خىتاي تەشۋىقات ئارقىلىق ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى يوققا چىقىرالامدۇ؟
2024.12.18

ھەرقانداق بىر ئىنسان ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بولمىغان ھەرقانداق ئىشنىڭ خاراكتېرى «مەجبۇرلانغان» بولىدىغانلىقى بىر ھەقىقەتتۇر. بۇنداق بىر ھەقىقەت ئۇيغۇرلارغا كەلگەندە ئۆزگىرىپ قالمايدۇ، ئەلۋەتتە! ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى بىر ھەقىقەت بولسىمۇ، لېكىن خىتاي تەشۋىقاتىدا كاللىسى يۇيۇلغانلىقتىنمۇ ياكى بىر قىسىم كىشىلەر ھەققانىيەتكە ئەمەس، بەلكى نەپسانىيەتكە چوقۇنغانلىقتىنمۇ، بۇ ھەقىقەتكە گۇمان بىلەن قارايدىغانلار بۈگۈنگىچە يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ كەلمەكتە.
دەرۋەقە، «خىتاي گېزىتى» دە 16-دېكابىر ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە دەل مۇشۇ خىل «مەۋجۇتلۇق» ئەكس ئەتكەن. مەزكۇر خەۋەر ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزگەن خىتاينىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى» ھەققىدە يېزىلغان. يەنى مەزكۇر خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ يىغىنغا 44 دۆلەت ۋە رايوندىن 200 گە يېقىن ئادەم قاتناشقان. بۇ يىغىنغا قاتناشقان ئاتالمىش مۇتەخەسسىسلەر، «ئامېرىكانىڭ خىتايغا قارشى كۈچلىرى ئويدۇرۇپ چىقارغان شىنجاڭدا مەجبۇرىي ئەمگەك مەۋجۇت» دېگەن قاراشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا ئۇلار «بىر تەرەپلىمە قاراش بىلەن خىتاينى جازالاشنىڭ خەلق (بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغان خەلق دەل ئۇيغۇرلاردۇر)نىڭ ياشاش ۋە تەرەققىي قىلىش ھوقۇقىغا زىيانكەشلىك قىلغانلىق بولىدىغانلىقى» نى بايان قىلىشقان.
يۇقىرىقى خەۋەردىن مۇنداق ئىككى مەزمۇن چىقىدۇ. ئۇنىڭ بىرى، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەۋجۇت ئەمەس، بەلكى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خىتايغا دۈشمەن كۈچلەر بۇنى ئويدۇرۇپ چىقارغان» ؛ يەنە بىرى، «ئامېرىكا ئۆزى يالغاننى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، ئاندىن خىتايغا ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىزمەت قىلىپ، نورمال ھايات كەچۈرۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ». قىزىق يېرى شۇكى، يىغىنغا قاتناشقان 200 گە يېقىن چەت ئەللىكلەرمۇ بۇ ئىككى نۇقتىدا خىتاي بىلەن ئورتاق قاراشتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. دېمەك، بۇ كىشىلەر دەل بىز يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن يا تەشۋىقاتتا كاللىسى يۇيۇلغانلار ۋە ياكى مەنپەئەتنى ھەقىقەتتىن ئۈستۈن بىلگەن كىشىلەردۇر. بۇ يەردىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە ئۇيغۇرلار زادى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتامدۇ-يوقمۇ دېگەن نوقتىنى دەلىللەشتۇر. ئەلۋەتتە، بىز بۇ نوقتىنى مەزكۇر ئوبزور ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك دەلىللەپ بېرەلمىسەكمۇ، لېكىن مەسىلىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھەققىدىكى قاراشلىرىمىزنى مەنتىقىلىق ئوتتۇرىغا قويالايمىز.
بۇ ھەقتە سۆز ئېچىشتىن ئاۋۋال خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىدا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەرگە بىر قاراپ چىقىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى بىر مىللەتنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسى بويىچە شۇغۇللىنىدىغان ئەڭ چوڭ كەسىپ تۈرى دەل بۇ مىللەتنىڭ ھايات كەچۈرۈش ئۇسۇلىنىڭ نېمىگە تايىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىلدۇر. دېھقانچىلىق ئۇيغۇرلاردا ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇپ، تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق ئىگىلىكىدىن ئەڭ دەسلەپ ئولتۇراق شەھەر ھاياتى ۋە تېرىم ئىگىلىكىگە يۈزلىنىش دەل ئۇيغۇرلاردىن باشلانغان. شۇنداقلا دېھقانچىلىق بارا-بارا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق ئىگىلىكى سۈپىتىدە تەرەققىي قىلغان. تارىم ۋادىسىدا ياشىغان ئۇيغۇرلار مىلادىدىن بۇرۇنقى دەۋرلەردىن باشلاپلا بۇغداي، تېرىق، چۈژگۈن، ئارپا قاتارلىقلارنى ئۆستۈرۈشكە ئادەتلەنگەن. مەسىلەن، كۆنچى دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنى ۋادىسىدىكى بۇنىڭدىن 4700 نەچچە يىل بۇرۇنقى دەۋرگە ئائىت بىر قەبرىدىن چىققان بۇغداي؛ چەرچەننىڭ زاغۇنلۇقتىكى بۇنىڭدىن 3000 يىل بۇرۇنقى دەۋرگە ئائىت بىر قەبرىدىن چىققان توقاچ قاتارلىقلار بۇنىڭ دەلىلىدۇر. يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ دېھقانچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللانغىنىغا نەچچە مىڭ يىللار بولغانلىقى ۋە ھازىرغىچە داۋام قىلغانلىقى شەكسىز. بۇ ھەقتە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى ۋە پىروفېسسورى ما روڭ 2007-يىلى يازغان «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر دېھقانلار دېڭىز ياقىسىدىكى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۈزلەندى» ناملىق دوكلاتىدا 2000-يىلىغا قەدەر ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ 80 پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنىڭ يەنىلا دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. يەنى، مەزكۇر دوكلات بويىچە قارىساق، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى يېقىنقى يىللارغىچە يەنىلا يەرگە تايىنىپ، دېھقانچىلىق بىلەن تىرىكچىلىك قىلىشنى تاشلىغان ئەمەس. ئەمما ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى، خىتاي تەشۋىقاتىدا دائىم تىلغا ئېلىنىدىغان «يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» سىياسىتىنىڭ پەقەتلا ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلىشىدۇر.
12-دېكابىر كۈنى خەلقئارا كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئادرىئان زېنزنىڭ يەنە بىر مۇھىم دوكلاتى ئېلان قىلىندى. مەزكۇر دوكلاتتا، ئۇيغۇر ئېلىدىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئېكسپورت قىلىنىۋاتقان پەمىدۇر، كۆكمۇچ، قىزىلمۇچ قاتارلىق تۈرلۈك دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر قۇل ئەمگىكى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغانلىقى، شۇنداقلا بۇ خىل ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يەرلىرى مەجبۇرىي تارتىۋېلىنىپ، ئۇلارنى ئۆز يېرىگە ئىشلەمچى بولۇشقا مەجبۇرلاشنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقى ئاشكارىلانغان. ئۇنىڭدا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىرىنى خىتاي شىركەتلىرىگە مەجبۇرىي يۆتكەپ بەرگەنلىكى، بۇ شىركەتلەر ئۇيغۇر دېھقانلارنى مەجبۇرىي قۇل ئىشچى قىلىپ ئىشلىتىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇلارغا كاللا يۇيۇش ۋە سىياسىي ئۆگىنىشكە زورلاش بىلەن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش قاتارلىق ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئۇسۇللارنى قوللانغانلىقى بايان قىلىنغان. مەزكۇر دوكلاتتا خىتاينىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ زامانىۋىي قۇل ئىشچى سىستېمىسىنى بەرپا قىلغان دۆلەت ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، بۇ خىلدىكى زامانىۋىي قۇللۇققا سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 2 مىليۇن 500 مىڭغا يېقىن ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
بولۇپمۇ دوكلاتتا يەر شارى تەمىنلەش زەنجىرىنى ئۇيغۇر قۇل ئەمگىكى ئارقىلىق ياسالغان دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان 72 خەلقئارالىق ۋە 18 خىتاي شىركىتىنى ئېنىقلاپ چىقىلغان. نۇرغۇن مەھسۇلاتلار يەنىلا خەلقئارا داڭلىق ماركىلار بىلەن زىچ باغلانغان.
دەرۋەقە، ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان دېھقانچىلىق كەسپىنى تىرىكچىلىكنىڭ ئاساسىي قىلىپ كەلگەن بىر مىللەت بولۇش سۈپىتىدە، 2000-يىللاردىن كېيىن تۇيۇقسىز ئىشسىزلىق كىرىزىسىگە «چۈشۈپ قالغان». بۇنداق بىر ھادىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدە نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى ھېچ يۈز بەرمەي، خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدا، بولۇپمۇ 2000-يىللاردىن كېيىن يۈز بېرىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەسمۇ؟ ئەگەر بىر كەسىپ ئىگىسىنىڭ ئۆز كەسپىدە تايىنىدىغان قورالى مەجبۇرىي تارتىۋېلىنسا، بۇ كىشى ئەلۋەتتە ئۆز كەسپىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئۇيغۇرلارمۇ ئەلۋەتتە بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس! ئەسلىدە دېھقانچىلىق ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن بىر خەلقنى تېرىيدىغان يەرلىرىدىن ئايرىۋەتسە، «مىليونلاپ ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» تەبىئىي يوسۇندا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ھالبۇكى، بىر مىللەتنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى تەشكىل قىلىدىغان دېھقانلىرىنى نەچچە مىڭ يىل ياشاپ كەلگەن تۇپراقلىرى ۋە دېھقانچىلىق ئىگىلىكىدىن مەھرۇم قالدۇرۇپ، كوللېكتىپ ھالدا كەسىپ ئۆزگەرتكۈزۈش، پەقەت ھاكىمىيەتنىڭ كۈچى ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان ئىشتۇر.
ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يەرسىزلەشتۈرۈش، قۇل ئىشچى قىلىش قىلمىشى خىتاينىڭ ئىجادىيىتى بولماستىن، بەلكى تارىختا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان مىللەتلەر باشتىن كەچۈرگەن قىسمەتلەرنىڭ بىرىدۇر. بولۇپمۇ بۇ خىل قىلمىش سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە بىر قىسىم دۈشمەن دەپ قارالغان مىللەتلەرنى قوغلاپ چىقىرىش ئۇسۇلىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئەينى چاغدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى قىرىم تاتارلىرى، چېچېنلار ۋە ئىنگۇشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەخمىنەن ئىككى مىليونغا يېقىن خەلقنى سىبىرىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا سۈرگۈن قىلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە قىرىم تاتارلىرى بىلەن چېچەنلەرنىڭ سۈرگۈن قىلىنىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا بۇلغارىيە، گىرېتسىيە ۋە ئەرمېنىيەلىكلەردىنمۇ سۈرگۈن قىلىنغانلارنىڭ نىسبىتى زور سالماقنى ئىگىلىگەن. سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا «دۈشمەن مىللەتلەر» نى ياقا-يۇرتلارغا سۈرگۈن قىلىشى، خۇددى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى سۈرگۈن قىلغانغا ئوخشاشلا كۆپىنچە ئەھۋالدا «ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش» نامىدا ئېلىپ بېرىلغان. سۈرگۈن قىلىنغان مىللەتلەرنىڭ يەرلىرىگە خۇددى ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىرىگە خىتايلار كېلىپ ئورۇنلاشقىنىدەك، رۇس كۆچمەنلىرى كېلىپ ئورۇنلاشقان.
ئۇيغۇرلارنىڭ قۇل ئىشچى قىلىنىۋاتقانلىقىغا يۇقىرىقىدىنمۇ ئارتۇق دەلىل بولارمۇ؟ دەرۋەقە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر خەلقىنى ئۇلارغا مەنسۇپ ئانا تۇپراقلىرىدىن ئايرىش ياكى ئۇلارنى پۈتۈنلەي خىتايغا سىڭدۈرۈۋېتىش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەن ۋە ئويلاپ يېتەلىگەن ھەرقانداق ئۇسۇللارنى قوللانغان ۋە قوللىنىۋاتىدۇ. دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ قۇل ئىشچى قىلىنىۋاتقانلىقى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدىغان بىر ھەقىقەت بولۇپلا قالماي، بەلكى بۇ يەنە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىسپاتلىرىدىن بىرىدۇر. تېخىمۇ ئېنىقراقى شۇكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش ھوقۇقىغا ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى ياكى خىتايغا قارشى چەت ئەللەردىكى «دۈشمەن كۈچلەر» ئەمەس، بەلكى دەل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى زىيانكەشلىك قىلماقتا. يەنى خىتاي بۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىرىنى تارتىۋېلىش، سۈرگۈن قىلىش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك يوللار بىلەن ئېلىپ بارماقتا!
[ئەسكەرتىش: بۇ ئوبزوردىكى قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]