ئاماسيا تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا قارا دېڭىز رايونىغا جايلاشقان ۋىلايەتلىرىدىن بىرى. ئاماسيا شەھىرى بولسا ئىككى تاغ ئوتتۇرىسىدىن ئېقىپ ئۆتكەن يېشىل دەرياسى بويىغا جايلاشقان ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە مۇھىم شەھەرلەردىن بىرى بولۇپ، مەزكۇر شەھەر 134 مىڭ نوپۇسقا ئىگە كىچىك شەھەر بولسىمۇ، ئەمما ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ كۆپى پادىشاھ بولۇشتىن بۇرۇن بۇ يەردە ۋالىيلىق ۋەزىپىسى ئۆتىگەن بولغاچقا كىشىلەر بۇ شەھەرنى «شاھزادىلەر شەھىرى» دەپ ئاتايدۇ.

تۈركلەر 7 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە بولغان ئاماسيانى 1075-يىلىدا ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ قولغا چۈشۈرگەن. 1243-يىلى موڭغۇللار سەلجۇقلىلارنى مەغلۇپ قىلىپ ئاماسيانى ئىشغال قىلغان. تارىخى مەنبەلەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ شەھەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىشى 1243-يىللارغا توغرا كېلىدىكەن، چۈنكى چىڭگىزخان ئارمىيىسىدىكى باش قوماندانلار، مەسلىھەتچىلەر ئۇيغۇر ئىكەن. 1341-يىلىدا ئاماسيا شەھىرى ئەراتنا ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ قولىغا ئۆتكەن بولسا، 1386-يىلى شاھزادە يىلدىرىم بايېزىد تەرىپىدىن ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ قولىغا ئۆتكەن.

ئوسمانلى شاھزادىلىرىدىن يىلدىرىم بايېزىد، چەلەبى مەھمەت، فاتىھ سۇلتان مەمەت، ئىككىنچى بايېزىد، ياۋۇز سۇلتان سېلىم، ئۈچىنچى مۇرات قاتارلىق شاھزادىلەر بىر مەزگىل ئاماسيادا ۋالىيلىق ۋەزىپىسى ئۆتىگەندىن كېيىن ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھى بولۇپ تەختكە ئولتۇرغان ئىدى.
تارىخىي مەنبەلەرگە قارىغاندا ئۇ مەزگىلدە ئوسمانلى ئوردىسىدىكى پەرمانلار ئۇيغۇر تىلىدا تارقىتىلغان بولۇپ، تارىخى مەنبەلەردە 1327-يىلىدىن 1381-يىلىغىچە ئاماسيا ۋە ئاماسيا بىلەن چېگرىداش بىر قانچە ۋىلايەت ئەراتنا ئۇيغۇر بەگلىكىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا بولغان، بۇ مەزگىلدە ئەراتنا دۆلىتى بۇ رايونلارغا كۆپ ساندا ئۇيغۇر ئېلىپ كېلىپ يەرلەشتۈرگەن ئىكەن.
ئاماسيا شەھىرىگە 32 كىلومېتىر كېلىدىغان ئۇيغۇر ناھىيىسىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ شۇ ۋاقىتلاردا بۇ يەرلەرگە يەرلەششتۈرۈلگەن. بەزى تارىخچىلار تۈركىيىدە يەنە كۆپ ساندا ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان يەرلەر بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.