مەلۇماتلارنىڭمۇ ئىشەنچسىز بولۇش ئېھتىماللىقى مەسىلىنىڭ يەنە بىر مۇھىم تەرىپىدۇر. بۇ ھەقتە بىز خىتاينىڭ 2024-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ۋە ئۈچ پەسىللىك ئىستاتىستىكىسىنى مىسال قىلالايمىز. يەنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئۆتكەن يىلى 24-ئىيۇل ئۆتكۈزگەن «شىنجاڭنىڭ 2024-يىلى ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا دائىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى» دا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ يېرىم يىللىق كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمىنىڭ 21 مىڭ 949 يۈەن، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ بولسا 2941 يۈەن بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئۆتكەن يىلى نويابىردا بولسا، خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» دا ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭنىڭ ئۆتكەن ئۈچ پەسىللىك كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى…» ھەققىدىكى خەۋەردە، ئۆتكەن ئۈچ پەسىلدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزا-كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ 6173 يۈەن بولغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. دېمەك، 2024-يىلى ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم نوپۇسىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى، 2190 يۈەن (ئايدا 365 يۈەندىن توغرا كېلىدۇ) بولغان. يەنىمۇ قىزىقارلىقى شۇكى، 2024-يىلى ئالدىنقى 3 پەسىلدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزا-كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى 6173 يۈەن بولغانلىقىنى خىتاي ئۆزى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ سان 2024-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئۈچ ئاي ئىچىدە بىردىنلا 19 مىڭ 427 يۈەنگە چىقىپ كەتكەن. ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئىقتىسادىدا قىسقىغىنە ئۈچ ئاي ئىچىدە بۇ خىلدىكى «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» نىڭ يۈز بېرىشى ھەيران قالارلىق ئەمەسمۇ؟

ھالبۇكى، خىتاينىڭ ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلىرىدا ساختىلىقنىڭ ئېغىرلىقى خەلقئاراغا تونۇشلۇق بولغان بىر سەتچىلىك بولسىمۇ، لېكىن بۇ سەتچىلىك ئەزەلدىن خىتاينىڭ يالغانچىلىقىغا تەسىر كۆرسىتىپ باققان ئەمەس. خۇددى ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى دەلىل-ئىسپاتلار ساماندەك تۆكۈلۈپ تۇرسىمۇ، خىتاينىڭ يەنىلا ئۆزىنى پاختىدىن ئاق، سۇدىن پاكىز قىلىپ تەشۋىق قىلغىنىدەك! لېكىن بۇ يەردە بىر نەرسە ئېنىقكى، خىتاينىڭ «ئۇيغۇرلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇۋاتىمىز!» دېگىنى پۈتۈنلەي يالغان. بەلكى بۇ يەردە راست بولغىنى، ئۇيغۇرلارنى دەل خىتاي ئۆزى نامراتلىق پاتقىقىغا بىر قوللۇق سۆرەپ كىرگەن!

[ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئوبزوردىكى كۆز قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]

كۆپ كۆرۈلگەن خەۋەرلەر
ۋەزىيەت- مۇلاھىزە
DeepSeek-suniy-eqil-1920
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.