ئابىدىلەرگە سىر چاچقان خىتاي ئايال سوتقا تارتىلدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2013.07.31

ۋاشىنگتون ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا پايتەختىدىكى مۇھىم ئابىدىلەرگە سىر چېچىپ بۇزغۇنچىلىق قىلغان جىنايەت گۇماندارى دۈشەنبە كۈنى قولغا ئېلىنغان.

قىزىق يېرى، بۇ گۇماندار خىتايدىن كېلىپ سۈرۈكى ئۆتۈپ كەتكەن ۋىزا بىلەن ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان تيەن جيامېى ئىسىملىك خىتاي ئايال ئىكەن.

58 ياشلىق بۇ ئايال دۈشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندىكى دۆلەتلىك چوڭ چېركاۋ-كافېدرالدىكى ھەيكەل ۋە چالغۇلارغا سىر چېچىۋاتقاندا قولغا چۈشكەن.

ئۇ، سەيشەنبە كۈنى سوتقا تارتىلغان بولۇپ، سوتچى ئۇنى شەرتسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇشقا بۇيرۇغان. بۇ خىتاي ئايالغا شەخسىي مال-مۈلۈككە بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى ئارتىلغان بولسىمۇ، قانداق جازا بېرىلگەنلىكى ھازىرچە نامەلۇم.

بۇندىن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى لىنكولىن خاتىرە سارىيى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ يېشىل سىر بىلەن بۇلىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.