موڭغۇل دوختۇر خىمىيە زاۋۇتىدىكى پارتلاشنىڭ قالدۇق زىيانلىرى ھەققىدە توختالدى
2011.02.16

1992-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى ئىچكى موڭغۇلنىڭ توڭلياۋ شەھىرىدىكى گلىتسېرىن ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر زاۋۇتتا پارتلاش يۈز بېرىپ، ئۆلۈش ھەم يارىلىنىش ۋەقەسى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئەمما بۇ قېتىملىق پارتلاشنىڭ ئەڭ ئېغىر زىيىنى يەنىلا زاۋۇتتىكى پارتلاش سەۋەبىدىن ھاۋاغا تارقالغان زەھەرلىك گاز ھەم رايوننىڭ ئېقىن سۇ مەنبەسىدىكى ئېغىر بۇلغىنىش مەسىلىسى بولغان.
ئىچكى موڭغۇل توڭلياۋ شەھىرىدىكى مەلۇم دوختۇرخانىدا ئىشلەيدىغان ئالماس سىرنۇد ئەپەندىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك تەكشۈرۈش، تەتقىق قىلىشىچە، توڭلياۋ شەھىرىدىكى موڭغۇل چارۋىچىلىرى ئارىسىدا 90- يىللاردىن كېيىن ھەسسىلەپ كۆپەيگەن تۈرلۈك يامان خاراكتېرلىك راك كېسەللىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئاشۇ قېتىملىق پارتلاش ھەم شەھەردىكى خىمىيە زاۋۇتلىرىنىڭ مۇھىتنى ئېغىر بۇزغانلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئىكەن.
ئالماس ئەپەندى، سۆزىدە ئەينى چاغدىكى پارتلاشتىن كېيىن ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ۋەقەنى ياخشى بىر تەرەپ قىلمىغانلىقىنى بايان قىلىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان موڭغۇل چارۋىچىلىرىنىڭ يېتەرلىك تۆلەم ھەم داۋالاش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئالماس ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كېيىنكى چاغلاردا ئىچكى موڭغۇلدىكى موڭغۇل زىيالىيلىرى ھۆكۈمەتنىڭ يەرلىك موڭغۇللارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى بىلەن كارى بولمىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئەمما، رايوندىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بولسا موڭغۇللارنىڭ نارازىلىقلىرىنى تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق باستۇرغان.
ئالماس ئەپەندى سۆزىدە ئۆزىنى مىسالغا ئېلىپ، ئۆزىنىڭ 2009- يىلى 4- ئاي مەزگىلىدە شۇ قېتىملىق پارتلاشنىڭ رايونغا ئېلىپ كەلگەن زىيانلىرى ھەققىدە تور بېتىدە مۇنازىرە ئۇيۇشتۇرغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، دۆلەتنى پارچىلاش، مىللىي بۆلگۈنچىلىك جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى جەريانىدا پەقەت ئىقتىسادىي مەنپەئەتنىلا قوغلىشىپ، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى ھەم خەلقنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى بىلەن كارى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى سەۋەبىدىن ئۇچرىغان زىيانكەشلىكى ئەڭ ئېغىر ئىكەن. بولۇپمۇ، تۈرلۈك زەھەرلىك گاز ئىشلەپچىقىرىپ، مۇھىتنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغايدىغان زاۋۇت - فابرىكىلار خىتاينىڭ شەرقىي شىمال ھەم غەربىي شىمالىدىكى رايونلارغا قۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن، بۇ جايلاردىكى موڭغۇل، مانجۇ، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش ئەھۋالى خىتاي بويىچە ئەڭ ئېغىر ئىكەن.