ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى يېڭىدىن «نەزەر» ناملىق سۆھبەت پروگراممىسى تەسىس قىلدى. مەزكۇر پروگراممىدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە تەقدىرىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك جىددىي ۋە ئۆتكۈر تېمىلار مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.
ھەرقايسى ساھەلەردىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋە پائالىيەتچىلەر تەكلىپ قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئوي-پىكىرلىرى ۋە كۆز-قاراشلىرى ھەر ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنۇلىدۇ.
بىز «نەزەر» پروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بىلەن تۈركىيە ھەجەتەپپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىلەرنى سۆھبىتىمىزگە تەكلىپ قىلدۇق. ئۇلار بۈگۈنكى سۆھبىتىمىزدە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سودا سۆھبىتىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە سودا ئۇرۇشىغا ئايلانغانلىقى ئۈستىدە ئۆز قاراشلىرىنى سۆزلەپ ئۆتىدۇ. قېنى ئەمىسە، دىققىتىڭلار ئېكرانىمىزدا بولسۇن!