خىتاي نامايىشچىلىرى: ئادالەت ئۇچۈن جەڭ قىلىپ ئۆلۈپ كېتەيلى

دۇنيادا ھاياتلىققا مەنا ئىزدىگەن ئەمما مۇستەبىتىزم ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا دېموكراتىزم بىلەن مۇستەبىتىزم ئوتتۇرىسىدا سايلامغا مۇناسىۋەتلىك پارتلىغان نامايىش قان تۆكۈشكە ئايلىنىپ كەتكەندە، خىتايدا خۇبى ئۆلكىسىنىڭ شىشۇ شەھىرىدە زور كۆلەملىك نامايىش پارتلاپ، نامايىش ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقا ئايلاندى.

0:00 / 0:00

پەلسەپە، جىملىق ئىچىدە ھەرىكەت بولىدۇ، ھەرىكەت جەريانىدا جىملىق بولىدۇ، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ چەكسىز زامانىدا جىملىقمۇ نىسپى بولىدۇ، ھەرىكەتمۇ نىسپى بولىدۇ دەپ تەلىم بەرگەن. ئولىمپىك مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، خىتاي جەمئىيىتى ئاساسى جەھەتتىن جىملىق ئىچىدە ھەرىكەت قىلدى. خىتاي زىيالىيلىرى 2009‏ - يىلى خىتاي جەمئىيىتىدە ئىنتايىن زور ئۆزگىرىش بولىدۇ، دەيدىغان قىياس بىلەنلا قېلىشقان ئىدى. كۈتۈلمىگەندە شىشۇ شەھىرىدە پارتلىغان نامايىش، بېيجىڭدا پارتلىغان نامايىش،شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ دۇڭمىڭ ناھىيىسىدە بۇلغىنىشتىن راك كېسىلىگە گېرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ "قوزغىلاڭ خىتابنامىسى" ئېلان قىلىپ: مەغلۇپ بولىمىز، ئۆلۈپ كىتىمىز، لېكىن ئادالەت ئۇچۈن جەڭ قىلىپ ئۆلۈپ كېتەيلى، دېيىشى بىلەن 40 - 50 مىڭ كىشىنىڭ نامايىشقا چىقىشى، ھەقىقەتەن جىملىق ئىچىدە تۇرغان خىتاي جەمئىيىتىنى ھەرىكەتتىكى جەمئىيەتكە ئايلاندۇرۇۋەتتى. رىياللىقىمۇ تارىختۇر. شۇڭا تارىخنىڭ، رىيال زاماننىڭ ئىنتايىن سەزگۈر دەقىقىلىرى بولىدۇ. بۇ دەقىقىلەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ ئىدىيىۋى خاھىشى بىر جەمئىيەت تارىخىنىڭ ئۆتمۈشىگە باھا بېرىپ،كەلگۈسىنىمۇ بەلگىلەپ قويىدۇ. 1989‏ - يىلى يۈز بەرگەن "4 - ئىيۇن" ۋەقەسى خىتاي جەمئىيىتىنىڭ ئۆتمۈشىگە باھا بەرگەندە، ئەمدى خىتاي جەمئىيىتىگە جياڭ جېشىچە زوراۋانلىقنىڭ، ماۋزېدۇڭچە زوراۋانلىقنىڭ كېرىكى يوق دېگەن.

بۈگۈن شىشۇ شەھىرىنىڭ قەھرىمانلىرى يەنە ئوخشاشلا تىنچ يول بىلەن نامايىش قىلىپ جەسەتنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاپ بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا، يىتىپ كەلگەن 8 مىڭ نەپەر ساقچىغا دۇچ كەلدى. ھەتتا شىشۇ شەھىرىنىڭ ئاياللىرى بىر تەرەپتىن يىغلاپ تۇرۇپ، بىر تەرەپتىن ساقچىلارغا تاش ئېتىپ ئادالەت تەلەپ قىلدى. ئەگەر دائىرىلەر دۆلەت ماشىنىسىنى ئىشقا سالىدىغان بولسا، پۇقرالار ئۆلۈم بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىدۇ دەيدىغان، زوراۋانلىققا زوراۋانلىق بىلەن قارشى تۇرماقتىن باشقا چارە يوق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ قويدى. كىشىلەرنى ھەيران قىلىدىغان كۆرۈنۈش شۇ بولدىكى، خىتاينىڭ ساقچى قوشۇنلىرى پۇقرالارنىڭ زەربىسىدىن چېكىنىشكە باشلىدى.

شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن، ئىچكى ئۇرۇشقا كىرىپ قالغان جۇڭگو جەمئىيىتى، ياپۇنىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن ستالىننىڭ قول تىقىشى ئارقىلىق يەنە بىر قېتىم ئىچكى ئۇرۇشنىڭ قاينىمىغا كىرىپ قالغان جۇڭگو جەمئىيىتى، جياڭ جېشى بىلەن ماۋزېدۇڭنىڭ ھوقۇق تالىشىشى ئارقىلىق قان تۆكۈشكىلا مەجبۇر بۇلۇپ قالغان جەمئىيەت ئىدى. شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن ئۆتكەن 40 يىل، گومىنداڭ خىتايلىرىنىڭ قولىدا ئۇرۇش بىلەن ئاياقلاشتى. ماۋزېدۇڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان 26 يىل سىياسىي ھەرىكەت ۋە باستۇرۇش بىلەن ئۆتتى.

ئەمدىلىكتە ئىسلاھات مۇساپىسىنى بېسىپ، ئىككى قۇتۇپقا ئايرىلغان خىتاي جەمئىيىتى بىيوكرات كاپىتالىزم، ئىپتىدائىي كاپىتالىزمنىڭ ئىپتىدائىي ئۆتكۈنچى دەۋرى يەنى كاپىتالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ياۋۇزلۇق، ئىقتىساد بىلەن سىياسەتنى ئاز سانلىقلارنىڭ قولىغا مەركەزلەشتۈرگەن ئىمتىيازلىق كاپىتالىزم ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بىر جەمئىيەتنى بەرپا قىلغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى پۇقرالارنىڭ ئەقەللى تەلەپلىرىنىمۇ جاۋابسىز قالدۇردى. شىشۇ شەھەر پۇقرالىرى ساقچى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ زوراۋانلىقى ئالدىدا تەمتىرەپ قالمىدى. شىشۇ ۋەقەسى ئىنتايىن نازۇك بىر پەيتتە پارتلاپ چىقتى. بۇ ۋەقەمۇ خۇددى "4 - ئىيۇن" ۋەقەسىگە ئوخشاش خىتاي جەمئىيىتىنىڭ ئۆتمۈشىدىن خۇلاسە چىقىرىپ، باھا بېرىپ، يەنە خىتاي جەمئىيىتىنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەپ قويدى.

جۇڭگو تىنچ يول بىلەن ئۆزگىرىش دەۋرىگە كىرىشى كېرەكمۇ‏ - يوق؟ ياكى خىتاي جەمئىيىتى يەنىلا گومىنداڭ پارتىيىسى بېسىپ ئۆتكەن يولنى، خىتاينىڭ كوممونىستىك پارتىيىسى بېسىپ ئۆتكەن يولنى بويلاپ يەنە بىر قېتىم ئىچكى ئۇرۇشنىڭ پاتقىقىغا پېتىپ قېلىشى كېرەكمۇ؟