خىتاي پاي بازىرىدا چارشەنبە يەنە قايتا چوڭ چۈشۈش كۆرۈلدى. - 8 ئىيۇل يەنە بىر قانچە يۈز كارخانا تېخىمۇ زور زىياندىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بازاردىن چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. پاي بازىرىدىكى ۋەزىيەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن جۈمەدىن باشلاپ يولغا قويغان قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنىڭمۇ ئۈنۈم بەرمىگەنلىكىنى ئاشكارىلىماقتا.
خىتاي ئاكسىيە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى دېڭ كې بۈگۈن باياناتىدا: «ﺟﯘﯕﮕﻮ ﭘﺎﻱ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﺭﻟﻪﺷﺘﯩﻦ ﻣﻪﮪﺮﯗﻡ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ خىتاي پاي بازىرىدىكى ساراسىمىلىك كەيپىيات ھېلىھەم ئېغىر، پايچىلارنىڭ تەخىرسىزلىك بىلەن پايلىرىنى كەڭ كۆلەمدە تۆكمە قىلىپ ساتىدىغان ئەھۋال داۋام قىلماقتا» دەپ كۆرسەتتى.
خىتاي ھۆكۈمىتى پايچىلارنىڭ زىياندىن كېيىنكى ئىنكاسىغا ئالاھىدە سەزگۈرلۈك ئىپادىلىمەكتە. خىتاي بىر تەرەپتىن دۆلەت ئىچىدىكى بارلىق تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پاي بازىرىنى قۇتقۇزۇپ قالىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭغا كۈچى يېتىدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆز كۈچىنى ئىشلىتىپ ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى كارخانىلارغا پاي چىقارماسلىق، بازارنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن پاي ئېلىشقا قىستىماقتا.
ئەمما خىتاينىڭ ئۇندىدار سەھىپىلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قۇتقۇزۇش پىلانىغا خەلقنىڭ نائۈمىددە ئىكەنلىكى ئىپادىلەنمەكتە. بىر پايچى «ھۆكۈمەت پاي بازىرىنى قۇتقۇزغىلى كەپتۇ، ئەمما بىزنىڭ يىقىلغان قەلبىمىزنى ئەمدى قۇتۇلدۇرغىلى بولمايدۇ» دەپ يازغان.
يەنە بىر زور زىيان تارتقان پايچى «ھازىر بەرىبىر بولۇپ قالدى، مەن بۇ بازارنىڭ زادى قايسى دەرىجىگە بارىدىغانلىقىنى بىر كۆرۈپ باققۇم بار» دېگەن ئۈمىدسىزلىك كەيپىياتىنى ئىپادىلىگەن، يەنە بەزىلەر خىتاي پاي بازىرىدىكى بۇ كاساتلاشقان ۋەزىيەتنى ئەينى دەۋردىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چېچىلغان دەۋرىدىكى كرىزىسقا ئوخشاتقان.
ئامېركىدىن قالسا دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ پاي بازىرى سانالغان خىتاينىڭ پاي بازىرىدىكى بۇ كرىزىسقا دۇنيا يېقىندىن دىققەت قىلماقتا.
بۇ ھەقتە بۈگۈن ب ب س نىڭ خەۋىرىدە «ئۆتكەن ئۈچ ھەپتىدە، جۇڭگونىڭ پاي بازىرىدا يوقاپ كەتكەن بازار قىممىتى ئىككى تىرىليون 360 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى، بۇ سان گىرېتسىيەنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 10 ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدۇ. خىتاي پاي بازىرىدىكى بۇ ئاپەتتە ئەڭ ئېغىر زىيان تارتقۇچىلار 90 مىليون خىتاي پۇقراسى، بۇ سان خىتاي كوممۇنىست پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سانىدىنمۇ كۆپ، شۇڭا بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ پاي بازىرىنى قۇتقۇزۇشقا بۇنچە كۈچىشىدىكى سەۋەب بۇنىڭدىن» دەپ كۆرسىتىلدى.
گەرچە خىتاي تور بەتلىرىدە «جۇڭگونىڭ پاي بازىرىدىكى داۋالغۇش ئۇزۇنغا بارمايدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى پاي بازىرىنىڭ تۆۋەنلىشىگە خاتىمە بېرىدىغان تېخىمۇ كۆپ تەدبىرلەرنى قوللىنىدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ھەر قانداق بەدەل تۆلەپ، ئۇنىڭ داۋاملىق تۆۋەنلىشىنى توسۇپ قالىدۇ» دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، يەنە بەزى خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەر بولسا پاي چەك بازىرىدىكى يامان سۈپەتلىك ئايلىنىشنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقىدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى، بۇ ئېغىر ۋەزىيەتتىن قېتىلمىغىنىڭ تەسكە توختايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
ئامېرىكىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان خىتاي ئۆكتىچىلەردىن «پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ياڭ جيەنلى ئەپەندى بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «بىز نورمالسىز ئۆرلىگەن خىتاي ئىقتىسادىدىن ھامان مەسىلە كۆرۈنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ كەلدۇق، چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنى تېز سۈرئەتتە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىقتىسادىي ساھەدىكى بارلىق خەتەرنى ئۆي مۈلۈك ۋە پۇل - مۇئامىلىگە ئىتتىرىپ قويدى. بۇ خەتەردىن بىر مەزگىل قېچىپ قۇتۇلالىغان بىلەن بەرىبىر بىر كۈنى ھالاكەت بولاتتى. چۈنكى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تۈزۈلمىسى سىياسىتى ۋە باشقۇرۇش قۇرۇلمىسى، بۇ قەدەر تېز ئۆرلەشكە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. ھازىر بۇ خاتالىقلىرىنىڭ نەتىجىلىرى كۆرۈلمەكتە ئەمما بۇ بەدەلنى يەنىلا خەلق تۆلىدى.»
چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرى تور بېكەتلىرىدىكى مۇنازىرىلەردە، خىتاي پاي چېكى بازىرىدىكى تۆۋەنلەشنىڭ ئەمەلىيەتتە سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى بارلىقى تەكىتلىنىپ، «پاي چېكى بازىرىدىكى زىياننىڭ شى جىنپىڭ گۇرۇھى بىلەن جياڭ زېمىن گۇرۇھى ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش ئىكەنلىكى، بۇنىڭغا ئۆتكەن ئايدا مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان پارىخور ئەمەلدار جۇ يۇڭكاڭنىڭ جياڭ زېمىن گۇرۇھىدىكىلەرنىڭ پارىخورلۇققا، خىيانەتچىلىكىگە ئائىت پاكىتلارنى شى جىنپىڭ تەرەپدارلىرىغا ئاشكارىلىۋەتكەنلىكى قاتارلىقلار سەۋەب بولغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
بۇ ھەقتە ئىزاھات بەرگەن ياڭ جيەنلى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: گەرچە خىتاي ئىقتىسادىدىكى بۇ يامان ۋەزىيەتنى شى جىنپىڭ ئۆزى يالغۇز كەلتۈرۈپ چىقارمىغان بولسىمۇ، ئەمما شۇنىڭ قولىدا گۇمران قىلىندى. ئۇنىڭ بۇ مەسئۇلىيەتتىن قۇتۇلالىشى ئاسانغا توختىمايدۇ، ھازىر پاي بازىرىدا زىيان تارتقانلار 90 مىليونلىغان خىتاي پۇقراسى، بۇ ۋەزىيەت مۇشۇنداقلا داۋاملىشىدىغان بولسا نارازى بولغان خەلق ئاممىسىنىڭ ھەر زامان ھۆكۈمەتكە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈش ئېھتىمالى بار.»
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى پاي بازىرىنى قۇتقۇزۇپ قالىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىپ، بۇ ھەپتە خىتاي ئاكسىيە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى جىددىي خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، پاي چېكى بازاردىكى«قانۇنسىز كونترول قىلىش قىلمىشلىرى» نى تەكشۈرۈشكە ئۆتكەن ۋە بىر قاتار پاي بازىرىنى قۇتقۇزۇش سىياسەت - تەدبىرلەرنى ئىشقا سالغان.
خىتاي يەنە، مەركەزگە قارايدىغان كارخانىلارنىڭ پاي سېتىشىنى توختىتىپ، پاي سېتىۋېلىشقا ئۈندىدى، بۇنىڭ بىلەن مەركەز باشقۇرۇشىدىكى چوڭ كارخانىلار پاي باھاسىنى ھەمكارلىشىپ مۇقىملاشتۇرۇپ، پاي بازىرىنى ئورتاق قۇتقۇزۇپ قېلىش ئەھدىسىنى تۈزدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەدبىرلىرىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئۇنۇم بېرەلىشىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن ياڭ جىيەنلى ئەپەندى يەنە مۇنداق دېدى: «توغرا خەلقنىڭ تارتقان زىيىنى ھەقىقەتەن ئېچىنىشلىق بولدى، ئەمما مەن خىتاي پاي بازىرىنىڭ گۇمرانلىققا يۈزلىنىشىنى يامان ئىش دەپ قارىمايمەن، ھاكىمىيەت ئاخىرقى باسقۇچقا كېلىپ قالغان بولسىمۇ، پاي بازىرىنى قۇتقۇزۇپ قالىمەن دەپ تەدبىر ئېلىۋاتىدۇ. ئۇلار بازارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەتتا 2008 يىلدىكىدىنمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىشى مۇمكىن، ئەمما بۇ ئۇسسۇزلۇقنى زەھەر ئىچىپ باسقاندەكلا بىر گەپ بىر ئىش. خەلق پەخەس بولمىسا زەھەرلىنىپ ئۆلىدۇ دېگەن گەپ، خىتاينىڭ تەدبىرلىرى ئەمدى بۇ زور كۆلەمدىكى مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرىغان خەلقنىڭ نارازىلىقىغا ۋە پارتىيە ئىچىدىكى پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغان قارشى كۈچلەرنىڭ ئۆكتە قوپۇشىغا دالدا بولالىشى ناتايىن. ئەگەر خىتاي پاي بازىرىنىڭ بىتچىت بولۇشى بىلەن، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى گۇمرانلىققا يۈزلىنىدىغان بولسا، خىتاي خەلقى كۆز ئالدىدىكى بۇ بىر مەزگىللىك زىياندىن قورقماسلىقى كېرەك، ئۇزۇندىن بۇيان خورلانغان خەلق قۇتۇلۇش يولىنى تېپىشى ئۈچۈن بۇ بەدەلنى تۆلەشكە ئەرزىيدۇ.»
0:00 / 0:00