خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دىن دۈشمەنلىكى ۋە بۇنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.03.29
مۇستافا ئاقيول: «ئىسلام دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ‹يېتىم› قالدۇرۇلۇشى ئېچىنارلىق بىر ئەھۋال» ئىسلام تەشكىلاتنىڭ خىتاينىڭ ئەرەب-ئىسلام ئەللىرى ۋە باشقا مۇسۇلمانلار جامائىتىگە يۇمشاق كۈچ ئىشلىتىشتە ئەڭ چوڭ رول ئويناۋاتقان ئورۇن ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئىشلەنگەن كارتون. 2020-يىلى ئۆكتەبىر.
Yettesu

ئىسلام جۇغراپىيەسىنىڭ بىر قىسمى بولغان ئۇيغۇر دىيارىدا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلار ئەسىرلەردىن بېرى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇپ كەلگەنىدى. ئەمما 2017-يىل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى باشلانغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشى ۋە باشقا رامىزانلىق پائالىيەتلىرى «دىنىي ئەسەبىيلىك» دەپ قارىلىپ چەكلىنىشكە باشلىدى.

تارىختىن مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى قۇرۇلغاندىن باشلاپلا، بەزىدە «دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى» سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، مەلۇم كەڭچىلىك بەرگەن بولسىمۇ، كۆپ ۋاقىتلاردا ئۇنى خىلمۇ خىل سىياسەتلەر بىلەن چەكلەپ كەلگەن. خىتاي كومپارتىيەسى 50-يىللاردا يول قويغان قىسمەن دىنىي ئەركىنلىكنى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىلىدە «4 كونىنىڭ بىرى» دەپ چەكلىگەن، مۇسۇلمانلارنى مەسچىتلەردە چوشقا بېقىشقا سالغان؛ 80-يىللاردا مەلۇم دەرىجىدە قويۇۋەتكەن دىنىي ئەركىنلىكنى 90-يىللاردىن باشلاپ تەدرىجىي بوغۇشقا باشلىغان ھەمدە ئىسلام دىنىنى تېررورلۇق بىلەن باغلاپ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا زەربە بېرىشنى كۈچەيتكەن.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئالىمجان بوغدا ئەپەندى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دىن باشلاپلا دىنىي باستۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى، 80-يىللاردا بىر ئاز كەڭچىلىك بەرگەن بولسىمۇ، بۇنىڭ پەقەت ئىسلام ئەللىرى بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى، ئارقىدىن يەنە ئەسلى ماھىيىتىگە قايتىپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى باستۇرۇشنى كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دەرۋەقە، شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتى 2014-يىلدىن باشلاپ، دىنلارنى، جۈملىدىن ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئارقىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندە «دىنىي ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» ھەرىكىتىنى باشلاپ، مىليونلىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى لاگېرغا سولاپ، دىنىي كىتابلارنى كۆيدۈرۈپ، مەسچىتلەرنى ۋەيران قىلدى.

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخىدىن مەلۇمكى، ئۇنىڭ ئىدىيە ئاساسى بولغان ماركسىزم دىنغا قارشى ئىدىيەدۇر. ماركسىزمنىڭ نەزەرىيەسى بويىچە ئېيتقاندا، بارلىق دىنلار كىشىنى زەھەرلەيدىغان ئەپيۇنغا ئوخشايدۇ. ماتېرىيالىزملىق پەلسەپە ئاساسىغا قۇرۇلغان ماركسىزم ماددىي دۇنياغا ئەھمىيەت بېرىپ، مەنىۋىيەتنى ئېتىبارغا ئالمايدۇ. خۇدانى ئىنكار قىلىدۇ، ئەمما ستالىن ۋە ماۋ زېدۇڭغا ئوخشاش شەخسلەرنى ئۇلۇغلاشقا، ھەتتا چوقۇنۇشقا يول قويىدۇ؛ جەننەتنى ئىنكار قىلىدۇ، ئەمما كوممۇنىزمنى جەننەت قىلىپ تەسۋىرلەيدۇ. جەھەننەمنى ئىنكار قىلىدۇ، ئەمما ئۆز مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ۋاسىتە تاللىماي كۈرەش قىلىپ، دۇنيانى جەھەننەمگە ئايلاندۇرىدۇ. ئالىمجان بوغدا ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، كوممۇنىست خىتاينىڭ ئېتىقادىغا ئايلانغان كوممۇنىزم ئىسلامغا ئوخشاش ساماۋى دىنلارنىڭ دۈشمىنى، ئۇيغۇرلارنى بۇ ئېتىقادتىن ۋاز كەچتۈرەلمىگەن كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ دىننى پۈتۈنلەي چەكلەش ۋە كىشىلەرنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇش يولىنى تۇتتى.

ئالدىنقى ئەسىردە سوۋېت رۇسىيەنىڭ تەسىرىدە بىر مەھەل دۇنياۋى ئېقىمغا ئايلانغان كوممۇنىزم تارىخنىڭ ئەخلەت تۇڭىغا تاشلانغان بولسىمۇ، خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇنى «خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم» بىلەن ساقلاپ قالدى. ھالبۇكى، بۇ ھاكىمىيەت كۈچلەنگەندىن كېيىن تەختكە چىققان شى جىنپىڭ قايتىدىن خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى ئاشكارىلاپ، بارلىق دىنلارغا دۈشمەنلىك قىلىشقا ۋە كوممۇنىزم بىلەن بىرلەشكەن مىللەتچىلىك غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تەييارلاندى.

2-ئاينىڭ 1-كۈنى ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى ئالاھىدە كومىتېتى رەئىسى مايك گالىگېر (Mike Gallagher) ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەتىگەنلىك زىياپىتىگە قاتناشقاندا قىلغان سۆزىدە كوممۇنىست خىتاينىڭ رەزىل ماھىيىتىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېگەن: «نەچچە ئون يىلدىن بۇيان خىتاي كوممۇنىستلىرى كىشىلەرنىڭ خۇداغا بولغان ئېتىقادىنى ۋەيران قىلىشقا كۈچەپ كەلدى، كۆپ ساندىكى ئېتىقادچىلارنى تۈرمىگە قاماپ قىينىدى. ئۇلار يەنە مىليونلىغان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئېتىقادچى ئاممىنى ئاتالمىش قايتا تەربىيەلەش لاگېرىغا سولىدى. ئۇلار يەنە شىنجاڭدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. مىللىتى ۋە دىنى ئايرىم بولغان كىشىلەرنى بۇنداق زور كۆلەمدە قاماش يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقىدىن بۇيان ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ چوڭ جىنايەتتۇر».

مايك گالىگېر سۆزىدە يەنە، خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ دىنلارنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، ماھىيەتتە بۇنىڭ ئوخشاشلا دىنلارنى يوقىتىش ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى، كوممۇنىزمنىڭ ئەسلىدىنلا ئىنسانىيەتكە دۈشمەن، شەيتانىي ئېتىقاد ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «مەن ئويلايمەنكى، كوممۇنىزم__ دىننىڭ دۈشمىنىدۇر؛ كوممۇنىستلار ھەممىگە ھۆكۈمران بولۇشنى، كوللېكتىپنىڭ كۈچى ئارقىلىق شەخسىي ئەركىنلىكنى، خۇدانىڭ بەندىسى بولغان ھەر كىمنىڭ ئىززەت-غۇرۇرىنى يوق قىلىشنى نىشان قىلىدۇ» دېگەن.

مايك گالىگېرنىڭ سۆزى بويىچە بولغاندا، كوممۇنىزم بارلىق دىنلارغا دۈشمەنلىك قىلىدىغان شەيتاننىڭ دىنىدۇر، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ پۈتۈن دۇنياغا ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىشنى خام خىيال قىلىشى، شى جىنپىڭنىڭ ئۆز ئىدىيەسىنى پارتىيە ئەزالىرىغا يېتەكچى قىلىشى ۋە ئۇلارنى ئۆزىگە خۇداغا چوقۇندۇرغاندەك چوقۇندۇرۇشى شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. تۇڭگان ئانالىزچى ما جۈ ئەپەندى بۇنى قۇۋۋەتلەپ مۇنداق دەيدۇ: «بىر خۇدالىق دىننىڭ خىتاي تۇپرىقىدا مەۋجۇت بولۇشىغا شى جىنپىڭ چىش-تىرنىقىغىچە ئۆچ بولۇپ كەتتى. ناھايىتى ئېنىقكى، ئۇنىڭ بىر خۇدالىق دىننى خىتايچىلاشتۇرىمەن دېگىنى، ئۇ دىننى يوقىتىمەن دېگىنىدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنىنى يۇتۇۋېلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنى باھانە قىلىپ قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەن بولسا، تۇڭگانلارغا پەقەت ئۇلارنىڭ ئىمان-ئېتىقادىنى يوق قىلىش ئۈچۈن دىنىي باستۇرۇش ئېلىپ بارماقتا. خىتاي كومپارتىيەسى مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ ئېتىقاد ۋە مەدەنىيەت باغلىرىنى بۇزۇپ تاشلىغاندىلا، ئۇلارنىڭ زېمىنىدا خالىغىنىنى قىلالايدۇ، زوراۋانلىق قىلىدۇ، بۇلاپ-تالايدۇ، ئۇلارنى باستۇرۇپ قارشىلىق كۆرسىتەلمەس ھالغا ئېلىپ كېلىدۇ. مانا بۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بىر خۇدالىق دىننى خىتايچىلاشتۇرۇشتىكى تۈپ غەرىزىدۇر».

سىياسىي كۆزەتچى ئىلشات ھەسەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ دىن دۈشمەنلىكى تارىختىن بېرى مەۋجۇت. نۆۋەتتە بۇ ھازىر ئۇيغۇرلار ئېتىقاد قىلىۋاتقان ئىسلام دىنىنى خىتايچىلاشتۇرۇشتا ئەڭ روشەن ئىپادىلەنمەكتە. ئۇ پەقەت مەسچىتلەرنى چېقىشنىلا ئەمەس، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام ئېتىقادى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن پۈتكۈل مەدەنىيىتىنى يوق قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي ئۈرۈمچىدە ئەرەب دۆلەتلىرى پارتىيە كادىرلىرى تەكشۈرۈش ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى. 2027-يىلى 27-مارت، ئۈرۈمچى
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي ئۈرۈمچىدە ئەرەب دۆلەتلىرى پارتىيە كادىرلىرى تەكشۈرۈش ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى. 2027-يىلى 27-مارت، ئۈرۈمچى
chinaarabcf.org

80-يىللاردا ئەرەب-ئىسلام ئەللىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتكەن خىتاي ھۆكۈمىتى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇلار بىلەن قويۇق ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئورناتقان بولۇپ، ئۇلاردىن ھېچقايسىسى ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلالمايدىغان، خىتايغا قارشى چىقالمايدىغان ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرگەن. ئىلگىرىكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولغىنىدەك، نەچچە يىلدىن بۇيان، مۇسۇلمان دۆلەتلەر ۋەكىللەر ئۆمىكى كۆپ قېتىم ئۇيغۇر رايونىغا كېلىپ، خىتاينىڭ داغدۇغىلىق زىياپەتلىرىگە ۋە كۆز بويامچىلىق زىيارەتلىرىگە داخىل بولغانىدى. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رامىزان كۈنلىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر مەزگىلدە، يەنى 27-مارت كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ پارتكوم سېكرېتارى ما شىڭرۈي ئەرەب دۆلەتلىرىدىن كەلگەن سىياسىي پارتىيە ۋەكىللىرى ئۆمىكىنى كۈتۈۋالغان. ئالىمجان بوغدا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاينىڭ ھەر ۋاقىت ئەرەب-ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ھۆكۈمەت، پارتىيە قاتلىمىدىكى سىياسەتچىلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ تۇرىدىغانلىقى، ئەمما ئۆلىمالار ئۆمىكىنىڭ ئازىيىپ قالغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ بۇ جەھەتتە تېگىشلىك رول ئوينىغانلىقىنى ۋە داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.