خىتاي دائىرىلىرى يەنە ئون ئۇيغۇرنى «قانۇنسىز ئۇچۇر» سەۋەبىدىن قولغا ئالغان
2018.01.30
ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە «دىنىي ئەسەبىيلىك» سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان قاماققا ھۆكۈم قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. يېقىندا خىتاي ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئىنتېرنېت كونتروللۇقى ساھەسىدىكى مەسىلىلەرگە چېتىلىپ قالغان ئون تۆت كىشىنى قولغا ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ 30-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، يېقىندا ساقچى دائىرىلىرى ۋە ئىنتېرنېت باشقۇرۇش خادىملىرى زىچ ھەمكارلىشىپ 14 دېلونى پاش قىلغان. بۇ دېلولاردىكى جاۋابكارلارنىڭ 10 نەپىرى ئۇيغۇر بولۇپ، قالغىنى خىتاي ۋە قازاق ئىكەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ كىشىلەر ئىنتېرنېت ۋاسىتىسى زوراۋانلىق، تېررورلۇق، دىنىي ئەسەبىيلىك، مىللىي بۆلگۈنچىلىك مەزمۇنىدىكى ئۈن-سىن ۋە رەسىم ماتېرىيالىنى كۆرگەن، ساقلىغان ياكى باشقىلارغا تارقاتقان.
قىزىقارلىق يېرى شۇكى، خەۋەردە يۇقىرىقى «قانۇنسىز» قىلمىشلارنى سادىر قىلغان ئۇيغۇرلار «جىنايى ئىشلار بويىچە قولغا ئېلىندى» دېيىلگەن بولسا، ئوخشاش قىلمىشنى سادىر قىلغان خىتايلار ۋە بىر قازاقنىڭ «مەمۇرىي جەھەتتىن تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقى» تىلغا ئېلىنىدۇ.
بۇ، مۇشۇ خىلدىكى قولغا ئېلىش ھەرىكىتىنىڭ 10-قېتىملىقى بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئوخشاش ھەرىكەتلەرنىڭ ھەر بىرىدە ئاز دېگەندىمۇ ئوندىن ئۇيغۇر قولغا ئېلىنغان. خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ خىلدىكى قولغا ئېلىش ھەرىكەتلىرىنى ئىزچىل تەنقىدلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇنى «تېخى سادىر بولمىغان جىنايەتكە جازا ھۆكۈم قىلىشتەك بىمەنىلىك» دېيىشمەكتە.