ھۆرمەتلىك كۆرۈرمەنلەر!
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى يېڭىدىن «نەزەر» ناملىق سۆھبەت پروگراممىسى تەسىس قىلدى. مەزكۇر پروگراممىدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە تەقدىرىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك جىددىي ۋە ئۆتكۈر تېمىلار مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.
ھەرقايسى ساھەلەردىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋە پائالىيەتچىلەر تەكلىپ قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئوي-پىكىرلىرى ۋە كۆز-قاراشلىرى ھەر ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنۇلىدۇ.
بىز «نەزەر» پروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى تۇنجى سانىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى بىلەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئىدارە ھەيئىتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندىلەرنى نەق مەيدان سۆھبىتىمىزگە تەكلىپ قىلدۇق. ئۇلار بۈگۈنكى سۆھبىتىمىزدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە تونۇشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارغا دائىر «ئىككى قانۇن لايىھەسى» ئۈستىدە ئۆز قاراشلىرىنى سۆزلەپ ئۆتىدۇ. قېنى ئەمىسە، دىققىتىڭلار ئېكرانىمىزدا بولسۇن!