ھۈسەنجان: ‏ئەيدىز ئىنسانلار تەۋبە قىلغاندا يوقىلىدۇ

ھەر يىلى 12‏-ئاينىڭ 1‏-كۈنى دۇنيا ئەيدىز كۈنى. بۇ يىلقىسى دۇنيا ئەيدىزگە قارشى تۇرۇش كۈنىنىڭ 24‏-قېتىملىق سەپەرۋەرلىكىدۇر. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەيدىز كەبى قەبىھ كېسەللەرنىڭ ماھىيىتىنى ئىزدەپ، ئىلاھى دەستۇرلارغا ھاۋالە قىلغان ئىدۇق.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىي
2011.11.30
Husenjan-Gollandiye-TV-qanilida-uyghurlar-heqqide-inkas-305.jpg ھۈسەنجان گوللاندىيىدىكى ئىسلام نمو قانىلىدا 2009-يىلى 5-ئىيۇل كۈنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىقى ھەققىدە ئىسپات بېرىۋاتماقتا.
RFA/Pidaiy

گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان ھۈسەنجان ئەپەندىم بۇ مەسىلە ھەققىدە بىلگەنلىرىنى ھەمدۇسانا ئوقۇش بىلەن بىرگە مۇسىبەتكە دۇچار بولغانلارغا دۇئا قىلىپ تۇرۇپ شۇنداق ئاڭلاتتى.

-ئاللاھقا ھەمدىلىرمىز، پەيغەمبەر سەللەھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە دۇرۇت ۋە سالمىمىز بولسۇن. بۈگۈن ئەيدىز كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىنسانلار ئىچىدە يامراۋاتقان ئەيدىز كېسىلىدىن ئىبارەت بۇ ۋابادىن، ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىمىزنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەت دۇنياسىنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىشنى سورايمەن ۋە بۇ كېسەلنى يۇقتۇرۇۋالغان مىڭلىغان بىگۇناھ ئىنسانلارغا ئاللانىڭ شىپالىق بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئۇ ئەيدىز بالاسىنى، ئىلاھى دەستۇرلاردا بايان قىلىنغان رېئال ۋەقەلەر ۋە ئۇلارنىڭ ھالاكىتى بىلەن دەلىللەپ، مۇنداق دېدى:
-ئەيدىز، سارىس، سىفلىس، دېگەندەك بۇ ۋابالار يېقىنقى يىللاردىن بىرى ئىنسانلار ئارىسىغا تارقىلىشقا باشلىدى. بۇنى شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى؛ بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ھەددىدىن ئاشقان قۇۋۇملەرگە بەرگەن جازاسىنىڭ بىر قىسمى. يەنى ئىنسانىيەت دۇنياسىغا بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇش. ئاللا قۇرئان كەرىمىدە ئىنسانلارنىڭ يامان قىلمىشلىرى تۈپەيلى قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزدا ئاپەت يۈز بېرىشكە باشلىدى. دەپ ئىنسانلارنىڭ ئارىسىغا مۇنداق كېسەللەرنىڭ تارقىلىشنى ھەرخىل ئاپەتلەرنىڭ كۆپىيىشنى ئىنسانلارنىڭ يامان قىلمىشلىرى يەنى گۇناھ مەئىشەتكە پېتىپ ياراتقۇچىسىدىن يىراقلاشقانلىقى تۈپەيلىدىن بولۇۋاتقانلىقىنى ئاللا بىزگە ئاگاھلاندۇرۇش خاراكتېرىدە دەپ بېرىۋاتىدۇ. ھالبۇكى بەندىلەر بولسا غەپلەتتە ئاللانىڭ ئايەتلىرىگە قۇلاق سالمايۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن گۇناھ مەئىشەتلەر بالايىئاپەتلەر بىلەن نەتىجىلىنىۋاتىدۇ.

ھۈسەنجان، ئەخلاق كرىزىسىنىڭ بەدىلى بولۇۋاتقان بۇ خىل رىياكارلىقنىڭ تارىختىكى بۈيۈك ئۈلگىلىرى ھەققىدە مىساللار كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭ ھەققىدە چىقىرىلغان قۇرئان-ھەدىسنىڭ ھۆكۈملىرىنى مۇنداق ئاڭلاتتى.

-بۇ خىل بالالار يېقىنقى يىللاردىلا يۈز بەرگەن بىر ئىش ئەمەس. بەلكى، بۇرۇنقى ئۈممەتلەردىمۇ كۆرۈلگەن. مەسىلەن: لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قوۋمىمۇ ئاللانىڭ بۇيرۇقىدىن يۈز ئۆرۈپ زىنايى-زالالاتلەرگە پېتىپ، لىۋاتە ئەۋج ئالغان ۋاقتىدا، لوت قوۋمىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى پەيغەمبىرى لۇت ئەلەيھىسسالام، ئۇلارنى لىۋاتە (بەچچىۋازلىق قىلىش ياكى جىنىسداشلار ئارا مۇھەببەتلەشمەك) قىلماسلىققا چاقىرغان. يەنى «... ئاللا سىلەرگە شۇنچە گۈزەل قىزلارنى خوتۇنلۇققا ئېلىشقا بۇيرۇسا، سىلەر نېمىشقا ئەرلەر بىلەن ئەرلەر توي قىلىسىلەر؟» دەپ ئۇلارغا ئاللانىڭ جازاسى چۈشىدىغانلىقى بىلەن ئاگاھلاندۇرغان. شۇ ۋاقىتتىكى ئۇ مىللەت پەيغەمبىرىنىڭ بۇ سۆزلىرىگە قۇلاق سالمىغان. ئاخىرىدا ئاللانىڭ جازاسى ئۇلارغا ئەۋەتىلگەن. ئىسلامنىڭ قانۇنى بولغان قۇرئان كەرىمىدە: «ئۆتكەن ئۈممەتلەرنىڭ بۇ خىل ھالاكىتى بايان قىلىنىش ئارقىلىق ئاللا بىزلەرگە، سىلەرمۇ زىنا زالالەتكە پاتساڭلار، لىۋاتە قىلساڭلار شۇ لۇتنىڭ قوۋمىغا ئوخشاش قىسمەتكە دۇچار بولىسىلەر ياكى ئۇندىنمۇ قاتتىق ئازاب سىلەرنى قورشىۋالىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام 1400 يىلنىڭ ئالدىدىلا بۇ خىل كېسەللىكلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن ئۈممەتنى ئاگاھلاندۇرغان. ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان «سەھى ھەدىس» تا: «بىر قوۋمدا پاھىشە ئاشكارا بولغاندا ھەتتا ئۇنىڭ ئېلانلىرى ھەر يەرگە تارقالغاندا، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاتا بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدا بولۇپ باقمىغان ۋابا ۋە ئاغرىقلار تارقىلىپ كېتىدۇ.» دەيدۇ. مانا بۇ ھەدىس بۇ كېسەللەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا قارشى ئىسلامنىڭ بىزگە بەرگەن ئەڭ چوڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنىڭ بىرىدۇر.

ئۇ يەنە ئەيدىز كېسىلىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تارقىلىشى ھەققىدە توختىلىپ:
-تۇنجى ئەيدىز بىمارى 1983 يىلى فرانسىيىدە بايقالدى. بۇ كىشى لىۋاتىچى ئىدى. يەنى بەچچىۋاز. لىۋاتىچىلىق-دىنىمىزدا قاتتىقى چەكلەنگەن بىر گۇناھ. ئۇندىن بىر يىل كېيىن بۇ كېسەل ئامېرىكىدا بايقالدى. شۇنداق قىلىپ پۈتۈن دۇنياغا تارقالدى. ھەتتا ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىمۇ تىز سۈرئەتتە يامراشقا باشلىدى، دېدى.

ئەيدىز ۋىرۇسى بايقالغاندىن كېيىن دۇنيادىكى مەشھۇر تەتقىقاتچى دوختۇرلار، بۇ ۋىرۇسقا قارشى دورا ئۈچۈن 25 يىلدىن بىرى قاتتىق ئىزدىنىۋاتىدۇ. ئىنسانىيەت دۇنياسىدا بۇ ۋابالار پەيدا بولغاندىن كېيىن، ھەممە سەپەرۋەرلىككە كېلىپ بۇ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تېرىشىۋاتىدۇ. ھەرخىل ئۇسۇللار ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدىيۇ، ئەمما كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ سانى يىلدىن-يىلغا كۆپىيىۋاتىدۇ. بۇ نېمە ئۈچۈن؟

-بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى: ئەيدىز، سىفلىس كەبى كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مەنبەلەر ئۈنۈملۈك بىر شەكىلدە توسالمايۋاتىدۇ. قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ ھۆكۈمى بويىچە بۇ ئۈممەت؟ ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرنىڭ ھالىدىن ئىبرەت ئېلىشى كېرەك ئىدى. ئىنسانىيەت دۇنياسىنى ۋەيران قىلىۋاتقان بۇ خىل سىفلىس، ئەيدىز كېسەللىكلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولۇۋاتقان ئامىللارنى يوق قىلىشى، ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھ قىلىشى كېرەك ئىدى. ئەلۋەتتە، ئەيدىزنىڭ يۇقۇش يوللىرىدىن بىرى بولغان زەھەرلىك چېكىملىك، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئوخشاش شەكىلدە چەكلەندى. بۇنىڭغا قارشى دۆلەتلەردە قانۇنلار چىقىرىلدى. بىر تەرەپتىن پۈتۈن ھۆكۈمەت ۋە خەلق ئاممىسى ئورتاق خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. ئەپسۇس ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى بولغان پاھىشىخانىلار، لىۋاتە قىلىش-ئەر بىلەن ئەر توي قىلىش قاتارلىق ئىشلارغا قارشى تۇرۇش ئۇياقتا تۇرسۇن؛ بەلكى، قانۇنلىشىۋاتىدۇ. بۇ خىل مەنبەلەردىن ئىنسانلار ئارىسىدا كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشىغا تېخىمۇ كەڭ يول ئېچىلىۋاتىدۇ. يېغىپ ئېيتقاندا: ئىنسانلار ئاللانىڭ بۇيرۇقىغا قارشى ئەڭ چوڭ خاتالىققا قاراپ مېڭىۋاتىدۇ.

ئۇ سۆھبەت ئاخىرىدا ئەيدىز بالاسىدىن قاچان ۋە قانداق قۇتۇلغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئۆز كۆز قارىشىنى خۇلاسىلەپ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ؛ ھەر قانداق كېسەلنىڭ شىپاسى بولىدۇ. دېگەن ھەدىسى بار. ئىنسانلار زىنا-پاھىشدىن يىراق بولغاندا، لىۋاتىلەر(بەچچىۋازلىق قىلغۇچىلار ياكى جىنىسداشلار ئارا مۇھەببەتلەشكۈچىلەر دېگەن مەنىدە) سۈپۈرۈلگەندە، زەھەرلىك چېكىملىكلەر يوقىتىلغاندا بۇ خىل كېسەللىكلەرنىڭ يىلتىزى قۇرۇيدۇ. ئىنسانلار ئاللاھقا تەۋبە قىلغاندا، ئاللاھقا يېقىنلاشقاندا، پەرۋەردىگارىمىز بۇ ۋابالارغا بىر شىپالىق ئەۋەتكۈسى، دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.