قازاقىستان دۇنيا جامائەتچىلىكىنى يادرو قورالىغا قارشى كۈرەشكە چاقىرماقتا

قازاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 26 - ئاۋغۇست كۈنى ئاستانا شەھىرىدە خەلقئارا يادرو سىنىقىغا قارشى ھەرىكەت كۈنىگە بېغىشلانغان مۇھاكىمە بولۇپ، ئۇنىڭ قاتناشقۇچىلىرى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻮﻳﻐﺎﻥ
2010-08-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺗﺎﻛﺎﺩﺍ ﺟﯘﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ "ﺧﯩﺘﺎﻳﺪﺍ ﺋﺎﺗﻮﻡ ﺳﯩﻨﺎﻗﻠﯩﺮﻯ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﺎﯞﺍ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
ﺗﺎﻛﺎﺩﺍ ﺟﯘﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ "ﺧﯩﺘﺎﻳﺪﺍ ﺋﺎﺗﻮﻡ ﺳﯩﻨﺎﻗﻠﯩﺮﻯ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﺎﯞﺍ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
RFA Photo / Erkin Tarim

مەزكۇر مۇھاكىمە قاتناشقۇچىلىرى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ، قازاقىستان ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى، خەلقئارا بىرلەشمىلەرنى ۋە جامائەتچىلىكنى 29 - ئاۋغۇستنى يادرو سىنىقىنى ئۈزۈل - كېسىل مەنئى قىلىش مەقسىتىدە ئەمەلىي ئىشلار ئېلىپ بېرىش خەلقئارا كۈنى سۈپىتىدە ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى.

ئۇلار قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ قۇۋۋىتى جەھەتتىن دۇنيا بويىچە تۆتىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن يادرو قورالىدىن ئۆز ئەركى بىلەن ۋاز كېچىش ھەم دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يادرو سىناق مەيدانلىرىنىڭ بىرىنى يېپىشقا ئوخشاش مۇھىم قەدەمنى باشلىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئارقىلىق قورالسىزلىنىش ۋە يادرو قورالىنى تارقاتماسلىق جەريانىغا چوڭ ئۈلۈش قوشقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
 
مۇھاكىمە قاتناشقۇچىلىرى شۇنداقلا ن.نازاربايېفنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دائىرىسىدە 29 - ئاۋغۇستنى خەلقئارا يادرو سىناقلىرىغا قارشى ھەرىكەت كۈنى دەپ بەلگىلىشى پۈتكۈل دۇنيا بويىچە يادرو قورالىنى مەنئى قىلىشقا ھەم شۇنداقلا يادرو قورالسىز تېنچ ۋە خاتىرجەم ھاياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە قارىتىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇلار بۇ مەقسەتتە خەلقئارا كېلىشىمنىڭ تېز ئارىدا ئۆز كۈچىگە كىرىشىنىمۇ تەكلىپ قىلغان. مۇھاكىمە يىغىنىدا ب د ت نىڭ باش كاتىپى بان كىمۇننىڭ ئۇنىڭ قاتناشقۇچىلىرىغا يوللىغان خېتى تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا قازاقىستاننىڭ يادرو قورالىدىن باش تارتىپ، يادرو قورالسىز ئالەمنى قۇرۇشنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلىنىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
 
قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلىرى مىنىستىرى، دۆلەت كاتىپى قانات سائۇدابائېف دۆلەت رەھبىرى ن. نازاربايېفنىڭ يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا ئەۋەتكەن مۇراجىئەتنامىسىنى ئوقۇپ بەرگەن. ئۇنىڭدا، ن.نازاربايېف ئۆزىنىڭ يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا چوڭ ھۆرمەت بىلدۈرىدىغانلىقىنى، 1991 - يىلى 29 - ئاۋغۇستتا شەمەي يادرو سىناق مەيدانىنى يېپىش توغرىلىق بۇيرۇققا قول قويۇش ئارقىلىق قازاقىستاننىڭ دۇنيادىكى ئەڭ قۇۋۋەتلىك يادرو سىناق مەيدانلىرىنىڭ بىرىدىن ئۆز ئەركى بىلەن باش تارتقانلىقىنى ھەمدە بۇنىڭ خەلقنىڭ خاھىشىغا بىنائەن دۇنيادا بىرىنچى قېتىم ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ قازاق يېرىدە 40 يىل مابەينىدە 490 يادرو يېرىلىشى يۈز بېرىپ، 1.5 مىليوندىن ئوشۇق ئادەمنىڭ زەرداپ چەككەنلىكىنى، خەلققە كەڭ كۆلەمدە زىيان يەتكۈزۈلگەنلىكىنىمۇ تەكىتلىگەن. پرېزىدېنتنىڭ مۇراجىئەتنامىسىنى تولۇقى بىلەن قوبۇل قىلغان يىغىن قاتناشقۇچىلىرى شۇنداقلا ب د ت ئاگېنتلىقلىرى بىلەن بىرلىكتە قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مەبلەغ ئاجرىتىش كۆزدە تۇتۇلۇۋاتقان شەمەي رايونىنىڭ 2011 - 2015 - يىللاردىكى تەرەققىيات پروگراممىسىنى قوللاپ - قۇۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئاگېنتلىقنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ يۇنېسكودىكى دائىمىي ۋەكىلى ئولجاس سۈلېيمېنوف بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا يادرو سىناقلىرىدىن زەرداپ چەككەنلەرنىڭ خەلقئارا فوندىنى قۇرۇش تەكلىپىنى بەرگەن. ئۇ مەزكۇر فوندىنىڭ پەقەت شەمەيدىلا ئەمەس، بەلكى يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىلغان دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ ئىش ئېلىپ بېرىشنى، يادرو سىنىقىنى ئۆتكۈزۈشكە خەلقئارادا چەك قويۇلۇپ، 20 يىل ئىچىدە ئىقتىساد قىلىنغان مىلياردلىغان دوللارنىڭ مەلۇم قىسمىنى فوندقا بۆلۈپ، شۇ زەرداپ چەككەنلەرنىڭ سالامەتلىكىنى قوغداشقا ئىشلىتىش كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھازىر ئا ق ش، رۇسىيە، ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە خىتاي قاتارلىق يادرو دۆلەتلىرى بولۇپ، ئۇلار يادرو قورالىنى تارقاتماسلىق ھەققىدە كېلىشىمگە قول قويغان. بۇنىڭدىن تاشقىرى بۇ كېلىشىمگە قول قويمىغان، ئامما بۇ قورالغا ئىگە دۆلەتلەر قاتارىغا ھىندىستان، پاكىستان، شىمالىي كورىيە، يادرو قورالىغا ئىگە بولۇشىدا ياكى ئۇنى ئىشلەپچىقىرىشتا گۇمان قىلىنىۋاتقان دۆلەتلەر قاتارىغا ئىسرائىل، ئىران، سۈرىيە ۋە بېرما كىرىدۇ. ئەمدى ئىلگىرى يادرو قورالىغا ئىگە بولۇپ، كېيىن ئۇنىڭدىن ئۆز ئەركى بىلەن باش تارتقان دۆلەتلەر قاتارىغا ئوكرائىنا، بېلورۇس، قازاقىستان ۋە جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ياتىدۇ. ھازىرچە تەستىقلانمىغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، يادرو قورالغا ئىگە دۆلەتلەر سانى كېلەچەكتە يىگىرمىدىن ئېشىشى پەرەز قىلىنماقتا.

دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ھېسابلانغان بەش ئاتوم دۆلىتى 1945 - يىلدىن 1996 - يىل ئارىلىقىدا جەمى بولۇپ 2070 كە يېقىن يادرو بومبىسى ئاتقان. ئۇنىڭ ئىچىدىن ئا ق ش 1054 سىناق ئۆتكۈزگەن بولۇپ، سىناقلار ئاساسەن نېۋادا شتاتى ۋە مارشال ئاراللىرىدا ئېلىپ بېرىلغان. سوۋېت ئىتتىپاقى ئاساسەن شەمەي ۋە يېڭى يەر سىناق مەيدانلىرىدا 715 يادرو بومبىسى ئاتقان. فرانسىيە 210 يادرو سىنىقىنى ئاساسەن ئالجىر ۋە فانگاتۇفا ۋە مورۇروئا سىناق مەيدانلىرىدا، ئەنگلىيە بولسا 45 سىناقنى ئاۋسترالىيىدە ۋە باشقا يەرلەردە ئۆتكۈزگەن.

ئاسىيا قىتئەسىدە دەسلەپ بولۇپ يادرو قورالىغا ئىگە بولغان خىتاي 45 سىناقنىڭ ھەممىسىنى ئۇيغۇر رايونىنىڭ لوپنور سىناق مەيدانىدا ئۆتكۈزگەن. بۇنىڭ نەتىجىسىدە نەچچە مىليونلىغان ئادەم قۇربان بولغان ھەمدە مۇھىتقا چەكسىز زىيان يەتكۈزۈلگەن. مۇشۇ كۈنگىچە يادرو سىناقلىرىنى ئۆتكۈزگەن دۆلەتلەر بۇ پاجىئەنىڭ ئاقىۋەتلىرىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىدىن يوشۇرۇپ كەلمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.


 
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت