تۈگىمەس ناخشىلار يېڭى ئۇسۇلۇپتا ياڭرىماقتا

رەپ ناخشىلىرىدىن ئىبارەت ئافرىقا ئېرىقىدىكى ئامېرىكىلىقلاردىن دۇنياغا تارقىلىپ ئومۇملاشقان سەنئەتنىڭ يېڭى بىر تۈرى، يېقىنقى 10 يىل مابەينىدە ئۇيغۇر ياشلىرىغىمۇ خېلى چوڭ تەسىر كۆرسەتتى.

0:00 / 0:00

ھېسسىيات، تىل قابىلىيەت ۋە ئۇنى مۇزىكا رىتىمىغا ماسلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشنى تەلەپ قىلىدىغان بۇ خىل ئەركىن سەنئەت شەكلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرىدىن تارتىپ ئالىي مەكتەپ ياشلىرىغىچە تېز ئومۇملىشىۋاتقان بىر خىل ئىپادىلەش ئېقىمى دېيىشكە بولىدۇ. ھەر خىل شەكىلدىكى رەپ گۇرۇپپىلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشى بىلەن، ئېتىراپ قىلغۇدەك، ئالقىشقا ئېرىشكۈدەك ياخشى رەپ ئەسەرلىرىمۇ مەيدانغا كەلمەكتە. بولۇپمۇ، چەتئەللەرگە چىققان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىجادىيىتىدىكى تارقىلىۋاتقان ئەركىن روھ، ئۆتكۈر تىل، شىجائەت ۋە ئۈمىد ئىپادىلەنگەن رەپ ناخشا مۇزىكىلىرى، خۇددى ئەركىنلىككە ئېرىشكەن قۇشتەك ھەقىقىي سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلماقتا.

ئۇيغۇر رەپ ناخشىچىلىرى: «رەپ ئۇ ئېقىم، توسقىلى بولمايدىغان. چۈنكى ئۇ سۆزىمىز، روھىمىز، پارتلىغان نارازىلىقلىرىمىز، كۆز چانىقىمىزغا تىقىلغان يىغىمىز، بىزنىڭ ئۈمىد-ئىشەنچىمىز ھەتتا قورالىمىز.»

ئاشكارا تىل، قايناق ھېسسىيات بىلەن كىشەنسىز روھ مۇزىكا رىتىمىغا ئەگىشىپ ئىپادىلىگەن بىر خىل سەنئەت ئۇسلۇبى بولغان رەپ ناخشىلىرى، مانا شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ياقتۇرۇشىغا مۇيەسسەر بولۇپ، ئۇيغۇر سەنئىتىدە تېخىمۇ جۇلالىنىپ ئۆز ئەكسىنى تاپماقتا. يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان رەپ ناخشىلىرى پەقەتلا كەپسىز بالىلارنىڭ مودا ناخشىسى بولۇشتىن كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ، ئومۇملىشىۋاتقان بىر سەنئەتكە ئايلىنىپ، كوچىلاردىن مەكتەپ سەھنىلىرىگە ۋە رادىئو، تېلىۋېزىيەلەرگىچە ئېلىپ چىقىلدى. بەزى ئۇيغۇرچە رەپ ناخشىلىرى داڭلىق ناخشا چولپانلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىنىڭ رىتىمىغا ماسلاشتۇرۇپ ئورۇنلىنىشى بىلەن ئومۇم ئېتىراپ قىلغان يېڭى بىر سەنئەت ۋارىيانتى سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ بارغانچە تەرەققىي قىلماقتا.

يېقىندىن بۇيان دېموكراتىك ئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا تارىلىۋاتقان رەپ ناخشىلىرى، گەرچە خەلقئارادىكى داڭلىق رەپ ناخشىچىلىرىنىڭ ناخشىلىرى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمىسىمۇ، پىكرىنىڭ تېخىمۇ ئوچۇقلۇقى، تىلىنىڭ ئۆتكۈرلۈكى بىلەن ئۇيغۇر ياشلىرى ئىچىدە تەسىر كۈچىنى كۆرسەتمەكتە. بۇنىڭغا گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر رەپ ناخشا ھەۋەسكارلىرىدىن تاھىر ئەنۋەر ۋە ئىلياس ئىبراھىملارنىڭ رەپ ئىجادىي ناخشىلىرىنى مىسال قىلىشقا بولىدۇ :

ھاياجان ئىلىكىدە تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تاھىرجان ئۆزىنىڭ قۇمۇلدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغانلىقى، بەزى قۇمۇل خەلق ناخشىلىرىنىڭمۇ رەپ ناخشىلىرىغا ئوخشاپ قالىدىغانلىقىنى بايقىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ رەپ ناخشىلىرىغا قىزىقىشىغا 5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ تۈرتكە بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

تاھىرجاننىڭ ھەمكارلاشقۇچىسى، شۇنداقلا رەپ ناخشا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئىلياس ئىبراھىم ئوتتۇرا مەكتەپ چېغىدىن تارتىپلا رەپ ناخشىلىرىنى ئېيتىش ۋە ئىجاد قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر بالىلىرىنى قوش تىللىق مائارىپقا مەجبۇرلاۋاتقان بۇ كۈندە تىلى ۋە روھى قاماللانغان ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلىدىكى رەپ ناخشىلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ كىشەنلەنگەن تىلى ۋە روھىنى ئازاد قىلىشتىكى بىر يول ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرلارنىڭ رەپ ناخشىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ناخشا-ۋەتەن (تېكىستى-ئېلياس ئىبراھىم، مۇزىكىسى ۋە ئورۇنلىغۇچى-تاھىرجان ئەنۋەر)