”نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى“دە تاھىر ئىمىن ئوبزورى: «دۇنيا ئۇيغۇرلارنى تاشلىۋەتتى»

بۇ ئوبزور ئۇيغۇر دىياسپوراسىنىڭ نۆۋەتتە پەقەت سىياسىي كۈرەشلا ئەمەس، بەلكى مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بەلگىلەيدىغان بىر مەدەنىيەت ۋە كىملىكنى ساقلاپ قېلىش جېڭى قىلىۋاتقانلىقىنى دۇنيا سىياسىي سەرخىللىرىغا يەنە بىر قېتىم ئەسلىتىپ قويدى.

ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ۋە ژۇرنالىست تاھىر ئىمىن دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلاردىن بىرى بولغان «نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» (The New York Times) دە ”دۇنيا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويدى“ دېگەن ماۋزۇدا ئوبزور ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇر كرىزىسىدىكى سۈكۈتىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. ئۇ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەر سەۋەبىدىن دۇنيانىڭ ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇشتا مەغلۇپ بولغانلىقىنى، ئەمدىلىكتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەدەنىيىتى ۋە كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن جىددىي كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

تاھىر ئىمىن ئۆزىنىڭ ۋەتەندە قالغان قىزى بىلەن ئايرىلغىنىغا ئون يىل بولغانلىقىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلارنى تاقىغانلىقىنى دەۋا قىلىشىغا قارىماي، ئۇيغۇرلارنىڭ يەنىلا مەجبۇرىي ئەمگەك، يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت ۋە تۇغۇت چەكلەش قاتارلىق زۇلۇملارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ يېقىنقى مەزگىللەردىكى ئامېرىكا-خىتاي ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشلىرىدا ئۇيغۇرلار تېمىسىنىڭ كۈنتەرتىپكە كەلمىگەنلىكىنى تەنقىد قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ «دۇنيا بىزنى تاشلىۋەتتى» دېگەن ئاچچىق ھەقىقەتكە يۈزلەنگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئوبزوردا ئۇيغۇر دىياسپوراسى دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر تىلىنىڭ يوقىلىش خەۋپى، ئۇيغۇر يىتەكچى مۇتەخەسىسلەرنىڭ يىتەلىك بولماسلىقى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە كىملىكىنى قوغداشتا مەبلەغ مەنبەسىنىڭ كەمچىل بولۇشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى جىمىقتۇرۇش ئۈچۈن سىستېمىلىق قورقۇتۇش ۋە ئاخبارات تور بەتلىرىگە تور ھۇجۇمى قىلىشى قاتارلىق نۇقتىلار ئەمەلىي مىساللار بىلەن ئوتتۇرىغا قۇيۇلدى.

تاھىر ئىمىن ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا خەلقئارا جەمئىيەت، ھۆكۈمەتلەر ۋە خۇسۇسىي تەشكىلاتلارغا سىياسىي باياناتلار بىلەنلا چەكلەنمەي، جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈش چاقىرىقى قىلدى.

بۇ ئوبزور ئۇيغۇر دىياسپوراسىنىڭ نۆۋەتتە پەقەت سىياسىي كۈرەشلا ئەمەس، بەلكى مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بەلگىلەيدىغان بىر مەدەنىيەت ۋە كىملىكنى ساقلاپ قېلىش جېڭى قىلىۋاتقانلىقىنى دۇنيا سىياسىي سەرخىللىرىغا يەنە بىر قېتىم ئەسلىتىپ قويدى.