خىتاي تەرەپدارى مۇھاجىر ئابلىمىت سادىق، مۇخبىرىمىز بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيەتكە ئائىت قىسمىدا، دەسلەپتە مىللەتلەر ئارا تەڭسىزلىك «بازار رىقابىتىدىن يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ بىلىمسىزلىكى ۋە تىرىشمايدىغانلىقىدىن كېلىپ چىقتى» دېگەن بولسا، ئاخىرىدا بۇ تەڭسىزلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى قوللىنىپ كەلگەن نادان قالدۇرۇش سىياسىتىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
ئابلىمىت سادىقنىڭ بۇ زىددىيەتلىك سۆزلىرى ئۈستىدە پىكىر بايان قىلغان سىياسىي كۆزەتكۈچى مەمەت توختى ۋە نۇرمەمەت مۇساباي ئەپەندىلەر، ئۇيغۇر رايونىدىكى ھاكىمىيەتنىڭ مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ ھاكىمىيەتنىڭ ئاستىدا ئىقتىسادىي باراۋەرلىكنىڭ مۇمكىنسىزلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلار يەنە، ئابلىمىت سادىقنىڭ زىياپەت ۋە ساياھەتلەردىن ۋاز كېچەلمىگەنلىكى ئۈچۈنلا رايوندىكى ئىقتىسادىي بۇلاڭچىلىققا چاپان يېپىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.