تۈرك يازغۇچى تاھا كىلىنچ خىتايپەرەس مۇخبىرلارنى قامچىلىدى: «نومۇسسىزلار»

تۈرك يازغۇچى، مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاھا كىلىنچ «يېڭى شەپەق» گېزىتىدە ماقاله ئېلان قىلىپ، خىتايپەرەس تۈرك مۇخبىرلىرىنى تەنقىد قىلدى.

27-ئىيۇل كۈنى تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئەنقەرەدىكى تۈرك-خىتاي دوستلۇق گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ يېتەكچىلىكىدە شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىۋاتقان خىتايپەرەس تۈرك ئاخباراتچىلارنىڭ ساختىپەز تەشۋىقاتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

نامايىشچىلار زۇلۇمغا كۆز يۇمماسلىق، زالىمغا يانتاياق بولماسلىق ھەققىدە شۇئارلار توۋلىدى ۋە ئاخبارات باياناتىدا تۈرك مۇخبىرلىرىنى ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇشقا ۋە ئوبيېكتىپ بولۇشقا چاقىردى.

ئالدىنقى يىلى «شەرقىي تۈركىستان ساياھەتنامىسى» نامىدا كىتاب يازغان تۈرك يازغۇچى، مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاھا كىلىنچ (Taha Kılınç) ئالدىنقى كۈنى «يېڭى شەپەق» گېزىتىدە ماقاله ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىگە پاراللېل ھالدا خىتايپەرەس تۈرك مۇخبىرلىرىنى تەنقىد قىلدى. خىتاينى ماختاپ يېزىۋاتقان تۈرك مۇخبىرلىرىغا خىتاينىڭ يىگۈزۈپ-ئىچكۈزۈۋاتقانلىقىنى، يەنى پۈتۈن چىقىمىنى كۆتۈرۈۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان تاھا كىلىنچ ھەقىقەتكە كۆز يۇمغان ۋە زالىمنىڭ دېپىنى چالغان بۇ مۇخبىرلارنى «نومۇسسىزلار» دەپ ئەيىبلىدى. مەزكۇر مۇخبىرلارغا توققۇز سۇئال قويغان تاھا كىلىنچ ئۇلارنىڭ زىيارىتى داۋامىدا بىرەر ئۇيغۇر بىلەن خالىي ئۇچرىشىپ باققان-باقمىغانلىقى، ناماز ۋاقتىدا مەسچىتلەرگە كىرىپ باققان-باقمىغانلىقى، كوچىدا ئورالغان ئاياللار ، ساقال قويغان كىشىلەرنى كۆرۈپ-كۆرمىگەنلىكىنى سورىغان ۋە سۇئاللىرىغا يەنە ئۆزى جاۋاب بېرىپ، بۇلارنىڭ كارنىيىدىن ئىلىنغان مۇخبىرلار ئىكەنلىكى، ھەقىقەتكە كەلگەندە كۆزى كور ئىكەنلىكى، ئىلگىرىكى يىللاردا بۇلارنىڭ سۇرىيەنى زىيارەت قىلىپ، بومبا يېغىپ تورغان سۇرىيەنىمۇ گۈل-گۈلىستانلىق دەپ تەسۋىرلەپ، بەشەر ئەسەد رېجىمىنى قوللىغانلىقىنى ئەسلەتكەن.

تاھا كىلىنچ ئوتتۇرا شەرق ۋە ئوسمانلى تارىخىدا مۇتەخەسسىس بولۇپ، ئۇ ئۆتكەن يىلى شەرقىي تۈركىستاننى خۇپىيانە ۋە مۇستەقىل زىيارەت قىلىپ، خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقاتلىرىنى بىتچىت قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلامنىڭ پۈتۈنلەي چەكلەنگەنلىكى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئائىت ئامىللارنىڭ ئۆچۈرۈلۈۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇر ۋە ئانالىزلىرى ئەركىن دۇنيانىڭ جامائەت پىكرى سورۇنلىرىدا قىممەتلىك ئۇچۇرلار قاتارىدا پايدىلىنىلغان ئىدى.

شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى باياناتىدا، ئۆزلىرى نارازىلىقىنى بىلدۈرۈۋاتقان مۇخبىرلارنىڭ ئۇمۇمىي تۈرك ئاخباراتىغا ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى. يازغۇچى تاھا كىلىنچ «نومۇسسىزلار» ناملىق مەزكۇر ماقالىسىدا، خىتاي ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن بىر قىسمى خىتايپەرەس مۇخبىرلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈرگەنسېرى، بۇنىڭغا ماس ھالدا ھەقىقەتپەرۋەر كىشىلەرنىڭمۇ ھەرىكەتكە كېلىدىغانلىقىنى، نەتىجىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ داۋاملىق كۈن تەرتىپتە تورىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.