روزىنىڭ ئەخلاقنى يېتىشتۈرۈشتىكى رولى

جىمى ئىبادەتلەرنىڭ غايىسى ئىنسانلارنىڭ نەپسىنى پاكلاش، روھىنى يۈكسەلتىشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئىنسان ئىبادەتلەرنى كۆرسىتىلگەن بويىچە، تولۇق ۋە تەلەپكە لايىق ئورۇندىغىنىدا ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسى پارلاپ نۇرلىنىدۇ، پەزىلەت ۋە ئەخلاقتىن بولغان نېسىۋىسى كۆپىيىدۇ.

0:00 / 0:00

مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقىنى ياخشىلىققا ئۆزگەرتىدىغان ئىبادەتلەرنىڭ ئىچىدە روزىنىڭ تەسىرى ئەڭ كۈچلۈكتۇر. روزا تۇتقان ئادەم كۆپلىگەن دۇنيالىق ۋە ئاخىرەتلىك پايدىلارغا ئېرىشكىنىدىن تاشقىرى، چىدامسىزلىق، سەۋرسىزلىك، بېخىللىق، ئىسراپخورلۇقلارغا ئوخشىغان يامان ئەخلاق ۋە ناچار قىلىقلاردىن نەپسىنى پاكلاش، مەردلىك، سېخىيلىق، سەۋرچانلىق قاتارلىق ئېسىللىككە ۋە پەزىلەتكە قاراپ يۈكسىلىش قاتارلىق نەق پايدىغا ئېرىشىدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ياش ئالىملاردىن ئابدۇلھەلىم بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

ئابدۇلھەلىم ھاجىم بىلەن سۆھبەت

ئابدۇلھەلىم ھاجىم مۇنداق دېدى:
‏-ئىنسان روزا تۇتۇش جەريانىدا ئۆزىنى تونۇيدۇ، ئۆزىنىڭ نەقەدەر ئاجىز بىر مەخلۇقات بولغانلىقىنى، ئاللاھ تائالاغا ھەمىشە موھتاج ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ نېمەتلىرىنى، خۇسۇسەن روزا تۇتۇش جەريانىدا ئاچلىقنىڭ دەردىنى تارتقاندىن كېيىن، يىل بويى توقلۇقتىن ئىبارەت نېمەتنى ئاتا قىلغان پەرۋەردىگارىنى ئەسلەيدۇ، بۇ ئارىدا ئاچلىقتىن قىينىلىۋاتقان ئىنسانلارنى، يوقلۇق دەردىدە ئاچ قالغانلارنى ئەسكە ئالىدۇ، ئۇلارنىڭ قەدرىگە يېتىدۇ. نەتىجىدە، ئاللاھ تائالاغا بولغان مىننەتدارلىق بۇرچىنى، يوقسۇللارغا ئۆتەشكە تېگىشلىك مۇسۇلمانلىق بۇرچىنى ئادا قىلىشقا تىرىشىدۇ، رەھىم-شەپقەت قىلىش روھى يۈكسىلىدۇ، نېمەتكە شۈكۈر قىلىش كەيپىياتى ئاشىدۇ. قۇرئان كەرىمىدىكى« ئى مۆمىنلەر سىلەردىن ئىلگىرىكىلەركە روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرنىڭ تەقۋادارلاردىن بولۇشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە رامزان روزىسى پەرز قىلىندى» دېگەن ئايەت روزىنىڭ تەقۋالىققا ۋەسىلە بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

تەقۋالىق-ئاللاھ تائالانىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىنى ئورۇنداش، توسقانلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئۆزىنى ئاللاھ تائالانىڭ ھىمايىسى ئاستىغا ئېلىش دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ.

تەقۋالىقنىڭ مۇكاپاتى بۇ دۇنيادا ھۇزۇرلۇق ھايات، ئاخىرەتتە نازۇ‏-نېمەتلىك جەننەتتۇر. مەلۇمكى، روزا تەقۋالىقنىڭ ئەڭ ئۆنۈملۈك يولىدۇر. چۈنكى روزا تۇتقان ئادەم روزا سايىسىدە نەپسىنى پاكلاپ، روھىنى يۈكسەلتىپ ئىسلامىي تەربىيە ئالغان بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيلەنمىگەن ياشلارنى روزا تۇتۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى جىنسىي ھەۋەسنىڭ ئازدۇرۇشلىرىدىن ساقلىنىشقا بۇيرۇغانلىقىنى ھېكمىتىمۇ روزىنىڭ تەربىيە خاراكتېرلىك ئىبادەت ئىكەنلىكىنى ۋە روزا سايىسىدە ئىسلامىي تەربىيە ھاسىل قىلغىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلماقتا. چۈنكى روزا تۇتقان ئادەمنىڭ نەپسىي ئىستەكلىرى ئاجىزلىشىدۇ ۋە سەۋرچانلىق بىلەن ئۆزىنى نەپسىي ۋە جىنسىي ھەۋەسلەرنىڭ كۈچى ئالدىدا خۇددى مۇستەھكەم قەلئەدەك ساقلاپ قالالايدۇ.

روزا جەريانىدا يوقسۇللارنىڭ ھالىنى چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ

روزا تۇتقان ئادەم كۆپ يېيىش ۋە كۆپ ئىچىشتىن كېلىپ چىقىدىغان غەپلەت ۋە بىخۇتلۇقنىڭ نەقەدەر يامان ئىكەنلىكىنى روزا تۇتۇش جەريانىدا تونۇپ يېتىدۇ. چۈنكى يىل بويى بىر كۈنمۇ ئاچلىق ھېس قىلماستىن، ھەر كۈنى ۋاقتى سائىتى بويىچە غىزالىنىپ كەلگەن ئادەم ئاچلىقنىڭ ئازابىنى ۋە دەردىنى ھەرگىز ھېس قىلمايدۇ. ئۇ قانداقمۇ ھېس قىلسۇن؟ بىرەر كۈن ئاچ قالمىغان تۇرسا؟ شۇڭا روزا تۇتۇش جەريانىدا كۈنىگە 15 سائەتتىن 17 سائەتكە قەدەر ئاچ قېلىش ئارقىلىق ئاچلىق دېگەننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، يوقلۇقنىڭ قانداق قاتتىق ئىكەنلىكىنى ئەمەلىي تەجرىبە بىلەن ياشاپ بىلىدۇ ۋە ھېس قىلىدۇ. مۇنداق ئادەم ئەگەر روزىنى ئاللاھ رازىلىقىنى ۋە ئەخلاقىنى تۈزىتىش نىيىتى بىلەن تۇتقان بولسا، چوقۇم ئۆزگىرىدۇ، ئۇنىڭدىنكى بېخىللىق سېخىيلىققا، تاش يۈرەكلىك رەھىمدىللىككە، غەپلەت ھوشيارلىققا ئۆزگىرىدۇ-دە، يوقسۇللارنىڭ، يېتىملەرنىڭ، بىر نانغا زار بولغانلارنىڭ قەدرىگە تولۇق يېتىدۇ ۋە ئۇلارغا ياردەم قولىنى سوزۇشنى مۇسۇلمانلىقنىڭ ۋە ئىنسانلىقنىڭ تەلىپى دەپ بىلىپ، قولىدىن كەلگەننى قىلىدۇ. روزا ئەنە شۇنداق تەربىيە مەكتىبىدۇر. روزا تۇتۇپ بۇنچىلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلمىغان ياكى روزا تۇتۇش بىلەنمۇ ھېچقانداق تەربىيە ئالمىغان ئىنسانلارنىڭ تۇتقان روزىسى بىھۇدە ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇق دەردى چەككەندىن باشقا ھېچنەرسە ئەمەس. چۈنكى، روزا تۇتۇشتىن ھاسىل بولغان مەقسەت ئەمەلگە ئاشمىسا، تۇتقان روزىنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بولسۇن؟ ئىبادەتلەر بۇ دۇنيادا ئەسقاتمىسا، ئاخىرەتتە قانداق ئەسقاتىدۇ؟!

شۇڭا ئۆلىمالار دەيدۇكى، بۇ دۇنيادا جەننەتكە كىرمىگەنلەر ئاخىرەتنىڭ جەننەتلىرىگە كىرەلمەيدۇ. بۇ دېگەننىڭ مەنىسى شۇكى، جەننەت ئەھلىدىن بولىدىغان مۆمىن ئادەم بۇ دۇنيادا جەننەت ئەھلىنىڭ ئىشىنى قىلىدۇ، ئۇنىڭ قەلبى ئىماننىڭ ھۇزۇر-ھالاۋىتى بىلەن ئارام تاپقان، ئەخلاقى خۇددى جەننەت ئەھلىنىڭ ئەخلاقىغا ئۆزگەرگەن، پۈتۈن يۈرۈش-تۇرۇشلىرى جەننەت ئەھلىنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشىنى ئالغان بولىدۇ. مۇنداق ئادەم بۇ دۇنيادا قىلىۋاتقان ياخشى ئىشلىرى ۋە ئاللاھ تائالاغا بولغان يېقىنلىقى سەۋەبلىك ئۆزىنى جەننەتتە تۇرۇۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ. شۇڭا بۇ دۇنيانىڭ جەننىتىگە كىرمىگەن ئادەم ئاخىرەتنىڭ جەننىتىگە كىرەلمەيدۇ دەپ ئېيتىلغان.

روزا تۇتقان ئادەمنىڭ تۇتقان روزىسى ئۇنىڭ مۇئامىلە ئىشلىرىغا ۋە گەپ-سۆزلىرىگە ئەلۋەتتە تەسىر قىلىدۇ. چۈنكى روزا تۇتۇپ تۇرۇپ يالغان ئېيتىشنىڭ، روزا تۇتۇپ تۇرۇپ باشقىلارغا ئازار بېرىشنىڭ نەقەدەر چوڭ گۇناھ ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ-دە، ئۆزىنى تۇتۇۋالىدۇ، كۆنۈپ قالغان يامان ئادەتلىرىنى رامزاندا قىلمايدۇ ۋە رامزاندىن كېيىنمۇ ئۆمۈر بويى بۇ يامان ئادەتلەرنى قىلماسلىقنى ئادەت قىلىشقا تىرىشىدۇ، شۇنىڭغا بەل باغلايدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە: «يالغان سۆز قىلىشنى تاشلىمىغان ئادەمنىڭ روزا تۇتتۇم دەپ قورسىقىنى ئاچ قويغانلىقىغا ئاللاھ تائالانىڭ ھاجىتى يوق» دەپ كۆرسەتكەن. دېمەككى، روزا تۇتۇش دېگەن قورساقنى ئاچ قويۇش دېگەنلىك ئەمەس. روزا تۇتقاندا بىر نەرسە يېمەسلىك ۋە ئىچمەسلىك دېگەن روزىنىڭ تاشقى جەھەتتىكى تەلىپى، ئەمما روزىنىڭ ھەقىقىي تەلىپى ئىچكى دۇنيانى ئىسلاھ قىلىشتۇر.