تەتقىقاتچى ۋاڭ جيەنشىن: غەربىي شىمالدىكى خۇيزۇلار

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2014-07-14
Share
islam-dinidiki-xuyzular.JPG ياپونىيەدە نەشر قىلىنغان «ئىسلام دىنىدىكى خۇيزۇلار» ناملىق كىتابتىن سۈرەتكە ئېلىندى. 2014-يىلى ئىيۇل.
RFA/Qutluq

ياپونىيە كاناگاۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋاڭ جىئەنشىن ياپونىيە سېكائىشىسو نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «ھازىرقى جۇڭگودىكى مىللەتلەر ۋە ئىقتىساد» ناملىق تەتقىقات دوكلات مەجمۇئەسىدە «غەربىي شىمالدىكى خۇيزۇلار» سەرلەۋھىلىك تەتقىقات دوكلات ماقالىسى ئېلان قىلغان بولۇپ مەزكۇر ماقالىدە غەربىي شىمالدىكى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندىكى خۇيزۇلارنىڭ، يەنى تۇڭگانلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد جەھەتتىكى ئەركىنلىكى، بولۇپمۇ خانىم-قىزلارنىڭ دىنىي مائارىپى توغرىسىدا ئېلىپ بارغان تەتقىقات ئۇچۇرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

تەتقىقاتچى ۋاڭ جىئەنشىن ماقالىسىدە خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ھوقۇقىنى ئۆز قولىغا بەرگەنلىكىنى كۆرسەتكەن. خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد جەھەتتىنلا ئەركىن بولۇپ قالماستىن بەلكى خىتاينىڭ ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش سىياسىتىدىن تولۇق بەھرى ئېلىۋاتقان غەربىي شىمالدىكى خۇيزۇ مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا بازار ئىگىلىكى تىكلەش بىلەن بىرگە بۇندىن ئالغان ئىقتىسادىي پايدىلىرىغا ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ۋە شۇنداقلا خانىم-قىزلارنىڭ تەربىيىلىنىشى ئۈچۈن مەخسۇس دىنىي مەدرىسە ۋە مەسچىتلەرنى سالغانلىقى ماقالىدە كۆرسىتىلگەن.

ئۇ،ماقالىسىدە ئۈرۈمچىدىكى خۇيزۇلارنىڭ قەدىمىي مەسچىتلىرىدىن بىرى بولغان شەنشى مەسچىتىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ: «ئۈرۈمچىدىكى بۇ مەسچىت خۇيزۇلارنىڭ دىنىي مەكتىپى،دىنىي مۇراسىملار، توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغلار ئۆتكۈزۈلىدىغان غايەت زور مەدەنىيەت مەركىزى»، دېگەن.

ماقالىدە يەنە ئۈرۈمچىدە 1980-يىللاردىن كېيىن قۇرۇلغان خۇيزۇ خانىم-قىزلىرىنىڭ مەخسۇس ئىسلامىي دىنىي تەلىم-تەربىيە ئېلىش مەركەزلىرىنىڭ تەسىس قىلىنغانلىقىنى ۋە ھازىرغىچە ئوقۇتۇش ئىشلىرىنىڭ داۋاملاشلىۋاتقانلىنى بىلدۈرگەن.

خىتايدىكى خۇيزۇ خانىم-قىزلىرىنىڭ ئىسلامىي ئىلىملەرگە بولغان قىزىقىشىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىشى نەتىجىسىدە، نىڭشا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىدىكى بىر قىسىم نەشرىيات ئورۇنلىرى ئەرەب تىلىدىكى دىنىي ئوقۇتۇش كىتابلىرىنى خىتاي تىلىغا تەرجىمە قىلىپ باستۇرۇشنى يولغا قويغانلىقىنى ماقالىدە ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتايدىكى ئۇيغۇر،خۇيزۇ قاتارلىق مىللەتلەر ئوخشاش بىر دىنغا ئېتىقاد قىلسىمۇ ئەمما ئۇلارنىڭ قانۇن ئالدىدىكى باراۋەرلىك مەسىلىسى ھەققىدە توختالغان كيۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى مۇختارجان ئابدۇراخمان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆتتى:

غەربىي شىمالدىكى خۇيزۇلارنىڭ يېزا-قىشلاقلاردىكى ئەنئەنىۋى ئىسلام دىنىنى ئۆگىتىش مائارىپىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن مۇسۇلمان ئەللىرى بىلەن بولغان دوستلۇقىنى كۈچەيتىپ ھەر قايسى ئۆلكە ئاپتونوم رايونلار ئىسلام ئەللىرى بىلەن بولغان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى كۆپلەپ ئېلىپ بېرىپ ،بىر قىسىم خانىم-قىزلارنى ئەرەب ۋە ئىسلام ئەللىرىگە ئوقۇش ۋە بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتىپ، بىر قىسىم مۇسۇلمان ئەللىرىدىن خۇيزۇ خانىم-قىزلارغا مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلغانلىقىمۇ ماقالىدە ئالاھىدە ئەسكەرتىلىپ ئۆتۈلگەن.

ماقالىدە خۇيزۇ خانىم-قىزلارنىڭ ئىسلامىي دىنىي كىيىملەر بىلەن كوچا-كويلاردا ئەركىن ئازادە ئۆز تىجارىتىنى قىلىشى بىلەن بىرگە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ۋە شۇنداقلا ئالىي،ئوتتۇرا،باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەركىن-ئازادە ھالدا ئىسلامىي كىيىملەرنى كىيىم يۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پۈتكۈل ماقالىدە ئاپتور خىتايدىكى خۇيزۇ مۇسۇلمانلىرى ھەققىدە بىر قىسىم ئۇچۇرلارنى بەرگەن بولسىمۇ ئەمما ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى توغرىسىدا پەقەتلا توختالمىغان.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت