خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارغا قارىتا «بەشنى ئېتىراپ قىلىش» نى داۋاملىق كۈچەيتىشنى تەكىتلىگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.07.26
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومى 25-ئىيۇل يىغىن چاقىرىپ، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» بىلەن ئەيىبلىنىپ كېلىۋاتقان خىتاينىڭ «شىنجاڭ سىياسىتى» دە ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا «بەشنى ئېتىراپ قىلىش» نىڭ داۋاملىق كۈچەيتىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يىغىندا يەنە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەشنى «بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش تەربىيەسى» بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى باشقۇرۇش پىلانى» نى ئومۇميۈزلۈك ‍ئىجرا قىلىش، ئ‍ىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىك نىشانىدا قەتئىي چىڭ تۇرۇش» تەكىتلەنگەن.

مەزكۇر يىغىن خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ ئۆتكەن ھەپتە تۇيۇقسىز تىبەتنى زىيارەت قىلىپ ئارقىدىنلا چاقىرىلغان. شى جىنپىڭ تىبەت زىيارىتىدە تىبەتلىكلەرنى كومپارتىيەگە ئەگىشىشكە چاقىرغانىدى. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئېيتىشىچە، يۇقىرىقى تەلەپلەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شى جىنپىڭنىڭ تىبەتتە قىلغان سۆزى، كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش ۋە يېزىلاردا «ئوبۇرنى ئىنقىلابى» ئېلىپ بېرىش توغرىسىدىكى سۆزلىرىنى ئۆگىنىش يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

شى جىنپىڭ تىبەتنى زىيارەت قىلىشنىڭ ئ‍الدىدا خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، «شىنجاڭ خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى» نىڭ باشلىقى ۋاڭ ياڭ ئاقسۇدا 7-نۆۋەتلىك «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەت يىغىنى» چاقىرغان. ئۇ يىغىندا «شىنجاڭ» غا سېلىنمىنى كۆپەيتىدىغانلىقى توغرىسىدا سىگنال بەرگەن ئىدى.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئېيتىشىچە، يىغىندا شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەسىلىسىنى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىيات تەشۋىقاتى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى تەربىيەسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش تەربىيەسى، ماركسىزملىق دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت ۋە دىن قارىشى بىلەن بىرلەشتۈرۈش»، «بەشنى ئېتىراپ قىلىشنى داۋاملىق كۈچەيتىش» تەكىتلەنگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.