كانادا ئېلىپ كەلمەكچى بولغان 10 مىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ تۇنجىسى كاناداغا قاراپ يولغا چىققان
2024.12.05
كانادادىكى «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشى» نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى مەمەت توختى ئەپەندى 4-دېكابىر فېيىسبۇك (Facebook) ھېسابىدا ئۇچۇر يوللاپ، بىر ئۇيغۇرنىڭ رەسمىيەتلىرىنىڭ تاماملىنىپ، شەرقى جەنۇبى ئاسىيادىكى مەلۇم دۆلەتتىن كاناداغا قاراپ يولغا چىققانلىقىنى خەۋەر قىلغان.
مەمەت توختى ئەپەندىم مۇنداق دېگەن: «م62 پىروگراممىسى بويىچە تەلەپ قىلىنغان ئىشلىرى تولۇق تاماملانغان تۇنجى ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز شەرقى جەنۇبى ئاسىيادىكى مەلۇم دۆلەتتىن بۈگۈن كاناداغا قاراپ يولغا چىقتى. خىتاي پاسپورتىنىڭ ئۇزارتىلىشى مۇمكىن بولمىغاچ، كانادا ھۆكۈمىتى ساياھەت پاسپورتى ئىشلەپ بەردى. مەزكۇر قېرىندىشىمىز ئونتارىيو ۋىلايىتىگە ئورۇنلاشماقچى. سەپىرى خەيرلىك بولسۇن».
كانادا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسى 2023-يىلنىڭ باشلىرىدا ھاكىمىيەت بېشىدىكى لىبېراللار پارتىيەسىدىن بولغان پالاتا ئەزاسى سەمىر زۇبەرى سۇنغان، ئاز دېگەندە 10 مىڭ ئۇيغۇرنى كاناداغا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدىكى T-62 ناملىق قارار لايىھەسى ماقۇللىنىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىجرا قىلىشىغا تاپشۇرۇلغانىدى.
كانادا پارلامېنتىنىڭ تولۇق ئاۋاز بېرىشى بىلەن 2024-يىل 1-فېۋرال كۈنى قوبۇل قىلغان قارارىغا ئاساسەن، 10 مىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ كاناداغا كېلىشىگە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنىڭ كونكرېت قەدەم-باسقۇچلىرى، يەنى بۇ زور پىلانغا مۇناسىۋەتلىك راسخوت، كونكرېت پىلانلار مۇزاكىرە قىلىنغانىدى.
كانادا كۆچمەنلەر، مۇساپىرلار ۋە ۋەتەنداشلىق مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مىشېل كالبېرت (Michelle Calbert) خانىمنىڭ 19-سېنتەبىر مۇخبىرىمىزغا ئەۋەتكەن 10 مىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ كاناداغا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسى ھەققىدىكى يازما باياناتىدا قەيت قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى كاناداغا قوبۇل قىلىش ‹قەدەم باسقۇچلۇق ھەم ئېھتىياتچانلىق› بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىكەن».