ئەلىخان تۆرە ساغۇنىنىڭ تاشكەنتتىكى ھايات-پائالىيەتلىرى ھەققىدە سۆھبەت
2011.12.26
ئەلىخان تۆرە 1946-يىلى 6-ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدىكى بىخەتەرلىك خادىملىرى تەرىپىدىن مەخپىي رەۋىشتە سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن تاشكەنتكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، نازارەت ئاستىدا تۇتۇلغان ئىدى.
مەرھۇم ئەلىخان تۆرە ساغۇنىي تاشكەنتتە ياشىغان ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ «تۈركىستان قايغۇسى» ماۋزۇلۇق ئەسلىمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار ئەسەرلەرنى يازغان ھەمدە 1976-يىلى كېسەل سەۋەبى بىلەن 92 يېشىدا ۋاپات بولغان.
ئەلىخان تۆرە ساغۇنىنىڭ ئەڭ كىچىك ئوغلى، ھازىر تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ياشاۋاتقان دوكتور قۇتلۇقخان تۆرە يېقىندا دادىسىنىڭ «تۈركىستان قايغۇسى» ناملىق كىتابىنى قايتىدىن تولۇق نەشرگە تەييارلاپ، ئۆزبېك تىلىدا نەشر قىلدۇرغان. دوكتور قۇتلۇقخان ئەپەندى كۆپ يىللاردىن بۇيان ئەلىخان تۆرنىڭ ئەسەرلىرى ، ئىدىيىسى ھەم پائالىيەتلىرى ئۈستىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانماقتا.
ئۆز مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار قۇتلۇقخان ئەپەندى بىلەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ئەلىخان تۆرىنىڭ 1946-يىلىدىن كېيىن تاشكەنتتە ئۆتكۈزگەن ھايات پائالىيەتلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن بۇ سۆھبەتنى ئاڭلايسىلەر.