خىتاينىڭ زەھەرلىك سۈت مەھسۇلاتلىرىدىن دۇنيا ھەزەر ئەيلىمەكتە
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2008.09.22
2008.09.22

AFP Photo
تەكشۈرۈش دوكلاتى يوللىنىپ 38 كۈن ئۆتكەندە، ئاندىن يۇقىرىغا مەلۇم قىلىنغان
مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، شىجياجۇاڭ شەھىرىدىكى 'سەنلۇ' ماركىلىق سۈت پاراشۇكى گۇرۇھىنىڭ 'سەنلۇ' سۈت مەھسۇلاتلىرى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتى شەھەرلىك پارتكومغا يوللىنىپ 38 كۈن ئۆتكەندە، ئاندىن مەسىلە خېبېي ئۆلكىلىك پارتكومغا مەلۇم قىلىنغان. بۇ جەرياندا سەنلۇ ماركىلىق سۈت پاراشۇكى بىلەن زەھەرلىنىپ كېسەل بولغان كىچىك بالىلارنىڭ سانى 50 مىڭدىن ئاشقان.'سەنلۇ' سۈت پاراشۇكى ئۆتكەن ئايدىلا بازاردىن چېكىندۈرۈلۈشكە باشلىغان
روېيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ 'سەنلۇ' ماركىلىق سۈت پاراشۇكى بىلەن تەمىنلەنگەن كىچىك بالىلار كېسەل بولۇشقا باشلىغاندىن كېيىن، سىنگاپور، مالايشىيا، برۇنېي، خوڭكوڭ، تەيۋەن، ياپونىيە، بېنگال، گابون، بۇرۇندى، فىلىپىنلەردە خىتاينىڭ سۈت مەھسۇلاتلىرى بازاردىن چېكىندۈرۈلۈشكە باشلىدى.خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئۆتكەن ئايدىلا خىتاينىڭ 'سەنلۇ' ماركىلىق سۈت پاراشوكىدا بۆرەكتە تاش پەيدا قىلىدىغان 'مېلانىن' دەپ ئاتىلىدىغان خېمىيىۋىي ماددا بارلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان ئىدى. خوڭكوڭدىكى 'خانىش مارگارىت دوختۇرخانىسى'نىڭ بالىلار دوختۇرى چاۋ چۇڭبوڭ 'سەنلۇ' ماركىلىق سۈت پاراشۇكىنى قوللانغان ئىككى كىچىك بالىنىڭ بۆرىكىدە تاش ھاسىل بولغانلىقىنى مەلۇم قىلغاندىن كېيىنلا، تەيۋەندە خىتايدىن كىرگەن بۇ خىل سۈت پاراشۇكىنى ئىنچىكىلەپ تەكشۈرۈشكە باشلىغان ئىدى. ئافرىقىدىكى نامرات دۆلەتلەردىن گابون، بۇرۇندىلارمۇ خىتايدىن بۇ خىل سۈت پاراشۇكىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىگەن ۋە گوللاندىيە شىركەتلىرىمۇ بۇ خىل سۈت مەھسۇلاتلىرىنى سىنگاپور، خوڭكوڭ، ماكاۋلاردىكى بازارلاردىن چېكىندۈرۈشكە باشلىغان ئىدى.
ياپونىيە 'سەنلۇ' سۈت پاراشۇكىنى 90 مىڭ شىركەتتىن ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلغان
ياپونىيىنىڭ ھۆكۈمەت باياناتچىسى نابۇتاكا ماكىمۇرانىڭ ئېيتىشىچە، ياپونىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ زەھەرلىك مېلاتىن خېمىيىۋىي ماددىسى بار سۈت مەھسۇلاتلىرى ئىمپورت قىلىنغان ياكى قىلىنمىغانلىقىنى دۇنيا مىقياسىدا 90 مىڭ شىركەتتىن ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلدى.جەنۇبىي كورىيىنىڭ نامياڭ سۈت مەھسۇلاتلىرى شىركىتى بولسا، خىتاينىڭ بۇ خىل زەھەرلىك سۈت مەھسۇلاتلىرىدىن تەخمىنەن ھەر ھەپتىدە 16 مىڭ قۇتا سېتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمدى بۇنى بازارغا سالمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
سەنلۇ گۇرۇھىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى، مەبلەغ مۇدىرى 'بىرىنچى ماي شۆھرەت مېدالى' بار ئەرباب
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، شىجياجۇاڭ شەھىرىدىكى سەنلۇ گۇرۇھى خىتاينىڭ يېمەك سانائىتى ساھەسىدە ئالتە يىلدىن بۇيان ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان شىركەت دەپ سانىلىپ كېلىۋاتقان شىركەتلەرنىڭ بىرى. بۇ شىركەتنىڭ پارتكوم سېكرىتارى، مەبلەغ مۇدىرى تيەن ۋېنخۇ يىللاردىن بۇيان خىتايدا 'بىرىنچى ماي شۆھرەت مېدالى' ئالغان' ئەرباب، 'مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى'، 'سەككىزىنچى مارت قىزىلبايراقدارى' دەپ ماختىلىپ كېلىۋاتقان ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئىمتىيازلىق ئەرباب.'سەنلۇ' سەتچىلىكى خىتايدا ئۇزۇندىن بۇيان مەۋجۇت ساقلىنىۋاتقان يېمەك - ئىچمەك بىخەتەرلىكى مەسىلىلىرىنىڭ داۋامى
ئامېرىكىدا چىقىدىغان 'زامان' ژۇرنىلى 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا 'سەنلۇ' ماركىلىق سۈت مەھسۇلاتلىرى سەتچىلىكى خىتايدا ئۇزۇندىن بۇيان مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان يېمەك - ئىچمەك بىخەتەرلىكى مەسىلىلىرىنىڭ داۋامى ئىكەنلىكى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاندى.بۇ دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە يەنە، دۇنيا خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئۆي ھايۋانلىرى يېمەكلىرىنىڭ ئامېرىكىدا مىڭلىغان تۈمەنلىگەن ئىت ۋە مۈشۈكلەرنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى كۆردى. ھازىر ئامېرىكا خەلقى خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان ھايۋانات يېمەكلىرىدىن ئاللىقاچان ھەزەر ئەيلىدى.
'دۆلەتنى پەن - ئىلىم بىلەن باشقۇرۇش' دەۋاتقان خۇ جىنتاۋ، ۋېن جياباۋ ھۆكۈمىتىنىڭ بىر پارتىيە تۈزۈمى ئاستىدا يۈز بېرىۋاتقان مەسىلە
خىتاينىڭ سابىق رەھبىرى جاۋ زىياڭنىڭ كاتىبى باۋتۇڭ ئەپەندىنىڭ رادىئومىز ئۈچۈن يازغان ئوبزورىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا سەنلۇ گۇرۇھى پەۋقۇلئاددە ئىمتىيازغا ئىگە شىركەت. ئۇنىڭ باشلىقىنىڭ ئۆزىلا پارتكوم سېكرىتارى. بۇ شىركەتنىڭ بۇلتۇر ساتقان مەھسۇلاتلىرىنىڭ قىممىتى 10 مىليارد يۇەندىن ئاشقان. يىللىق پايدىسى %15 دىن توختاۋاتىدۇ.باۋتۇڭ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، مەسىلە ئەمدى پاش بولۇۋاتىدۇ، گەرچە شىنخۇا ئاگېنتلىقى ھازىر بۇ مەسىلىنى 'چەتئەللەر جۇڭگو مەھسۇلاتلىرىنى يامان كۆرسىتىۋاتىدۇ' دەپ جار سېلىۋاتسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ھەر قانداق ئادەم بۇنداق مەسىلىنىڭ شىركەتتىكى مەسىلە ياكى جىنايەت دېلوسى ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدۇ، توغرىسىنى ئېيتقاندا، بۇ پەن - ئىلىم بىلەن دۆلەتنى باشقۇرۇش دەۋاتقان خۇ جىنتاۋ، ۋېن جياباۋ ھۆكۈمىتىنىڭ بىر پارتىيە تۈزۈمى ئاستىدا يۈز بېرىۋاتقان مەسىلە.