چاپچالدىكى يەر تەۋرەش ئاپەت رايونى ھەققىدە ئۇچۇرلار
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009.01.28
2009.01.28

AFP Photo
يەرلىك دائىرىلەر تارقاتقان خەۋەرلىرىدە مەزكۇر يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىنىڭ ئانچە ئېغىر بولمىغانلىقىنى، ئۆلۈم - يېتىم ئەھۋالى كۆرۈلمىگەنلىكىنى قەيت قىلغان بولسىمۇ ، ئەمما ئاپەتتىكى خەلقنىڭ ھازىرقى ھايات ئەھۋاللىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىدى ، جۇدۇنغا توغرا كەلگەن بۇ يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ خەلقنىڭ ھاياتىغا قانچىلىك تەسىر پەيدا قىلىۋاتقانلىقى ، ئاپەتتىكى خەلقنىڭ نېمىلەرگە مۇھتاج ئىكەنلىكى ھەققىدە يەنىمۇ تولۇقراق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن چاپچال ناھىيىسىدىن ئۇچۇرلار ئىگىلىدۇق.
بەش مىڭغا يېقىن ئامما بىۋاستە تەسىرگە ئۇچرىدى
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىلى ئوبلاستىغا قاراشلىق چاپچال ناھىيىسى تەۋەسىدە 25 - يانۋار ئەتىگەن سائەت 7دىن 47 مىنۇت ئۆتكەندە 5 بال ئەتراپىدا يەر تەۋرىگەن بولۇپ، خەۋەر تورلىرى ھەمدە ئىلى ئوبلاستىنىڭ ھۆكۈمەت ئۇچۇر تورىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق يەرتەۋرەشتە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئادەم 4549 غا يەتكەن.چاپچال ناھىيىسىنى مەركەز قىلغان بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەشتە چاپچال ناھىيىسىدىن 76 كىلومېتىر يىراقتىكى غۇلجا شەھەر ئىچى ھەمدە 25 كىلومېتىر يىراقتىكى قورغاس ناھىيىلىرىدىمۇ سىلكىنىشنىڭ ئېنىق تەسىرى كۆرۈلگەن. دائىرىلەرنىڭ دەسلەپكى تولۇق بولمىغان ستاتىستىكىسىدا كۆرسىتىشىچە، چاپچال ھەمدە قورغاس ناھىيىلىرىنى ھەمدە بەش تاغلىق كەنت - يېزىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەر تەۋرەش مەركىزى رايونلىرىدا 11 ئۆي ئۆرۈلگەن . 133ئائىلىلىكنىڭ 416 ئېغىز ئۆيىگە دەز كەتكەن . 2950 كۇپمېتىر ئەتراپىدا قوتانلار بۇزۇلغان ،بەش مىڭغا يېقىن ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئىچىدە ئېغىر ئاپەتكە ئۇچرىغان ئادەم 588 نەپەرگە يەتكەن ، ئۆيلىرى ئۆرۈلگەن ۋە دەز كەتكەن 305 كىشى چىدىرلارغا كۆچۈرۈلگەن.
چاپچال ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشخانىسىنىڭ ئىلى ھۆكۈمەت ئۇچۇر تورىدا ئېلان قىلىشىغا قارىغاندا ، ھازىرغا قەدەر ئادەم ياكى مال - چارۋىلارنىڭ ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ئەھۋاللىرى مەلۇم قىلىنمىغان.
ئاپەتتىكى خەلق يېقىلغۇ ھەم ئاشلىققا مۇھتاج
چاپچال ناھىيە بازىرىدىن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر ئايال ، يەر تەۋرەشنىڭ ناھىيە ئىچىدىكى ئاممىغا ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسەتمىگەنلىكىنى ،ئەمما ئىتتىپاق كەنتىدىكى خەلقنىڭ بىۋاستە تەسىرگە ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتتى.بىز يەر تەۋرەش ئاپىتى ئېغىرراق بولغان چاپچال ناھىيىسى چوڭ بۇغرا يېزىسىنىڭ ئاپەت ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ، يېزىلىق ھۆكۈمەت ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر يېزىلىق ھۆكۈمەت خادىمى ئاپەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئۆيلىرى ئۆرۈلگەن ۋە چاك كەتكەن بىر قىسىم دېھقانلارنىڭ چىدىرلارغا كۆچۈپ كىرىۋاتقانلىقىنى، ئاپەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ، نۆۋەتتە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىدە ئاممىنىڭ يېقىلغۇ ھەمدە ئاشلىققا مۇھتاج بولىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاپەتتە قالغان بىر قىسىم ئامما يەنىلا خەتەرلىك ئۆيلەردە ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولماقتا
ئىلى ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت ئۇچۇر تورىدا گەرچە چاپچالدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى ھەققىدە بەزى خەۋەرلەر بېرىلگەن بولسىمۇ، مەزكۇر خەۋەرلەردە پەقەت ، ئوبلاست ھەم ناھىيە رەھبەرلىرىنىڭ چاغانلىق دەم ئېلىشىنى قۇربان قىلىپ يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان خەلققە بەكمۇ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى ، ھۆكۈمەتنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تەييارلىقىنى جىددىي ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ، ئاپەتتىكى خەلققە 50 چېدىر ئەۋەتىلگەنلىكىنى تەشۋىق قىلغان .ئەپسۇس ئاپەتتىكى خەلقنىڭ قانداق قىيىنچىلىقلارغا ئۇچراۋاتقانلىقى ھەم قانداق ياردەملەرگە مۇھتاج ئىكەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن.
بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەشتە چاپچال ناھىيىسىنىڭ چوڭبۇغرا يېزىسى ئىتتىپاق كەنتىنىڭ ئاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر بولۇپ ، بىز بۇ كەنتتىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما بىلەن ئالاقىلىشىشقا تىرىشتۇق ،تېلېفونىمىز ئىتتىپاق كەنتىگە ناھايىتى تەستە ئۇلاندى. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر دېھقان ئايال يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگىنىگە ئىككى كۈن بولغان بولسىمۇ ، ھۆكۈمەتنىڭ ياردەملىرىنىڭ ھەتتا چىدىرنىڭمۇ تېخى بۇ يېزىدىكى ئاپەتتە قالغان خەلققە يېتىپ كەلمىگەنلىكىنى، ئۆيىگە چاك كەتكەن قوشنىسىنىڭمۇ ھازىرغىچە خەتەرلىك ئۆيدە ئولتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
چاپچالدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتى ئىلى ئوبلاستىدا قىشنىڭ جۇدۇن كۈنلىرىگە توغرا كەلدى، ھاۋارايى ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە ، غۇلجا تەۋەسىنىڭ بۈگۈنكى ھاۋا تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 10 گىرادۇس ئەتراپىدا بولۇپ ، بىر نەچچە كۈن ئىچىدە قار يېغىپ قېلىشى مۇمكىن.