ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى يېقىندا ئورتا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە زىيارەتتە بولىدۇ

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سەيشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى جون كەرىي يېقىندا ئورتا ئاسىيادىكى بەش جۇمھۇرىيەتتە زىيارەتتە بولىدىكەن.

باياناتچى جون كىربىينىڭ ئېيتىشىچە، جون كەرىي بۇ ھەپتە ئاۋسترىيەنىڭ ۋىيېننا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان سۈرىيە سۆھبىتىنى تاماملىغاندىن كېيىن، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستاندا زىيارەتتە بولۇپ 3-نويابىر ئامېرىكىغا قايتىدىكەن.

ئۇ، قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرىدە ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدىكى يېڭى خىزمەت بىناسى ۋە بىشكەكتىكى ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتى يېڭى مەكتەپ قورۇسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىملىرىغا قاتنىشىدىكەن.

ئۇ يەنە ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتتە يۇقىرىدىكى بەش دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن قازاقىستانغا بارىدىكەن.

ئۇ، قازاقىستاندا ئامېرىكا -قازاق ئىستراتېگىيە دىئالوگىغا قاتنىشىدىكەن، سەپىرىنىڭ ئاخىرى ئاشخاباد ۋە دۈشەنبە شەرھلىرىدە بولىدىكەن ھەمدە يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشدىكەن.

بۇ، جون كېرىيەنىڭ دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ تەيىنلەنگەندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئورتا ئاسىيا ئەللىرىنى زىيارەت قىلىشى.