پەن-تەتقىقات مەركىزىنىڭ دوكلاتى خىتاينىڭ غەرب ئەللىرىدىكى ئوبرازىنىڭ بارغانسېرى ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىدى.
فىرانسىيە ئاۋازىنىڭ 6-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق ئەقىل ئامبىرىنىڭ بىرى بولغان پەن تەتقىقات مەركىزى بۇ يىل 5-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 29-كۈنىگىچە دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىكى 32 دۆلەتتە ياشايدىغان 34904 كىشى ئۈستىدىن خىتايغا بولغان تەسىراتى توغرىلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، غەرب دېموكراتىك ئەللىرىنىڭ خىتايغا بولغان سەلبىي قاراشلىرى بارغانسېرى كۈچىيىپ بارغان.
دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، خىتايغا ئەڭ ئىجابىي پوزىتسىيەدە قارايدىغانلار رۇسلار بولۇپ، تەكشۈرۈشكە قاتناشقان رۇسلارنىڭ 71 پىرسەنتى خىتايغا نىسبەتەن دوستانە پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلىگەن. شەرقىي ياۋروپادىكى بۇلغارلار، پولەكلەر، لىتۋالىقلارنىڭ پوزىتسىيەسى نىسبەتەن ئىجابىي بولسىمۇ، چېخلار ۋە سىلوۋاكىيەلىكلەرنىڭ خىتايغا بولغان قاراشلىرى ناچار ئىكەن.
غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا بولغان قاراشلىرىدا ئىتالىيە ۋە گىرېتسىيەنى ھېسابقا ئالمىغاندا، مۇتلەق كۆپ قىسىم دۆلەتلەردىكى خەلقنىڭ پوزىتسىيەسى ئۆتكەن يىلىغا سېلىشتۇرغاندا زور دەرىجىدە ناچارلاشقان.
ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردىن ئىقتىسادىي كرىزىسى نىسبەتەن ئېغىر بولغان ئىتالىيە ۋە گىرېتسىيە ئۆتكەن يىلى خىتاي بىلەن تۈزگەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلار سەۋەبىدىن خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىغا ئاۋاز قوشقان. بۇ سەۋەبلىك بۇ دۆلەتتىكى خەلقلەرنىڭ قاراشلىرى ئوخشاش ئەمەسكەن. ئەمما ياۋروپادىكى بۇنىڭدىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ خەلقلىرى خىتايغا سەلبىي باھالارنى بەرگەن. مەسىلەن: شىۋېتسارىيەلىكلەرنىڭ خىتايغا نىسبەتەن پوزىتسىيەسى ئۆتكەن يىلقىغا سېلىشتۇرغاندا 17 پىرسەنت ناچارلاشقان بولۇپ، 70 پىرسەنت شىۋېتسارىيە خەلقى خىتايغا بولغان سەلبىي قاراشلىرىنى ئىپادە قىلغان. ئىسپانىيەلىكلەرنىڭ خىتايغا نىسبەتەن سەلبىي پوزىتسىيەدە قارايدىغانلىرى 53 پىرسەنتنى ئىگىلىگەن.
شىمالىي ئامېرىكادا ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كانادالىقلارنىڭ خىتايغا بولغان دوستانە مۇئامىلىسى يىلسېرى ئارقىغا چېكىنگەن. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە 67 پىرسەنت كانادالىقلار خىتايغا سەلبىي باھا بەرگەن. ئامېرىكادا تەكشۈرۈشكە قاتناشقان كىشىلەردىن خىتايغا قارشى پوزىتسىيەسىنى بايان قىلغانلار 60 پىرسەنتتىن ئاشقان. بىرازىلىيەدە 18-29 ياش ئارىسىدىكى ياشلارنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى خىتايغا ئىجابىي قارىسىمۇ، 50 ياشتىن ھالقىغان كىشىلەرنىڭ 60 پىرسەنتى خىتايغا سەلبىي قاراشتا ئىكەن.
خىتايغا ئەڭ ناچار كۆزقاراشتىكى خەلق ياپون خەلقى ئىكەن. دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، ياپون خەلقىنىڭ 85 پىرسەنتى خىتايغا سەلبىي پوزىتسىيەدە قارايدىكەن.
خەۋەردە تۈرك ۋە ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى خەلقلەرنىڭ قاراشلىرى بايان قىلىنمىغان. ئەمما شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى تۈرك ۋە ئەرەب خەلقلىرىنىڭ خىتايغا نىسبەتەن كۆز قاراشلىرىنى تەكشۈرۈشكە توغرا كەلگەن تەقدىردە، ئەرەب ھەم تۈرك دۆلەتلىرى خىتاي تەھدىتى ۋە ئىقتىسادىي بېقىندىلىق سەۋەبىدىن خىتاينى ياقلىسىمۇ، تۈرك، ئەرەب خەلقلىرىنىڭ خىتايغا ھەرگىز ئىجابىي قارىمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
«خىتاينىڭ غەرب ئەللىرىدىكى ئوبرازىنىڭ كۈنسېرى ناچارلىشىشىغا سەۋەب بولغان ئاساسىي ئامىللار نېمىلەر بولۇشى مۇمكىن؟» دېگەن سوئالىمىزغا نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى، «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرى» نىڭ مەسئۇلى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى جاۋاب بېرىپ، خىتاينىڭ باشقا مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان زوراۋان سىياسىتىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە يەنە خىتاي مىللىتىدىكى ناچار ئىللەتلەرنىڭمۇ غەرب خەلقىنى بىزار قىلىۋاتقان ئامىللار قاتارىغا كىرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە غەرب ئەللىرىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى دۇنياغا تەھدىت دەپ قارايدىغان پىكىرلەر كۆپلەپ تەرغىب قىلىنماقتىكەن. خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنى تەسىس قىلىپ، مىليونلىغان ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن زۇلۇم يۈرگۈزۈشى، خوڭكوڭدىكى خەلقلەرنىڭ ئەركىنلىكى، دېموكراتىيەسىگە قارىتا تاجاۋۇزچىلىق، خىتاينىڭ قوشنا ئەللەر بىلەن بولغان زېمىن ماجىرالىرى ھەم بۇ ھەقتىكى تەشۋىقاتلارمۇ غەرب خەلقلىرىدە خىتايغا قارىتا سەلبىي قاراشلارنىڭ يۈكسىلىشىگە سەۋەب بولغان ئامىللار بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
0:00 / 0:00