سەئۇدى ئەرەبىستانىدا سۈرىيىگە ياردەم توپلاش پائالىيىتى باشلاندى

سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھى ئابدۇللانىڭ پەرمانى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ بارلىق شەھەر ۋە يېزىلىرىدا سۈرىيە خەلقى ئۈچۈن ياردەم توپلاش پائالىيىتى باشلىنىپ كەتتى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان
2012-07-26
Share
seudi-suriyige-yardem-berish-305.jpg سەئۇدى ئەرەبىستانىدا سۈرىيىگە ياردەم توپلاش پائالىيىتى. «ئىقتىساد» گېزىتىدىن ئېلىندى. 2012-يىلى 26-ئىيۇل.
RFA/Omerjan

ھەممىگە مەلۇمكى، سەئۇدى ئەرەبىستان مەملىكىتى پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ غېمىنى يەيدىغانلىقى ۋە قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا ياردەم قولىنى سوزىدىغانلىقى بىلەن تونۇلغان بىر مەملىكەت بولۇپ، بۇنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ.

مۇندىن ئىلگىرى پەلەستىن خەلقى ئۈچۈن بىر قانچە ئون يىللاردىن بىرى ئۈزۈلدۈرمەستىن ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى، ھىندونېزىيىگە ئوخشىغان تەبىئىي ئاپەتكە ئۇچرىغان دۆلەتلەرگە، بېنگالغا ئوخشىغان پېقىر دۆلەتلەرگە، ئافرىقىغا ئوخشىغان ئاچارچىلىق يۈز بەرگەن دۆلەتلەرگە يىللاردىن بىرى ھەر يىلى مۇبارەك رامزان ئېيىدا ياردەم توپلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىپ كېلىۋاتقانلىقى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ خەير-ساخاۋەتتە دۇنيادا ئەڭ ئالدىنقى دۆلەت بولۇپ قالغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

ئۆتكەن يىلى رامزان ئېيىدا سومالىغا ياردەم توپلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغان بولسا، بۇ يىل رامزاندا سۈرىيە خەلقىگە ياردەم توپلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلماقتا. بۇ يەردە ياردەم توپلاش پائالىيىتى ھۆكۈمەتنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا، ھۆكۈمەت ۋە خەلق تەرەپتىن توپلىنىدۇ. پادىشاھ بىرىنچى بولۇپ ياردەم قىلىدۇ. ئاندىن يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئادەملىرى ئاتىغانلىرىنى تەقدىم قىلىدۇ. ئاندىن خەلق ئۆز ئارىسىدا ياردەم توپلاشقا باشلايدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان گېزىت ۋە ژۇرناللارنىڭ بىردەك تەكىتلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئىنسانىي ياردەم توپلاش ئىشى بۇ مەملىكەتنىڭ ئادىتىگە ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، 45 يىلدىن بىرى ھەر يىلى رامزان ئېيىدا، ئەھۋالى ئېغىر بولغان بىرەر دۆلەت خەلقىگە ياردەم توپلاش ئادىتى داۋام قىلماقتا ئىكەن.

ئىنسانلارغا ياردەم قىلىش مۇسۇلماننىڭ بۇرچىدۇر

سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان «ئەل مەدىنە» گېزىتىنىڭ 2012-يىلى 26-ئىيۇل كۈنىدىكى سانىدا، «سۈرىيە خەلقىگە ياردەم توپلاش سەپەرۋەرلىكى ئەۋجىگە چىقماقتا» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان: «قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا ماددىي ياردەم قىلىش ئىنسانىي ئەخلاق بولغاننىڭ سىرتىدا، مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەزىپىسى ۋە ئادىتىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە: ‹مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشىغا كۆڭۈل بۆلمىگەنلەر ئۇلاردىن ئەمەس› دەپ كۆرسەتكەن. سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىسلام دۆلەتلىرى ئىچىدە كۆرۈنەرلىك ۋە ئېتىبارلىق بىر مەملىكەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىنسانىي ياردەم ۋە دۇنياۋى تىنچلىق ئىشلىرىدا ئۈلگىلىك رولىنى ئويناپ كەلمەكتە. 45 يىلدىن بىرى ھەر يىلى رامزان ئېيىدا، قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا ياردەم توپلاش پائالىيىتى داۋام قىلماقتا. ھازىرغىچە توپلانغان ياردەم سانى 12 مىليارد رىيال(3 مىليارد دوللار)غا يەتكەن. سەئۇدى ئەرەبىستان خەلقىمۇ ياردەم قىلىشقا ئۆگىنىپ كەتكەن. ھەتتا قولىدا يوقلار كىيىم-كېچەك ۋە دورا-دەرمەكلىرىنى بولسىمۇ ياردەم قىلىشتىن تارتىنمىغان. مەسىلەن، ئۆتكەن يىلىدىكى سومالىغا ياردەم توپلاش پائالىيىتىدە، بىر ياشانغان ئادەم ئۆزىنىڭ دىئابىت كېسىلى ئۈچۈن يەۋاتقان دورىسىنى ياردەم ساندۇقىغا تاشلىغاندا، مەسئۇللارنىڭ كۆزلىرىدىن ياشلار ئېقىپ كەتكەن ئىدى.»

ياردەم توپلاش پائالىيىتى داۋام قىلماقتا

سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان «ئوكاز» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە كۆرە، سەئۇدى ئەرەبىستانىدا سۈرىيە خەلقىگە ياردەم توپلاش پائالىيىتى باشلانغان 3 كۈندىن بىرى توپلانغان نەق پۇل سانى 175 مىليون رىيال (تەخمىنەن 50 مىليون دوللار)غا يەتكەن. سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللا ئۆز يېنىدىن 20 مىليون رىيال(5.5مىليون دوللار) ياردەم قىلغان. پادىشاھ سارىيىدىن كەلگەن ئۇقتۇرۇشقا كۆرە، سۈرىيە خەلقىگە ياردەم توپلاش پائالىيىتى مۇشۇ رامزان ئېيىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر داۋام قىلىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت