ئالتايدا مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى قارغا قاپسىلىپ قالدى
2024.01.17
ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى تەنقىد ۋە بېسىملارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىللاردىن بۇيان ئەۋجىگە چىقىرىۋاتقان خىزمەتلەرنىڭ بىرى «شىنجاڭ تەشۋىقاتى» ھەققىدىكى پائالىيەتلەر ھېسابلىنىدۇ.
بۇنىڭ يادرولۇق مەزمۇنلىرىدىن بىرى بولغان ساياھەتچىلىك ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ «گۈزەللىكى» ۋە «بىخەتەرلىكى» ھەققىدىكى كۆپلىگەن تەشۋىقاتلارنى ئوتتۇرىغا چىقارغان ھەمدە مۇئەييەن ساندىكى ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان ئىدى. ئەنە شۇ خىلدىكى ساياھەتچىلەردىن مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئالتاي ۋادىسىدىكى قىشلىق ساياھەت نۇقتىسىدا يېقىندا كۆرۈلگەن قار كۆچۈشتە قاپسىلىپ قالغانلىقى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن كەڭ يەر ئالدى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 16-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، قاناس ساياھەت رايونىنىڭ قىشلىق قار مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىشقا كەلگەن مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى ئون كۈندىن بۇيان زور كۆلەملىك قار كۆچۈش سەۋەبىدىن تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قېلىش ھالىتىگە چۈشۈپ قالغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى تەشكىللىگەن قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىلىرى ئۆتكەن ھەپتىدىن بۇيان 50 كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىدە نەچچە مېتىرلىق قاردىن يول ئېچىۋاتقان بولسىمۇ، نەتىجە كۈتكەندەك بولمىغان. بەزى جايلاردىكى قار دۆۋىسىنىڭ ئېگىزلىكى يەتتە مېتىردىن ئاشىدىغان بولغاچقا قاردىن يول ئېچىش ماشىنىسى ئۆزىدىن ئېگىز بولغان قارلارنى يۆتكەشكە ئىلاج قىلالمىغان.
قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇۋاتقان خىتايلاردىن جاۋ جىنشېڭ بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ «ئالتايدا قار كۆچۈش دائىملىق ھادىسە. ئەمما بۇنداق زور كۆلەمدىكى قار كۆچۈشنى بىز ھازىرغىچە كۆرۈپ باقمىغان» دېگەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدىنقى ھەپتە بىر قىسىم ساياھەتچىلەرنى تىك ئۇچار ئارقىلىق قۇتقۇزۇپ چىققانلىقىنى جاكارلىغان. ئەمما نۆۋەتتە قاناس رايونىدا قاپسىلىپ قالغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى مىڭدىن ئاشىدىغانلىقى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى تىك ئۇچار بىلەن يۆتكەپ كېتىش ئىمكانىيىتىنىڭ يوقلۇقى مەلۇم بولغان.