روزا ۋە ياردەمسويەرلىك

مۇسۇلمانلارغا ھەر يىلى بىر كېلىدىغان روزا تۇتۇش ئىبادىتى باشلاندى.

0:00 / 0:00

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمدە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ياش ئالىملاردىن ئابدۇلھەلىم بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلدى ۋە روزا تۇتۇش ئىبادىتىنىڭ باشقىلارغا ياردەم قىلىش ۋە ئۆزىنىڭ نەپسىنى كونترول قىلىشنى ئۆگىنىش مەقسەت قىلىنغان بىر ئىبادەت ئىكەنلىكى، روزا تۇتقان ئادەمنىڭ ياردەمسۆيەرلىكنى ئۆگىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇلھەلىم ھاجىم: روزا باشقىلارغا ياردەم قىلىشنى ئۆگىتىدىغان ئىبادەت

ئابدۇلھەلىم ھاجىم روزىنىڭ ئادەمگە باشقىلارغا ياردەم قىلىشنى، يوقسۇللارنىڭ ھالىغا يېتىشنى ئۆگىتىدىغان ئىبادەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: روزا تۇتۇشنىڭ ئىجتىمائىي پايدىلىرىمۇ بولۇپ، روزا تۇتقان كىشى كۈندىلىك يېمەك- ئىچمەكلىرىنى تەييارلاشقا قادىر بولالمىغان بىچارىلەرنىڭ، يېتىم-يېسىر ۋە يوقسۇللارنىڭ ھالىنى چۈشىنىدۇ. چۈنكى ئاچلىقنىڭ دەردىنى تارتمىغان كىشى ئاچلىقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. ئۇ ئۆزى توق يۈرگەنلىكتىن، ھەممە كىشىنى ئۆزىگە ئوخشاش توق ھېس قىلىدۇ. ئەگەر روزا تۇتۇپ ئاچلىقنىڭ ئازابىنى تارتىپ كۆرسە، بۇ ۋاقىتتا كۈنلۈك ئوزۇقىنى تاپالمىغان بىچارىلەرنىڭ ھالىنى چۈشىنىدۇ-دە، ئۇلارنىڭ ھاللىرىدىن خەۋەر ئېلىپ، ياردەم قىلىشنى ئۆزى ئۈچۈن ئىنسانىي بۇرچ دەپ بىلىدۇ.

ئابدۇلھەلىم ھاجىم روزىنىڭ رەھىمدىللىقنى ئۆگىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: بىراۋنىڭ ھەقىقىي مۇسۇلمانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئۇنىڭ قەلبىنىڭ يۇمشاق بولۇشى، ئۆزىنىلا ئويلىماستىن باشقىلارنىمۇ ئويلىشى، مېھىر- شەپقەتلىك بولۇشى ۋە كىشىلەرگە كۆيۈمچان بۆلىشىدۇر. ئاللاتائالا ناھايىتى شەپقەتلىك بولۇپ، ئۇ پەقەت شەپقەتلىك كىشىلەرگىلا رەھىم- شەپقەت قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن»شەپقەتلىك كىشىلەرگە ئاللاتائالا رەھىم قىلىدۇ، يەر يۈزىدىكى كىشىلەرگە رەھىم-شەپقەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاسماندىكى زات (ئاللاتائالا) رەھىم قىلىدۇ. «يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام مىسىرنىڭ خەزىنىسىگە مەسئۇل بولغان ۋاقىتلاردا روزىنى كۆپ تۇتىدىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە سورالغىنىدا» مەن توق يۈرسەم، پېقىرلارنىڭ ئاچلىقىنى ئۇنتۇپ قېلىشىمدىن قورقىمەن«دېگەن ئىكەن.

ئابدۇلھەلىم ھاجىم: روزا ئىرادىنى كۈچەيتىدىغان ئاي

ئابدۇلھەلىم ھاجىم يەنە مۇنداق دېدى: رامزان ئېيى ئىرادىنى كۈچەيتىش ۋە سەۋرچانلىقنى ئۆگىنىش ئۈچۈنمۇ ئەڭ ياخشى پۇرسەتتۇر. روزا تۇتقان كىشى ئالدىدا يېمەك- ئىچمەك تەييار تۇرۇپ ئاچلىققا ۋە ئۇسسۇزلۇققا بەرداشلىق بېرىدۇ. ئۇنى يېيىش، ئىچىش ۋە ئايالىغا يېقىنچىلىق قىلىشتىن پەقەت ئۇنىڭ ۋىجدانى توسۇپ تۇرىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ يېنىدا نازارەت قىلىدىغان ئاللاتائالا بىلەن ۋىجدانىدىن باشقا ھېچبىر نازارەتچى يوقتۇر. شۇڭا گېرمانىيىلىك پسىخولوگىيە بىر دوكتورى «ئىرادىنى تىكلەش ۋە كۈچلەندۈرۈشنىڭ ئامىللىرى» ناملىق كىتابىدا «ئىرادىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئامىل روزا تۇتۇشتۇر» دېگەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامزاننىڭ كىشىگە سەۋر تۈگىتىدىغانلىقى توغرىلىق «روزا تۇتۇش سەۋرنىڭ يېرىمىدۇر» دېگەن. چۈنكى ئىنساندا ئۈچ خىل كۈچ بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرىنچىسى، نەپسى ھەۋەس كۈچى. ئىككىنچىسى، يىرتقۇچ ھايۋانلاردا بولىدىغان غەزەپ كۈچى. ئۈچىنچىسى، پەرىشتىلەردە بولغاندەك روھىي كۈچتۇر.

ئىنساننىڭ روھىي كۈچى يۇقىرىقى ئىككى كۈچنى بېسىپ ئۆتەلىگەندە ئۇ يېرىم سەبرىنى ھاسىل قىلغان بولىدۇ. رامزاندا مۇسۇلمان كىشى نەپسى ھەۋىسىنى ۋە غەزىپىنى روزىنىڭ يۈزىسىدىن تەرك ئېتىدۇ. مانا بۇ، سەۋرنىڭ يېرىمىنى ھاسىل قىلغانلىق. ئۆز نەپسىنىڭ ھەۋەسلىرىنى يېڭەلمىگەن كىشى؛ دۇنيانىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى يېڭەلمەيدۇ. بېرەر كۈنلۈك ئاچلىققا چىدىمىغان كىشى؛ ئۇلۇغ نىشانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقىمۇ چىدىيالمايدۇ.