خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى كۆز-قۇلىقى زورىيىۋاتامدۇ؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2016.12.27
kocha-charlash-qoralliq-saqchi-herbiy-qeshqer.jpg كوچا چارلاۋاتقان قوراللىق ئەسكەرلەر. 2014-يىلى 31-ئىيۇل، قەشقەر.
AFP

«خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى كۆز، قۇلىقى زورايماقتا» ناملىق ماقالىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ساقچىلار قوشۇنىنى جىددىي كۆپەيتىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

يېقىندا جامېس لايبولد ۋە ئادرىيان زەنزنىڭ ئاپتورلۇقىدا «دىپلوماتىيە ئىشلىرى» تورىدا ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى كۆز، قۇلىقى زورايماقتا» ناملىق ماقالىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ساقچى قۇرۇلۇشىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتىپ، شەھەرلەردىن يېزا، قىشلاقلارغىچە ساقچى پونكىتلىرىنى جىددىي رەۋىشتە كۆپەيتىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان. مەزكۇر ماقالىنىڭ قوشۇمچە تېمىسى: «قۇلايلىق ساقچىلىرىنىڭ 24 سائەتلىك چارلىشى» دىن ئىبارەت بولۇپ، ماقالە ئۆتكەن بىر قانچە ئاي ئىچىدە ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن ئالاھىدە ئۆزگىرىشلەرنى مەزمۇن قىلغان.

ماقالە مۇنداق باشلىنىدۇ: «ئالدىنقى بىرقانچە ئايدا، خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى تىنچسىز شىنجاڭ رايونىدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. مەزكۇر رايوندا مىڭلىغان يەرلىك ساقچى ئىدارىلىرى قۇرۇلۇپ، پۈتۈن كۈنلۈك ئارقاسەپ مۇلازىمەتلىرىنى باشلىۋەتتى. ‹قۇلايلىق ساقچى ئىدارىسى› دېگەن نامدا مەلۇم بولۇۋاتقان بۇ قۇرۇلما ھاكىمىيەت بېشىدىكى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان شىنجاڭ رايونىدا زور تەسىر قوزغاپ كېلىۋاتقان دىنىي ۋە ئېتنىك قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى تۈگىتىش يولىدىكى ئەڭ يېڭى تىرىشچانلىقىدۇر. 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئەجەللىك توپىلاڭدا ئۇيغۇر ۋە خىتاي ئارىسىدىكى قانلىق توقۇنۇشتىن كېيىن، خىتاي ھاكىمىيىتى بىخەتەرلىك قۇرۇلمىلىرىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتىپ، رايوننى كونترول قىلىشنى كۈچەيتتى.»

ماقالىدە يەنە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 2014-يىلىدىن باشلاپ 200 مىڭ كادىرنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى نازارەتنى كۈچەيتكەنلىكى، بولۇپمۇ چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا پارتكوم سېكرېتارى بولۇپ تەيىنلەنگەندىن كېيىن، «مۇقىملىقنى ھەممىنىڭ ئالدىغا قويۇش» چاقىرىقى بىلەن قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە يۈزلەرچە ساقچى ئىدارىسىنى قۇرۇپ چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ماقالىدە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىلا 949 بىخەتەرلىك ساقچى پونكىتى قۇرۇپ چىققانلىقىنى، ھازىر قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، غۇلجا رايونلىرىدا بۇ قۇرۇلۇشنى جىددىي ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، تەكلىماكان قۇملۇقى بويىغا جايلاشقان، نوپۇسنىڭ 81% ئىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدىغان مەكىت ناھىيىسىدە 61 ساقچى ئىدارىسى قۇرۇپ چىققانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە ھەربىر يېزا، بازاردا 14 ساقچى ئىدارىسى بارلىقى تىلغا ئېلىنغان.

ماقالىدە يەنە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا بۇ يىل يېڭىدىن 31 مىڭ ساقچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى يولغا قويغانلىقى، 2012-يىلىدىن بۇيان، ئۇيغۇر رايونىدا 60 مىڭ بىخەتەرلىك خادىمىنىڭ كۆپەيتىلگەنلىكى ۋە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك خامچوتىنىڭ تولىمۇ قىممەتكە چۈشكەنلىكى» كۆرسىتىلىپ: «بۇ خامچوت 2009-يىلىدىن بۇيان 356 پىرسەنت ئاشقان بولۇپ، 2016-يىلى، يەتتە مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. ھالبۇكى، شىنجاڭنىڭ جەمئىي ئىچكى بىخەتەرلىك خىراجەت خامچوتى بۇنىڭدىن ئۈچ ھەسسە كۆپ بولۇپ، 2015-يىلىنىڭ ئۆزىدىلا يەرلىك مالىيەنىڭ بىخەتەرلىككە ئاجراتقان خىراجىتى ۋە مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ئاجراتقىنىنى قوشقاندا، بۇ سان 25 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن» دەپ بايان قىلىنغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى تېخى يېقىندىلا يولغا قويغان «خەلق ساقچىسى قانۇن لايىھىسى» كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھەمدە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى. ماقالىدە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ساقچىلار قوشۇنىنى زور كۈچ بىلەن كۆپەيتىش مەسىلىسى توغرىلىق زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

«خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى كۆز-قۇلىقى زورايماقتا» ناملىق ماقالىدە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ، بۇ قەدەر زور مەبلەغ بىلەن كۈچەيتىلىۋاتقان ساقچى كۈچلىرىگە تايىنىپ رايوننى ئىدارە قىلىش سىياسىتى زوراۋان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى قارىماققا مەلۇم دەرىجىدە چەكلەش مەقسىتىگە يەتكەن بولسىمۇ، ئۇيغۇر-خىتاي ئارىسىدىكى ئىشەنچىسىزلىكنى، مەدەنىيەت توقۇنۇشىنى كۈچەيتكەنلىكىنى تەستىقلايدىغانلىقى بايان قىلىنىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىغا قارىتا يولغا قويۇۋاتقان بۇ تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە بۇ رايوننىڭ چۇڭقۇر ئىچكى قاتلاملىرىدا ئۆتكۈر بىر زىددىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى دەلىللەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

گېرمانىيە بېرىمىن پارلامېنتىنىڭ مىللەت ۋەكىلى مۇستافا ئۆزدەمىر ئەپەندىمۇ يۇقىرىقى قاراشنى تەكىتلەپ، خىتايدا ساقچى زوراۋانلىقىنىڭ يىلسېرى ئەۋج ئېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت، تىل، دىن ۋە ئۆرپ -ئادەتلىرىنىڭ زورلۇق بىلەن باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقانلىقىنى غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تىلغا ئېلىپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ ساقچى زوراۋانلىقى بىلەن ئۇيغۇر كىملىكىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇش ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىدە ئەۋج ئالماقتا. بىر مىللەتنىڭ كىملىكى زورلۇق بىلەن ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلانسا، زورلۇق بىلەن جاۋاب بېرىش يولىنى تاللايدىغانلارنىڭ سانى كۆپىيىدۇ. بۇ خىتاي ۋە رايوننىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن زىيانلىق. ئۇيغۇرلار ساقچى تېررورىنىڭ قۇربانلىرى بولماسلىقى كېرەك.»

ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى ئەنىۋەرجان ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاينىڭ ھەر تۈرلۈك قاتتىق قول سىياسەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى تىنچىتىشتا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالمىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

«خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى كۆز-قۇلىقى زورايماقتا» ناملىق ماقالىدە يەنە، تىبەتتە يولغا قويغان ساقچى سىياسىتى ۋە بۇنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدىمۇ توختىلىپ ئۆتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.