خىتاينىڭ «شىنجاڭ ياخشى جاي تەشۋىقاتى» قانداق مەغلۇپ بولدى؟
2025.01.11
«بلۇمبېرگ گېزىتى» (Bloomberg News) 8-يانۋاردا ئېلان قىلغان «خىتاي تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ چەت ئەل ساياھەتچىلىرىنى چاقىرىش پىلانى مەغلۇپ بولدى!» ناملىق ماقالىسى بىر قانچە كۈندىن بېرى، ھەرقايسى خەلقئارا ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە قىزىق تېمىغا ئايلاندى. مەزكۇر خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتاي ئۆزىنىڭ غەرب دۆلەتلىرىگە ھەقسىز ۋىزا سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، بۇ سىياسەتنىڭ خىتاي ساياھەتچىلىكىگە ئېلىپ كېلىدىغان پايدىسىنىڭ نەچچە ئون مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىش ئېھتىماللىقىنى مۆلچەرلىگەن، لېكىن خىتاينىڭ بۇ مۆلچەرى رېئاللىقتا ئەمەلگە ئاشمىغان.
ئەمەلىيەتتە خىتاي 2019-يىلىدىن باشلاپ پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىكى 50 نەچچە دۆلەتكە قارىتا ۋىزىسىز خىتايغا كىرىش سىياسىتىنى يولغا قويغانىدى. خىتاي بۇ سىياسەتنى ئۆتكەن يىلى غەربتىكى ئەنگلىيە، گوللاندىيە، ئىتالىيە، گېرمانىيە قاتارلىق ئون نەچچە دۆلەتكە داۋاملىق ئۇزارتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. قىزىق يېرى شۇكى، بۇنداق قىلىش بىلەن غەرب دۆلەتلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ خىتايغا ساياھەتكە بېرىش نىسبىتىدە ھېچقانچە ئۆرلەش بولمىغان. ئەسلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەرب دۆلەتلىرى ساياھەتچىلىرىنىڭ خىتايغا ۋىزىسىز كىرىشىنى قولايلىقلاشتۇرۇشى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىدى. چۈنكى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى دەل ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرىدە جىددىي دىققەت قوزغىغان. شۇنداق بولۇپلا قالماي، خىتاينىڭ بۇ جىنايىتىگە قارىتا تۈرلۈك جازالاش تەدبىرلىرى غەرب دۆلەتلەر تەرىپىدىن يولغا قويۇلۇپ، خىتاينىڭ ئۆتكەن يىللاردىكى ئىقتىسادىغا زور تەسىر پەيدا قىلغان ئىدى. شۇنداقتىمۇ خىتاي يەنىلا ئۆزىنىڭ «گۇناھسىز» لىقىغا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ جامائىتىنى ئىشەندۈرۈش مەقسىتىدە، «شىنجاڭ ياخشى جاي» تەشۋىقاتى نامىدا غەرب دۆلەتلىرىدىكى ساياھەتچىلەرنى ئۇيغۇر ئېلىگە ۋىزىسىز ساياھەت سىياسىتى بىلەن جەلپ قىلىشقا تىرىشقان.
خىتاي ئۆتكەن بىر قانچە يىل ئىچىدە تۈرلۈك ناملاردىكى «ساياھەت يىغىنى» نى توختىماي ئېچىپ، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ساياھەتچىلىك ساھەسىدىكى كارخانىچىلارنى كۆپلەپ ھەقسىز ساياھەتكە ئورۇنلاشتۇردى. نۇرغۇن دۆلەتلەرگە توختىماي ئادەم ئەۋەتىپ، ئاتالمىش «شىنجاڭ ياخشى جاي» تەشۋىقاتلىرىنى ئېلىپ باردى. ھەتتا ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ساياھەتچىلىك كەسپىنى «شىنجاڭنىڭ ئون چوڭ كەسىپلەر توپى» غا كىرگۈزدى. ئەمما بۇ خىل ئۇرۇنۇشلارنىڭ ئۈنۈمى ھېچ كۆرۈلمىگەنلىكىنى خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىستاتىستىكىسى ۋە «بلۇمبېرگ گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان خەۋەرنىڭ تەپسىلاتىدىن كۆرەلىشىمىز مۇمكىن.
«بلۇمبېرگ گېزىتى» دە دېيىلىشىچە، 2024-يىلىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، خىتايغا كەلگەن چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 23 مىليون ئادەم قېتىم بولغان. گەرچە بۇ سان 2023-يىلدىكىدىن ئىككى ھەسسە كۆپ بولسىمۇ، لېكىن 2019-يىلىدىكى نىسبەتتىن يەنىلا تۆۋەن بولۇپ، خىتاي ئۈمىد قىلغان پايدىدىن تولىمۇ يىراق بولغان. يەنى مەزكۇر ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، چەت ئەل ساياھەتچىلىرىنىڭ خىتايغا بېرىش نىسبىتىنىڭ ھەسسىلەپ ئېشىشى ۋە بۇ سەۋەبلىك خىتايغا كېلىدىغان زور ئىقتىسادىي ئۈنۈم ئەسلا كۆرۈلمىگەن. بۇنداق بولۇشىدا ئىقتىسادىي شارائىتى ئالاھىدە ياخشى بولغان ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ خىتايغا ساياھەتكە بارمىغانلىقى مۇھىم رول ئوينىغان. نامرات ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەردىكى ساياھەتچىلەرنىڭ خىتايغا بېرىشى كۆپەيگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ دۆلەتلەردىكى ساياھەتچىلەرنىڭ تۆۋەن ئىستېمال سەۋىيەسى، خىتاي كۈتكەندەك زور ئىقتىسادىي پايدىنى يارىتالمىغان. ئۇ ھالدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەھۋاللارچۇ؟
خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىگە 2024-يىلىدا چەت ئەلدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى قازاقىستان، تايلاند ۋە مالايسىيادىن كەلگەن ساياھەتچىلەر تەشكىل قىلغان، باشقا دۆلەتلەر بولسا تىلغا ئېلىنمىغان.
«بلۇمبېرگ گېزىتى» دە دېيىلىشىچە، خىتاينىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلىرىدا «چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى ھەققىدە ئىنچىكە تۈرگە ئايرىلمىغان» لىقى ئەسكەرتىلگەن. لېكىن مەزكۇر گېزىت خىتاينىڭ ھاۋا يولىدىكى ئۇچۇر ئارخىپلىرى، بىلەت مۇلازىمىتىنى ئانالىز قىلىش شىركىتى بولغان ForwardKeys نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا تايىنىپ، بۇ ھەقتىكى ئېنىق ئۇچۇرغا ئېرىشكەن. ئۇلارنىڭ تەكشۈرۈشىچە، خىتاينىڭ قوشنا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ئاتالمىش «چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر» نىڭ زور بىر قىسمىنى ئىگىلىگەن. يەنى، 2024-يىلى مالايسىيا ساياھەتچىلىرىنىڭ خىتايغا بېرىپ-كېلىش ئايروپىلان بېلىتى زاكاز مىقدارى، 2019-يىلىدىكىدىن 69 پىرسەنت كۆپەيگەن. تايلاند ساياھەتچىلىرىنىڭ بولسا 30 پىرسەنت كۆپەيگەن. دېمەك، بۇ سانلىق مەلۇماتلار، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى ئۇيغۇر ئېلىگە كەلگەن چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر ئىچىدە مالايسىيا ساياھەتچىلىرىنىڭ ئەڭ زور نىسبەتنى ئىگىلىگەنلىكى دائىر ئېلان قىلغان ئۇچۇرى بىلەن ئوخشاش چىققان. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىگە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ كېلىۋاتقانلىقى راست، لېكىن بۇ چەت ئەللىكلەر ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىدىن كېلىۋاتقان ساياھەتچىلەر ئەمەسلىكى ئېنىق.
دەرۋەقە، خىتاي گەرچە ساياھەتچىلىك كەسپىنى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇشتىكى بىر قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىشنىڭ كويىغا چۈشكەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ پىلان ئاچچىق رېئاللىق ئالدىدا مەغلۇپ بولغان. يەنى، خىتاي ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا خىتاي بولمىغان خەلقلەر، ھەتتا ئۆز خەلقى ئۈستىدە توختىماي ئۆتكۈزۈۋاتقان جىنايەتلىرى، خەلقئاراغا، بولۇپمۇ غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىگە كەلتۈرۈۋاتقان ئېغىر تەھدىت ۋە زىيانلىرى بىلەن بۈگۈن غەرب دۇنياسىنىڭ نەزەرىدىن چۈشكەن بىر دۆلەتكە ئايلانغان. ئېنىقراقى، خىتاينىڭ «شىنجاڭ ياخشى جاي» تەشۋىقاتى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ رېئاللىقى بىلەن مەغلۇپ قىلىنغان!
[ئەسكەرتىش: بۇ ئوبزوردىكى قاراشلار ئاپتورنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]