' كەلگۈسى 100 يىل ' ناملىق كىتاب نەشىردىن چىقتى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ
2009.03.31
2009.03.31

RFA Photo / Arslan
بۇ كىتابقا يەنە 21 - ئەسىر ئۈچۈن پەرەز - كۆز قاراشلار، دەپ قوشۇمچە نام بېرىلگەن.
بۇ كىتاب سىياسى خاراكتېرلىك پىكىر، ئانالىز، كۆز - قاراشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، كىتابتا دۇنيانىڭ كەلگۈسى سىياسىي ۋەزىيىتى ھەققىدە كەڭ تۈردە توختالغان، 21 - ئەسىردە دۇنيادا يۈز بېرىدىغان ۋەقەلەر ھەققىدىكى پەرەز - كۆز قاراشلار، پىكىر ئانالىزلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان، كەلگۈسىدە ئۇرۇشلارنىڭ قەيەردە ۋە نېمە ئۈچۈن يۈز بېرىدىغانلىقى، قانداق ئۇرۇش بولىدىغانلىقى، قايسى مىللەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسى كۈچى يۈكسىلىدىغانلىقى ۋە ياكى كۈچىنى يوقىتىپ قويىدىغانلىقى، يېڭى پەن - تېخنىكا ۋە كۈلتۈر - مەدەنىيەتلەرنىڭ يېڭى ئەسىردە ياشاش ئۇسۇلىنى قانداق ئۆزگەرتىدىغانلىقى ھەققىدە تەپسىلى توختالغان.
بۇ كىتاب 13 بۆلۈم ۋە بىر خۇلاسىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بىرىنچى بۆلۈمى، ئامېرىكا دەۋرىنىڭ قەدەم قويۇشى، ئىككىنچى بۆلۈمى، ئامېرىكا ۋە جىھات تەرەپدارلىرىنىڭ ئۇرۇشى، ئۈچىنچى بۆلۈمى، نوپۇس، كومپيۇتېر ئۇچۇر مۇلازىمىتى ۋە مەدەنىيەت توقۇنۇشى، تۆتىنچى ۋە بەشىنچى بۆلۈمى بولسا، خىتاي 2020 - يىلدا قەغەز يولۋاس، ئالتىنچى بۆلۈمى، رۇسىيىنىڭ 2020 - يىلىدىكى يېڭى ئويۇنى، 7 - بۆلۈمى، ئامېرىكا كۈچى ۋە 2030 - يىلدىكى كرىزىس، 8 - بۆلۈمى يېڭى بىر دۇنيانىڭ مەيدانغا كېلىشى، 9 - بۆلۈمى 2040 - يىلى ئۇرۇشنىڭ باشلىنىشى، 10 - بۆلۈمى ئۇرۇش تەييارلىقى، 11 - بۆلۈمى دۇنيا ئۇرۇشى بىر سىنارىيە، 12 - بۆلۈمى 2060 - يىللار ئالتۇن يىلى، 13 - بۆلۈمى بولسا 2080 - يىلى ئامېرىكا، مېكسىكا ۋە دۇنيا ئىستراتېگىيىسىنىڭ مەركىزى ئۈچۈن تىركىشىش قاتارلىق تېمىلاردىن ئىبارەت.
بۇ كىتابتا، يېڭى ئەسىردە يېڭى بىر دەۋرىنىڭ باشلانغۇچىدا دۇنيا دۈچ كېلىۋاتقان يېڭى ئۆزگىرىشلەرنىڭ قانداق بىر تەرەپ بولىدىغانلىقى ھەققىدە توختالغان.
كىتابتا خىتاينىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق يېزىلغان، خىتاينىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى ئاخىرقى 30 يىلدا يېتەرلىك يۈكسەلدى ۋە دۆلەت ناھايىتى كۈچلۈك بىر سەۋىيىگە كەلدى. بۇ 30 يىللىق كۈچلىنىش پەقەت ئاخىرغىچە كۈچلىنىشنىڭ ئىپادىسى ئەمەس، يەنى بۇ ئوراندا خىتاينىڭ كۈچى ئېغىر دەرىجىدە ئارقىغا چېكىنىدۇ ۋە كۈچلىنىش سۈرئىتى ئاجىزلاشقانسىرى خىتايدا ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، خىتاينىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا سىرتتىن قارىغاندا كۆرۈنگەنگە ئوخشاش ئۇنچىۋالا كۈچلۈك ئەمەس، ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭ تىز سۈرئەتتە داۋام قىلىشىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان سىياسىي تەڭپۇڭلۇق ئىنتايىن ئاجىز.
"دۇنيانىڭ 100 يىلى" دېگەن كىتابتا يەنە خىتاينىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن:، " خىتاينىڭ ئاساسى مەسىلىسى سىياسىي مەسىلىدۇر، خىتاي ئىدېئولوگىيە بىلەن ئەمەس بەلكى ئىقتىسادى كۈچ بىلەن مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ تۇرىۋاتقان دۆلەت. ئىقتىسادتا چېكىنىش بولۇپ، پۇلنىڭ ئېقىشى توختالسا بۇنىڭ زىيىنىنى پەقەت بانكا سىستېمىسى ئەمەس بەلكى پۈتكۈل جەمئىيەت تارتىدۇ، خىتايدا ساداقەت ياكى سېتىۋېلىنىدۇ ياكى مەجبۇرلاش بىلەن ساقلىنىدۇ، پۇل بولمىغان ھامان ئوتتۇرىغا مەجبۇرلاش چىقىدۇ، ئىش دۇنياسىدىكى ئىقتىسادى تۇراقسىزلىق ئىشسىزلىققا ۋە زاۋۇت - فابرىكىلارنىڭ تاقىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ، كۆپىنچە دۆلەتلەردە نامراتلىق ۋە ئىشسىزلىق ئىقتىسادى مەسىلىلەردە زورلىشىش كۆرۈلگەنسېرى سىياسى تەڭپۇڭسىزلىق يۈز بېرىدۇ".
كىتابتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: خىتاينىڭ سىياسى داۋالغۇشى ۋە تۇراقسىزلىنىشى 19 - ئەسىردىن باشلاپ 1949 - يىلى كوممۇنىزم كەلگەنگە قەدەر داۋام قىلدى، ماۋزېدۇڭ شاڭخەيگە ئوخشاش ساھىل بويلىرىدىكى شەھەرلەردە ئىنقىلاب قىلىشقا ئۇرۇنۇپ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن خىتاينىڭ ئىچ قىسىمدىكى ئۆلكىلەرگە بېرىپ نامرات كىشىلەردىن تەركىپ تاپقان بىر قوشۇن تەييارلىدى ۋە ئىچكى ئۇرۇش قىلىپ ساھىل بويلىرىدىكى شەھەرلەرنى قولغا كەلتۈردى. كېيىن خىتاينى ياۋروپا ئۆلكىلىرى بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقان دەۋرنىڭ ئىلگىرىكى ھالغا كەلتۈردى.
خىتاي 1949 - يىلىدىن باشلاپ ماۋنىڭ ئۆلۈمىگە قەدەر بىرلىك ئىچىدە كۈچلۈك بىر دۆلەت شەكىللەندۈردى. ئەمما چەتكە قېقىلىشتىن ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلالمىدى. ئەگەر خىتاي ھەقىقەتەن بىر ئىقتىسادى كرىزىسقا دۇچ كەلسە، مەركىزى ھۆكۈمەت كوممۇنىزمنىڭ ئورنىغا باشقا بىر ئىدېئولوگىيىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا مەجبۇر بولىدۇ، خەلق ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئېتىقادىغا ئۇيغۇن بىر شەيئى تېپىشى لازىم، خىتايلار كوممۇنىزمغا ئىشەنمىسىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ھازىرغىچە ئىشىنىدۇ، خىتاي دائىرىلىرى مىللەتچىلىكنى قوللاپ ئايرىمىلىققا قارشى تۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ.
كىتابتا يەنە خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: خىتاينىڭ دېڭىز ئارمىيىسى كۈچلۈك ئەمەس، خىتايدا ئامېرىكىنىڭ سۇ ئاستى ئۇرۇش پاراخوتلىرىغا قارشى تۇرغۇدەك كۈچ يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن تەيۋەننى ئىشغال قىلىشنى ئويلاش مەنتىقىغە ئۇيغۇن ئەمەس، خىتاينىڭ سۇ ئاستى ئۇرۇش پاراخوتى تەيۋەن بوغۇزىدا قىيىن ئەھۋالدا قالىدۇ ۋە ئۇ يەرگە چىقىدىغان قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىگە ياردەم قىلالمايدۇ، خىتاي ئون يىل ئىچىدە ئامېرىكىغا قارشى چىقالىغۇدەك بىر سۇ ئاستى ئۇرۇش پاراخوتىغا ئىگە بولالمايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن بەك ئۇزۇن زامانغا ئېھتىياجى بولىدۇ، بۇ ۋەزىيەتتە خىتاينىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئۈچ خىل يول بار، بىرىنچىسى: ناھايىتى چوڭ بىر ھەجىمدە ئىقتىسادى كۈچىيىشىنى داۋاملاشتۇرۇش، ئەمما بۇنىڭدىن ھېچ قانداق دۆلەت نەتىجىدە قازىنالمىدى ۋە خىتايمۇ بۇنى ۋۇجۇتقا چىقىرالمايدۇ چۈنكى خىتاي ئاخىرقى ئوتتۇز يىلدىكى تەرەققىيات كۈچى خىتاينىڭ ئىقتىسادىغا چوڭ بىر تەڭپۇڭسىزلىق ياراتتى خىتاي بۇلارنى تۈزىتىش ئۈچۈن يېتەرلىك مىقداردا كۈچ سەرپ قىلىشى كېرەك.
خىتاي تۈزۈمى ئۈچ چوڭ پرىنسىپ ئۈستىگە قۇرۇلغان، بۇلارنىڭ بىرى، خىتاينى ئىدارە قىلىدىغان كوممۇنسىتلار، ئىككىنچىسى بولسا دۆلەتنىڭ كوممۇنىست پارتىيىنىڭ قوغدىغۇچىسى ۋە ئىجراچىسى بولغان قوراللىق ئەسكەرلەر، ئۈچىنچى ئاساسى پرىنسىپى كوممۇنىزم ئىدېئولوگىيىسى، ئەمما كوممۇنىزم ئىدېئولوگىيىسى ئاللىقاچان يوق ئېتىلدى. تەڭپۇڭلۇق، باراۋەرلىك، خەلق خىزمىتى دېگەنلەر كونا تاشلاندۇق نەرسىگە ئايلىنىپ بولدى، خەلق بۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ ۋە ئىجرا قىلمايدۇ. كوممۇنىزم ئىدېئولوگىيىسىگە ئىشەنمەسلىك خەلق ئارىسىدا دۆلەت ۋە پارتىيە ئىچىدە كەڭ تارقالدى. ئىقتىسادى كرىزىسى خىتاينى مىللىي رايونلارغا بۆلۈشى مۇمكىن، بۇ ۋەزىيەتتە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمەت ئاجىزلىشىدۇ ۋە ئىدارە قىلىش كۈچىنى يېتەرلىك دەرىجىدە يوقىتىدۇ، ئەمما خىتاي بۇنىڭغا مەجبۇر بولىدۇ.
كىتابتا يەنە خىتاينىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇنداق يېزىلغان : خىتاي 2020 - يىلى ئىلگىرىكى ھالغا كېلىشى مۇمكىن، خىتاي دۆلىتى بىر - بىرىگە رەقىپ بولغان يەرلىك ھۆكۈمدارلار تەرىپىدىن بۆلۈنۈشى مۇمكىن، چەتئەل كۈچلىرى بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئىقتىسادى شارائىتلارنى ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە ئايلاندۇرىدىغان رايونلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ ۋە مەركىزى ھۆكۈمەت بۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.
320 بەتلىك بۇ كىتابنىڭ خۇلاسىسىدا مۇنداق يېزىلغان: خىتاينىڭ 2010 - يىللاردا پارچىلىنىشى ۋە رۇسىيىنىڭ 2020 - يىللاردا تەقسىم بولۇشى، ئاسىيادا كەڭ تۈردە بىر بوشلۇق يارىتىدۇ، بۇ ۋەزىيەت چوڭ بىر غەنىمەتتۇر. چۈنكى كۆپ ساندا كىچىك - كىچىك دۆلەتلەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، ھىندىستان تىبەتنىڭ قۇتۇلۇشى ئۈچۈن ياردەم قىلىدۇ، تەيۋەن كۈچىنى تەيۋەن ساھىللىرىغىچە كېڭەيتىدۇ، ياۋروپا ۋە ئامېرىكىلىقلار خىتايدا تەسىرى كۈچكە ئىگە بولىدىغان رايونلارنى پەيدا قىلىدۇ.