دىلشات رىشىت: خىتاي ئىككى چوڭ ۋەقەدىن توغرا دەرس ئالمىدى، يەنە قانۇن ۋە ئىنسانىي ھوقۇقنى دەپسەندە قىلدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2014.12.08
ikki-partlash-uyghur-sot.jpg 30-ئاپرېل ۋە 22-ماي پارتلاش ۋەقەسىگە چېتىشلىق دەپ سوتلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى. 2014-يىلى دېكابىر، ئۈرۈمچى.
CCTV

خىتاينىڭ ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى، بۇ يىل ئىچىدە ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئىككى چوڭ ۋەقەنىڭ چېتىشلىق گۇماندارلىرى ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلدى.

ھۆكۈمدە 30‏-مارت پويىز ئىستانسىسىغا ۋە 22-ماي ئەتىگەنلىك بازارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە چېتىشلىق دەپ قارالغان گۇماندارلاردىن جەمئىي 13 كىشى ئۆلۈمگە بۇيرۇلدى. ھۆكۈم ھەققىدە پوزىتسىيە بىلدۈرگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاينىڭ بۇ ئىككى چوڭ ۋەقەدىن توغرا دەرس چىقارمىغانلىقىنى، يېپىق ۋە سىرلىق سوت ئارقىلىق يەنە خەلقئارا قانۇن ۋە ئىنسانىي ھەق- ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رىشىت خىتاي سوتىنىڭ ۋەقەگە بىۋاسىتە ئىشتىراك قىلمىغان كىشىلەرنى ئېغىز جازالاش ئارقىلىق رايوندىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتى مەسىلىسىدە يەنە ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك سادىر قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلدى.

خىتاي سوتى بۈگۈن، ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 30-مارت پويىز ئىستانسىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ۋە ئەتىگەنلىك بازارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ھەققىدە سوت ئېچىپ، ئىككى ۋەقەگە چېتىشلىق گۇماندارلار ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلغان. ھۆكۈمدە 13 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، بېرىلگەن ئۆلۈم جازالىرىدىن بەشى كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىككى كىشىگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلگەن. بېرىلگەن جازالارنىڭ ئېغىرلىقى، جازاغا ھۆكۈم چىقىرىلغان سوتنىڭ تەرتىپى خەلقئارا جامائەتنىڭ يەنە دىققىتىنى تارتتى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۈگۈن خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مەزكۇر سوت ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، خىتاي تەرەپنىڭ يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەردىن ساۋاق ئالمايۋاتقانلىقىنى، ئىنسانىي ھەق ۋە خەلقئارا قانۇننى يەنە دەپسەندە قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، 30-مارت ۋوگزال ۋەقەسى ۋە 22-ماي ئەتىگەنلىك بازار ۋەقەسى، ئۇيغۇر رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن چوڭ ۋە مۇھىم ۋەقەلەردىن ئىككىسى، بۇ ۋەقەلەر ئۇيغۇر رايونىدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ھازىرغا قەدەر داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ساقچى ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ھۇجۇم قىلىش شەكلىدىن ئاممىۋى سورۇنلارغا يۈزلىنىشى بولۇپ، خىتاي تەرەپ بۇنى بىر تەرەپ قىلىشتا، سالماق ۋە مەسئۇلىيەتچان بولۇشى كېرەك ئىدى، مەسىلىنىڭ يىلتىزى، تەرەققىياتى ۋە ئاقىۋىتى ھەققىدە ئىلمىي يوسۇندا ھۆكۈم چىقىرىش كېرەك ئىدى. دىلشات رىشىتنىڭ قارىشىچە، خىتاي تەرەپنىڭ سوت جەريانى ۋە تەشۋىقاتى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەۋجۇت ۋەزىيەتكە قارىتا جىددىي ۋە چۆچۈش كەيپىياتىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ رايوننى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىغا قارىتا ئىشەنچسىزلىكىنى ئاشكارىلىماقتا.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا بايان قىلىشىچە، سوت ئوچۇق ھالدا ئېچىلغان، مەھكۇملار سوتتا ئۆزىنى ئاقلاشقا ۋە ئانا تىلىنى قوللاشقا مۇۋەپپەق بولغان. ئەمما باياناتچى دىلشات رىشىت يۇقىرىقىلارنىڭ پۈتۈنلەي شەكلەن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، ئادۋوكاتلارنىڭ مەھكۇملار ئۆزلىرى تاللىۋالغان ئەمەس، تەيىنلەنگەن ئادۋوكات ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ مەھكۇملارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئالدىن بېكىتىلگەن سىياسىي ھۆكۈمنى ئىجرا قىلىشقا خىزمەت قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. دىلشات رىشىت بۇ سۆزىگە سوت جەريانىنىڭ تەرەپسىز ئاخباراتلاردىن يوشۇرۇن تۇتۇلغانلىقى، بولۇپمۇ مەھكۇملارنىڭ ۋەقەگە ئىشتىراك قىلىش سەۋەبىدىن ئاممىنىڭ خەۋەرسىز قالغانلىقىنى پاكىت قىلىپ كۆرسەتتى. دىلشات رىشىت بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
-بىز خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىن ئەيىبلىگۈچىنىڭ مەھكۇمنى نېمە ئۈچۈن ئەيىبلىگەنلىكىدىن خەۋەر تاپتۇق، ئەيىبلەنگۈچىلەرنىڭ ئۆزىنى ئاقلىغان سۆزىنى ئاڭلىمىدۇق؛ ئۇلارنى شۇ ۋەقەلەرنى سادىر قىلىشقا مەجبۇرلىغان سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈشلەر ھەققىدە خىتاي تەرەپ ھېچنېمە دېمىدى، دېيىشكە جۈرئەت قىلالمىدى، چۈنكى سەۋەب ناھايىتى ئېنىق: ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ھەقىقىي جاۋابكار خىتاي ھۆكۈمىتى، ئەگەر مەھكۇملارغا سۆز بېرىلسە، ئۇلارنىڭ سۆزى ئاخباراتقا ئاشكارىلانسا، جاۋابكارنىڭ كىملىكى ئايدىڭلىشىدۇ.

دىلشات رىشىت سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاي تەرەپنىڭ خاتالىقلىرىنى تەكرارلاۋاتقانلىقىنى، بۇ تۈر ئاتالمىش ئوچۇق سوتلارنىڭ رايوندا تىنچلىقنى بەرپا قىلىشتا ئەكسىچە رول ئوينايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى:
-خىتاي ۋەزىيەتنى ئوڭشىماقچى بولسا، كىشىلەرنىڭ ھاياتىدىن ۋاز كېچىپ تۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان تەلەپلىرىنى، مەسىلىنىڭ يىلتىزىنى كۆرۈشى ۋە ئۇنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك، ئاندىن مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى سۈپىتىدە سۆھبەت يولىنى تاللىشى كېرەك، زوراۋانلىق تەدبىرىدىن ۋاز كېچىشى كېرەك.

يۇقىرىدا بۈگۈن ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان ئاتالمىش ئىككى ئوچۇق سوتقا قارىتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىنكاسىنى ئاڭلاتتۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.