خىتاي چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆزىگە خىزمەت قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنى كۈچەيتمەكتە

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2013.07.24
eli-ablimit.jpg تۈركىيە ئۇيغۇر سودا-سانائەتچىلىك جەمئىيىتى ئىئانە قىلغان 30000 يۈەن پۇلنى ئېلى ئابلىمىت يائان رايونىدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ۋاكالىتەن قوبۇل قىلدى. 2013-يىلى 25-ئاپرېل.
wqb.xinjiang.gov.cn

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تور بېتىنىڭ 23-ئىيۇل خەۋىرىگە قارىغاندا، چەتئەللەردىكى «شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار ئالاقە پونكىتى» دەسلەپتە ئامېرىكا، فىرانسىيە، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە ۋە رۇسىيەدىن ئىبارەت بەش دۆلەتتە ئىش باشلىغان.

بۇ ھەقتىكى خەۋەردە «شىنجاڭ ئاپتونوم رايونى چەتئەللەردە قۇرغان بۇ ئالاقە پونكىتلىرى ئارقىلىق چەتئەللەردىكى شىنجاڭلىق ئىختىساس ئىگىلىرى ۋە زىيالىيلار بىلەن ئالاقە باغلاپ،ئۇلارنى ئۇيغۇر ئېلىگە قايتىپ خىزمەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئۇلار ئارقىلىق شىنجاڭنى چەتئەللەرگە تونۇشتۇرۇشقا ئوخشاش پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەن. ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ئەپەندىنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا، يېقىندا خىتاي دائىرىلىرى ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم ئەللەردە ئۇيغۇرلار بىلەن يوشۇرۇن ھالدىكى ئالاقە ئورنىتىشنى مەقسەت قىلىپ مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ ھەرىكەت باشلىغان بولسىمۇ نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن، ئەكسىچە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ نەپرىتى ۋە ھوشيارلىقىنى ئاشۇرغان.

سۆھبىتىمىز جەريانىدا ئېلشات ھەسەن ئەپەندى ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارىتا ھوشيار بولۇشقا ۋە ئۆزى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردىكى قانۇنلاردىن پايدىلىنىپ ئۆزىنى قوغداشقا ئاگاھلاندۇردى ۋە يەنە خىتاينىڭ ھەر خىل نام، ھەر خىل تاكتىكا قوللىنىپ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتىنى پارچىلاش، ئۇيغۇر تەشكىلاتى ۋە ئۇيغۇر جامائىتى ئىچىگە ئىتتىپاقسىزلىق ياغدۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىستراتېگىيىلىك جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارشى سەگەكلىك بىلەن تۇرۇشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق مەنپئەتىنى قوغداشتا ئىنسانىي ۋە مىللىي بۇرچىنى ئادا قىلىشقا چاقىردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىزنىڭ ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بىلەن بۇ ھەقتە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىگە دىققەت قىلغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.