ئانا تىلنى قوغداپ قېلىش ھەققىدە سۆھبەت (2)
2012.02.23

ھازىرقى كۈندە، ئاددىي تۇرمۇش تىللىق ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆتەشكە يول قويۇلمايۋاتقان، قوش تىل مائارىپى ئومۇمى جەمئىيەت مىقياسىدا ئومۇملاشتۇرۇلغان، چەتئەللەردىكى مەكتەپ يېشىدىكى پەرزەنتلەر بولسا ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردىكى دۆلەت تىلىنى ئۆگىنىشكە باشلىغان ۋە مەكتەپتىن سىرتقى چاغلاردا ئۇنى ئىشلىتىشنى ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ھالدا ئۆزلىرىگە ئادەت قىلىۋالغان، ئۇيغۇرچە سۆزلەش ماكانى تارلاشقان ياكى چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقان ھازىرقى ئەھۋالدا، ئانا تىلىنى ساقلاش، قەدىرلەش، قوغداپ قېلىش مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتى زادى كىمنىڭ ئۈستىدە بولۇشى كېرەك؟ ئاتا-ئانىلاردىمۇ، ئۇيغۇر جامائىتىدىمۇ ياكى زىيالىيلاردىمۇ؟
گۈلنار خانىم مەيلى قانداق زامان ۋە ماكان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئۇنى پەرزەنتلەرگە ئۆگىتىش مەجبۇرىيىتىنىڭ بىرىنچى بولۇپ ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۈستىدە ئىكەنلىكى ھەققىدە توختالدى.
ۋەتەندىكى ئىلگىرىكى مىللىي مائارىپ ۋە ھازىرقى قوش تىل مائارىپى بىلەن چەتئەل مائارىپىنىڭ ئانا تىلغا تۇتقان ئوخشىمىغان پوزىتسىيىسى ھەققىدە توختالغان گۈلنار خانىم مۇخبىرىمىزنىڭ ئاتا-ئانىلار كەلگۈسىدە بالىلىرى بىلەن ئىجتىمائىي ئالاقىدە تەرجىمانغا موھتاج بولۇپ قېلىشى مۇمكىنمۇ دېگەن سوئالىغا قارىتا ئۆز چۈشەنچىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە چەتئەللەردىكى زىيالىيلارنىڭ ئانا تىل ھەققىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتى ھەققىدە توختالدى.
بۇ مەسىلە ھەققىدە ئىختىيارىي مۇخبىرىمىزنىڭ نورۋېگىيىدىكى ئۇيغۇر ئانا تىلى مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى گۈلنار خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ داۋامىنى ئاڭلىغايسىلەر.