ئادرىئان زېنس قاتارلىق مۇتەخەسىسلەر «شىنجاڭ نوپۇسىنىڭ تەرەققىياتى» ناملىق ئاقتاشلىق كىتابتىكى يالغانچىلىقلار ھەققىدە توختالدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2021.09.29
خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى نوپۇسنى شالاڭلاشتۇرۇش سىياسىتى ۋە بۇنىڭغا يوشۇرۇنغان ئاخىرىقى مەقسەدلەر ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «كومۇنىزىم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور ئادريان زېنز «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» دە تور ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ كېمىيىشى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بەرمەكتە. 20201-يىلى 13-سېنتەبىر.
Photo: RFA

خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى ئاخبارات ئىشخانىسى 26-سېنتەبىر كۈنى «شىنجاڭ نوپۇسىنىڭ تەرەققىياتى» ناملىق ئاقتاشلىق كىتاب ئېلان قىلدى.

«شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى» نىڭ مەزكۇر ئاقتاشلىق كىتاب ھەققىدىكى خەۋىرىدە، «خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسىنىڭ تېز سۈرئەتتە كۆپەيگەنلىكى، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش نىسبىتىنىڭ ئاشقانلىقى» ھەققىدە جار سالغان.

ئاقتاشلىق كىتابتا يەنە خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن «1964-يىلى ئېلىپ بارغان تۇنجى قېتىملىق ئومۇمىي نوپۇس تەكشۈرۈشتە، شىنجاڭ نوپۇسى 7 مىليون 270 مىڭ، 1982-يىلدىكى نوپۇس تەكشۈرۈشىدە 13 مىليون، 1990-يىلى 15 مىليون، 2000-يىلى 18 مىليون، 2010-يىلى 21 مىليون، 2020-يىل 25 مىليون ئەتراپىدا بولغان. يىللىق نوپۇس كۆپىيىش نىسبىتى تەخمىنەن بىر پىرسەنتتىن 3 پىرسەنتكىچە بولغان،» دېيىلگەن.

ئاقتاشلىق كىتابتا يەنە نۆۋەتتە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىدە كۈچىيىۋاتقان «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى» ھەققىدىكى خەۋەرلەر ۋە ئەيىبلەشلەرگە قارىتا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈلگەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە لاگېرلار ھەققىدە تىتقىقات ئېلىپ بارغان ئادرىئان زېنىس ئەپەندى، ئۇيغۇرلا ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا ئەڭ كۆپ ئىزدەنگەن غەربلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى. ئۇ يېقىندا ئېلان قىلغان ئىككى مۇھىم تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قاراتقان مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش سىياسىتى سەۋەبىدىن 4 مىليون 500 مىڭ بوۋاقنىڭ ئاز تۇغۇلغانلىقى، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ يېقىنقى بىر قانچە يىلدا 40 نەچچە پىرسەنت ئازىيىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بۈگۈن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئادرىئان زېنس ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر ئاقتاشلىق كىتابتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ نوپۇسىنىڭ ئازىيىۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، خىتاينىڭ ھۇجۇم نىشانى ئۆزىگە ئوخشاش بۇ ساھەدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىلمىي يەكۈنلىرىگە رەددىيە بېرىش ئىكەن.

ئادرىئان زېنس ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ئېلان قىلغان بۇ ئاقتاشلىق كىتابتا رايوندىكى نوپۇسنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تەبىئىي كۆپىيىشىنى كۆرسىتىپ بېرىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمما نوپۇسنىڭ ئۆزگىرىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن ئىجتىمائىي ئامىللار ھەققىدە توختالمىغان. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇ ئىلگىرى ئېلان قىلغان ئۇيغۇر نوپۇسى ھەققىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتلىرىدا دەل مۇشۇ مەسىلىلەر نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلانغان ئىكەن.

ئادرىيان زېنس ئەپەندى «ئاقتاشلىق كىتاب» تا 2017-يىلدىن كېيىنكى بىرقانچە يىلدا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تۇغۇش نىسبىتىنىڭ تۇيۇقسىز كېمىيىپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ يەنە شۇنداق بۈولۇشىغا قارىماي، خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى سابىق باش ئەلچىسى سۈي تيەنكەينىڭ تىۋىترېردا «ئۇيغۇر ئاياللىرى تۇغۇش ماشىنىسى بولۇشتىن ئازاد قىلىندى» دېگەن سۆزلەرنى يازغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن ئادۋوكات تېڭ بياۋ ئەپەندى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆز سىياسىتىنى ئاقلاش ئۈچۈن ئېلان قىلغان ئاتالمىش «ئاقتاشلىق كىتاب» لىرىنىڭ ئەمەلىي تەكشۈرۈش ۋە پاكىتلارنى ئەمەس، بەلكى سىياسىي مەقسەتنى چىقىش نۇقتىسى قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

تېڭ بياۋ ئەپەندى يەنە «ئاقتاشلىق كىتاب» تا رايوندىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ مەجبۇرى تۇغۇت كونتروللۇقى سەۋەبىدىن سۈنئىي رەۋىشتە ئازايتىلىشى، خىتاي نوپۇسىنىڭ 1949-يىلدىكى 250 مىڭدىن شىددەت بىلەن كۆپىيىپ ھازىرقى 11 مىليونغا يېتىشى، شۇنداقلا رايوندا 6 مىليوندىن 8 مىليونغىچە خىتاي ئاقما نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى قاتارلىق رېئاللىقلارنىڭ تىلغا ئېلىنمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي بۇ قېتىم ئېلان قىلغان «شىنجاڭ نوپۇسىنىڭ تەرەققىياتى» ناملىق ئاقتاشلىق كىتابنىڭ سىياسىي مەقسىتى، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئىنكار قىلىش ۋە «ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كېمىيىپ كېتىشى» نى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئىكەن. شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن، بۇ «ئاقتاشلىق كىتاب» نى ئەمەلىيەتتە يەنە بىر يالغانچىلىق تەشۋىقاتى دېيىشكە بولىدىكەن.

گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئاسىيە ئۇيغۇر خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئاسىيە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەتقىقاتچى ئادرىئان زېنس ئەپەندى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويغان 2040 يىلغىچە 4 مىليون 500 مىڭ ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئازلاپ كېتىدىغانلىقى ھەققىدىكى مەلۇمات، خىتاي ھۆكۈمەت مەنبەلىرىدىن توپلانغان پاكىتلار ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىكەن.

ئاسىيە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان پىلانلىق تۇغۇت ئارقىلىق نوپۇسنى كونترول قىلىش سىياسىتىنى 1970-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىلا يوشۇرۇن يولغا قويۇشقا باشلىغان ئىكەن. 1988-يىلىغا كەلگەندە ئاندىن رەسمىي ھۆججەت چىقىرىپ ئىجرا قىلىشقا باشلىغان.

ئۇ ئۇيغۇرلارغا پىلانلىق تۇغۇت يولغا قويۇلغان 1988-يىلدىن 2000-يىلغىچە تەخمىنەن 3 مىليون بوۋاقنىڭ ئاز تۇغۇلغانلىقى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى ئېلان قىلغان بىر ھۆججەتتىن نەقىل كەلتۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خادىملىرىدىن نورۋېگىيەدىكى سەمەت ئابلا ئەپەندى ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر نوپۇسى ھەققىدە مەلۇماتلارنى توپلاپ ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىسپاتلاشتىكى مۇھىم نۇقتا ئىكەن.

سەمەت ئابلا ئەپەندى 2017-يىلدىن 2020-يىلغىچە بولغان جەرياندا ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشى پۈتۈنلەي توختاپ قېلىش ھالىتىدە بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2020-يىلدىكى نوپۇس ئىستاتىسكىسىدا ئۇيغۇر نوپۇسى ئەڭ زىچ بولغان خوتەن قاتارلىق جەنۇبىي ۋىلايەتلەردىكى نوپۇسنىڭ ئېلان قىلىنمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى ئەنۋەر ئەخمەت ئەپەندىمۇ خىتاينىڭ مەزكۇر «ئاقتاشلىق كىتاب» نى ئېلان قىلىشىتىكى مەقسىتى ۋە يەتمەكچى بولغان نىشانى ھەققىدە توختالدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.