مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى ئېلەم تۇرسۇنوف: ياشلار بولسىمۇ ۋەتەننى كۆرسە...

ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ قىرىقىنچى يىللىرى باسقۇنچىلارغا قارشى ئېلىپ بارغان مىللىي-ئازادلىق ھەرىكىتى قاتناشقۇچىلىرىنىڭ كۆپچىلىكى مۇشۇ كۈنگىچە قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرى ۋە ئالماتا ۋىلايىتىدە ئىستىقامەت قىلماقتا.

0:00 / 0:00

ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇلارنىڭمۇ سېپى ئازايماقتا. شۇ ئوتلۇق يىللارنىڭ شاھىتلىرى بولغان ئۇلار مىللىي-ئازادلىق كۈرەشنىڭ ماھىيىتى، كوممۇنىستىك ھۆكۈمرانلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئېلىپ بارغان سىياسىتى، مىڭلىغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ھاياتىنى قىيغان سىياسىي تەقىبلەشلەر، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيىسى جەڭچىلىرىنىڭ قەھرىمانلىقى ۋە جاسارىتى ھەم شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە ئۆزلىرىنىڭ پىكىر-قاراشلىرىنى، ئارزۇ-نىيەتلىرىنى بىلدۈرمەكتە. مانا شۇنداق كىشىلەرنىڭ بىرى ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ تالغىر ناھىيىسى كولخوزچى يېزىسىنىڭ تۇرغۇنى ئېلەم تۇرسۇنوفتۇر.

«باتۇرلۇق» ھەم «پىدائىي» مېداللىرىنىڭ ساھىبى ئېلەم ئاكا تۇرسۇنوف رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھەربىي پائالىيىتى ھەققىدە ئەسلىمىلىرىنى بايان قىلدى.