ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيەدىكى ئىككى ئۇنىۋېرسىتېت يېقىندا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى خەۋپىنىڭ ئارقىسىدىن ئىز قوغلاش سۇپىسى تەشكىل قىلغان.
«ئېكو-توقۇمىچىلىق» تورىنىڭ 18-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر ئىز قوغلاش سۇپىسى ئېكسپورت يوللانمىلىرى، تاموژنا سانلىق مەلۇماتلىرى، ئىمپورت-ئېكسپورت كۆتەكلىرى، تەمىنلەش زەنجىرى سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك خەۋپى ئۈستىدىن ئىز قوغلاش ئېلىپ بارىدىكەن. مەزكۇر ئىز قوغلاش سۇپىسىنىڭ ئامېرىكانىڭ بوستون شەھىرىدىكى شەرقىي شىمال ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدىكى شىفېلد ھاللام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھەمكارلىقىدا قۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.
ئەنگلىيە شىفېلد ھاللام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھېلېنا كىننېدى تەتقىقات مەركىزى يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بېرى، خىتاي ۋە بەزى خەلقئارا شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئائىت نۇرغۇن نوپۇزلۇق دوكلاتلارنى ئېلان قىلىپ، خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان،
«ئېكو-توقۇمىچىلىق» تورىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى خەۋپىنى ئىز قوغلاش سۇپىسى تەكشۈرۈش نىشانىنى نۇقتىلىق كىيىم-كېچەك ساھەسىگە قارىتىدىكەن. «ئېكو-توقۇمىچىلىق» نىڭ خەۋىرىدە، مەزكۇر ئىز قوغلاش سۇپىسىنىڭ ئاممىغا ئاشكارا بولغان تەمىنلەش زەنجىرى سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ ئالاقىسىنى كومپيۇتېردا ئانالىز قىلىش، ئاندىن بۇنى ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك خەۋپلىرى ئۈستىدىن ئىز قوغلاش ئېلىپ بارىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. بۇنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئىككى ئەزاسى ئامېرىكا تاشقى ئىلار مىنىستىرى بىلىنكېنغا مەكتۇپ يېزىپ، ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق شىركەتلەرنىڭ خەلقئارا بازاردىن پايدىلىنىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقى ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلغان. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى «خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت ئالاھىدە كومىتېتى» نىڭ رەئىسى مايك گالىگېر بىلەن مەسئۇل ئەزاسى راجا كرىشنامۇرتى يوللىغان مەكتۇپتا، بىلىنكىن خىتاينىڭ دۆلەت ھامىيلىقىدىكى مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قارشى دۇنياۋى دىپلوماتىك تىرىشچانلىقنى كۈچەيتىشكە چاقىرىلغان.
