ئالمۇتادىكى ئۇيغۇرلار مىللىي ئارمىيە بايرىقىنى خاتىرلىدى

8 ‏- ئاپرىل كۈنى ئالمۇتادىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيىسى قۇرۇلغان خاتىرە كۈنىنى ۋە بارىن ئىنقىلابىي خاتىرە كۈنىنى ئەسلەپ پائالىيەت ئۇيۇشتۇردى.

0:00 / 0:00

يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى قەھرىمان غوجامبەردى ۋە مىللى ئارمىيىنىڭ پىشقەدەم ئوفىتسېر - جەڭچىلىرى سۆزگە چىقىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئازاتلىق كۈرەش تارىخىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، قازاقىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللانىڭ بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتىنى ئاڭلايسىز.