خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ سۈرىيەنى قوغدىشىدىكى سەۋەبلەر قايسىلار؟

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا دائىرىلىرى ئۆتكەن ھەپتە دەمەشق سىرتى ئېلىپ بېرىلغان خىمىيىلىك قورال ھۇجۇمىدا ئەسەد مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ قولى بارلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي بىلەن رۇسىيە ئەسەد مۇستەبىت ھاكىمىيىتىگە قارشى ھەرىكەت قوللىنىشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشى تۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، بۇ قېتىممۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سۈرىيە كرىزىسىغا قوراللىق ئارىلىشىش پىكرىگە قاتتىق قارشى تۇردى.

خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ سۈرىيە پۇقرالىرىنىڭ مىڭلاپ قىرغىن قىلىنىشىغا سەۋەب بولۇشىدىكى ئامىللار قايسىلار؟

بىز بۇ توغرىسىدا ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىم بىلەن تەپسىلىي سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.