ئامېرىكىدا خىتاي زىيانكەشلىكى خاتىرە سارىيى تەسىس قىلىنماقچى

بۇ خاتىرە ساراينى ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئۇدۇلىغا توغرا كېلىدىغان خەلقئارا باغچىدا تەسىس قىلىش تەۋسىيە قىنىلغان.

مۇشۇ ئاينىڭ 22-كۈنى، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلارنى خاتىرىلەيدىغان بىر خاتىرە ساراي سېلىش قانۇن لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. جۇمھۇرىيەتچى ئەزالاردىن رىك سكات (Rick Scott) ۋە مارشا بلەكبۇرن (Marsha Blackburn) تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ لايىھەدە، خاتىرە ساراينى ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئۇدۇلىغا توغرا كېلىدىغان خەلقئارا باغچىدا تەسىس قىلىش، مەبلەغنى دۆلەت خەزىنىسى ۋە شەخسىي ئىئانىگە تايىنىپ ھەل قىلىش پىكرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. پەقەت تونۇشتۇرۇلغان، ئەمما تېخى ئاۋازغا قويۇلمىغان بۇ لايىھەدە، مەزكۇر خاتىرە ساراينى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ماۋ زېدۇڭ دەۋرىدە، تىيەنئەنمەن ۋەقەسىدە، تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتا باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار خاتىرىسىگە تەسىس قىلىش پىكرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

نۆۋەتتە ۋاشىنگتوندا مەۋجۇت بولغان «كومۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە سارىيى» پۈتۈن دۇنيادا كومۇنىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلارنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان. ئەگەر مەزكۇر لايىھە مەجلىسنىڭ ئىككى قانىتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتسە، بۇ مەخسۇس خىتاي زۇلمىنى دۇنيانىڭ ئېسىگە سالىدىغان بىر سىمۋوللۇق قۇرۇلۇش بولۇپ قالىدۇ.