ئەنگلىيىدە چىقىدىغان 'ئەينەك' گېزىتى 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، بايقال كۆلىگە 1919 - يىلى چۆكۈپ كەتكەن بىر مىڭ ئالتە يۈز توننا ئالتۇن بايقالغانلىقىدىن ئىبارەت بىر چوڭ مۆجىزە ھەققىدە خەۋەر ئېلان قىلدى.
رۇسىيە سۇئاستى چارلاش كېمىسى بۇ يىل 7 - ئايدا بايقال كۆلىنىڭ 400 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى بىر نۇقتىسىدا پارقىراپ تۇرغان مېتال بارلىقىنى بايقىغان
رۇسىيە ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە بۇ يىل 7 - ئايدىن باشلاپ 'تىنچلىق بىر' بەلگىلىك سۇ ئاستى چارلاش كېمىسى بىلەن، بايقال كۆلىدە تەتقىقات خاراكتېرلىك چارلاش ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان.
بۇ كېمىدىكى ئۈچ نەپەر ئالىم بايقال كۆلىنىڭ ئوخشىمىغان چوڭقۇرلۇقتىكى نۇقتىلىرىنى كۆزەتكەن. ئەڭ چوڭقۇر يېرى بولغان ئالتە مىڭ مېتىرلىق نۇقتىسىغىچە چۆكۈپ كىرگەن. نەتىجىدە بايقال كۆلىنىڭ 400 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى بىر نۇقتىسىدا پارقىراپ نۇر چاقنىتىپ تۇرغان مېتال بارلىقىنى بايقىغان.
بايقال كۆلىنىڭ تېگىدە پارقىراپ تۇرغان ئالتۇننى كۆرگەن تۇنجى دۆلەت باشلىقى -- موڭغۇلىيە پرېزىدېنتى ئەلبەگدورجى
رۇسىيە تېلېۋىزىيىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، موڭغۇلىيە پرېزىدېنتى ئەلبەگدورجى، 2010 - يىلى 16 - ئىيۇل كۈنى رۇسىيىنىڭ 'تىنچلىق بىر' بەلگىلىك سۇ ئاستى چارلاش كېمىسى بىلەن بايقال كۆلىنىڭ 400 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى بىر نوقتىسىغىچە چۆكۈپ كىرىپ، پارقىراپ نۇر چاقنىتىپ تۇرغان مېتالنى كۆرگەن تۇنجى دۆلەت باشلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن توختىماي ئېلىپ بېرىلغان كۆپ قېتىملىق ئىلمىي چارلاش ئارقىلىق، بايقال كۆلىنىڭ 400 مېتىر چوڭقۇرلۇقىدا پارقىراپ نۇر چاقنىتىپ تۇرغان مېتالنىڭ ئالتۇن ئىكەنلىكى، بەلكى ئۇنىڭ مىقدارى ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.
بايقال كۆلىنىڭ تېگىدىكى بۇ بايلىق 1919 - يىلى 11 - ئايدا چۆكۈپ كەتكەن 28 ۋاگون ئالتۇن بولۇشى مۇمكىن
ئەنگلىيە گېزىتلىرىدە بايان قىلىنىشىچە، بايقال كۆلىدىكى بۇ بايلىق 1919 - يىلى 11 - ئايدا بايقال كۆلىگە چۆكۈپ كەتكەن ئالتۇن بايلىقى بولۇشى مۇمكىن. 90 يىلدىن كېيىن بۇ ھەقتە يېزىلغان كىتابلاردا ھېكايە قىلىنىشىچە، چاررۇسىيە پادىشاسى سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى تەرىپىدىن تۇتۇۋېلىنغاندىن كېيىن، چار پادىشاھىنىڭ لەشكەر بېشى گورساك پادىشاھنىڭ بىرمىڭ ئالتە يۈز توننا ئالتۇننى 28 ۋاگونغا قاچىلاپ ياراق شەرققە يۇشۇرۇپ قويۇش ئۈچۈن ئېلىپ ماڭغان. پويىز بايقال كۆلى رايونىغا كەلگەندە يېقىلغۇسى تۈگەپ توختاپ قالغان. گورساك بۇ ئالتۇنلارنى ئارغىماق قېتىلغان چانىلارغا بۆلۈپ قاچىلاپ بايقال كۆلى بويلىرىدىكى مۇزلۇقلاردا سۆرۈتۈپ كېتىۋاتقاندا، دەھشەتلىك قار - شىۋىرغانغا ئۇچراپ، ھەممىسى بىراقلا توڭلاپ قالغان. يىل ئۆرۈلۈپ ھاۋا ئىسسىغاندا مۇزلۇقلار ئېرىپ كەتكەندە، بۇ مەخپىيەتلىك ئاشكارىلىنىپ قالمايلا بايقال كۆلىگە چۆكۈپ كەتكەن.
بۇ بايلىقنى چارپادىشاھ جەمەتى بىلەن چارپادىشاھ تۆلىمىگەن قەرزلەرنىڭ ئىگىلىرى تالىشىپ قېلىشى مۇمكىن
رۇسىيە، ئەنگلىيە ئۇچۇر ۋاستىلىرى بايقال كۆلىگە چۆكۈپ كەتكەن ئالتۇن بايلىقى بايقالغانلىقىنىڭ جەريانىنى تەپسىلىي ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۇ بىرمىڭ ئالتە يۈز توننا ئالتۇن بايلىقىدىن كىم بەھرىمان بولۇش كېرەكلىكى ھەققىدە مۇنازىرە قوزغالدى.
پەرەز قىلىنىشىچە، ئەگەر بۇ بايلىق، يەنى 70 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىگە ئىگە بولغان بىرمىڭ ئالتە يۈز توننا ئالتۇن بايقال كۆلىدىن سۈزۈپ چىقىلسا، چاررۇسىيىنىڭ ئاخىرقى پادىشاسى رومانۇف جەمەتى بىلەن ئەينى ۋاقىتتا رومانۇف تۆلىمىگەن قەرزلەرنىڭ ئىگىسى بولغان ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا جىددىي بايلىق تالىشىش يۈز بېرىشى مۇمكىن.
بايقال كۆلى رايونى ھەققىدىكى تارىخىي بايانلار
ۋىكى ئىنىسكىلوپىدىيىلىرىدە بايان قىلىنىشىچە، بايقال كۆلى دۇنيا بۇيىچە سەككىزىنچى چوڭ تاتلىق سۇ كۆلى دەپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ كۆلگە 336 دەريا ۋە ئېقىندىن سۇ قۇيۇلۇپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئومۇمى كۆلىمى 55 مىڭ 700 كۋادرات مېتىر، ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلىقى 750 مېتىر، ئەڭ چوڭقۇر نۇقتىسى ئالتە مىڭ مېتىر. بۇ كۆل رۇسىيىنىڭ ئېركۇسىك شەھىرى رايونى بىلەن بۇيرات موڭغۇل ئاپتونوم رېسپۇبلىكىسىنىڭ چېگرا سىزىقى.
بايقال كۈلى رايونى مىلادىدىن ئىلگىرى ھۇن قەۋملىرىنىڭ ئىگىلىكىدە، مىلادى 5 - 6 - ئەسىرلەردە تۈرك قەۋملىرىنىڭ ئىگىلىكىدە بولغان، 7 - 8 - ئەسىرلەردە بۇ رايوندا ئۇيغۇر قەۋملىرى خانلىق قۇرغان. مىلادى 840 - يىلى يۈز بەرگەن 'جۇت' يەنى شىددەتلىك قار -شىۋىرغان ئاپىتىدە، ئۇيغۇر قەۋملىرى ئۈز يۇرتى بولغان تۇرپان ئويمانلىقى، كەڭسۇ يايلاقلىرى ۋە پامىر ئېتەكلىرىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، موڭغۇل قەۋملىرى 'دالاي نۇر' يەنى ئىلاھى كۆل دەپ ئاتاپ چوقۇنىدىغان بۇ رايونغا كۆچۈپ كېلىشكە باشلاپ، ئەڭ بۇرۇنقى ھۇن ئەنئەنىلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ قالغان. تۈرك، ئۇيغۇر خانلىقلىرى دەۋرىدىكى تاش ئابىدىلەر ھازىرغا قەدەر بۇ رايوندا ساقلىنىپ تۇرماقتا.
بايقال كۆلى ب د ت قوغدايدىغان 'دۇنيا مەدەنىيىتى ۋە تەبىئەت مىراسلىرىنىڭ'نىڭ بىرى
1965 - يىلى ئامېرىكىنىڭ پرېزىدېنت سارىيى بولغان ئاقسارايدا ئېچىلغان دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 'بايقال كۆلىنى دۇنيا پۇقراسى' قىلىش تەشەببۇسىغا ۋە 1968 - يىلى خەلقئارا تەبىئىي مىراسلارنى قوغداش جەمئىيىتىنىڭ 'دۇنيا تەبىئىي مىراسلىرى' تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش تەشەببۇسىغا ئاساسەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 1972 - يىلى ئىنسانىيەتنىڭ تەبىئىي مۇھىتى ھەققىدە ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ يىغىندا بۇ كۆل 'دۇنيا مەدەنىيىتى ۋە تەبىئەت مىراسلىرى' تىزىملىكىگە ئېلىنغان.
خىتايلارمۇ مۇنازىرىگە قاتنىشىپ 'خەن سۇلالىسى دەۋرىدە سۇۋۇ دېگەن پادىچى بايقال بويلىرىدا قوي باقاتتى' دېيىشكە باشلىدى
ئەنگلىيە گېزىتلىرىدە بايقال كۆلىگە چۆكۈپ كەتكەن ئالتۇن بايلىقى بايقالغانلىقى ھەققىدە خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ بايلىقتىن كىم بەھرىمان بولۇش كېرەكلىكى ھەققىدە مۇنازىرە قوزغالدى، بۇ مۇنازىرىگە خىتايلارمۇ قاتناشتى. خىتايچە 'شىنمىنۋاڭ' دېگەن تور گېزىتىدە، ھازىر رۇسىيە تەۋەسىدىكى بايقال كۆلى، قەدىمقى زاماندا خىتايچە 'شىمالىي دېڭىز' دەپ ئاتىلاتتى، بۇ رايوندا خىتاينىڭ 'شىمالىي مىللەتلەر' دەپ ئاتىلىدىغان ئاز سانلىق مىللەتلىرى ياشايتتى. خەن سۇلالىسى دەۋرىدە بۇ رايوننى ئىگىلىۋالغان ھۇنلار ئەسىرگە ئالغانلارنى قۇل قىلىپ قوي باققۇزاتتى. خەن سۇلالىسىنىڭ پۇقراسى سۇۋۇ دېگەن كىشى مۇشۇ بايقال بويلىرىدا قوي باقاتتى، دېگەندەك بايانلار بار.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.