ھىلارىي كىلىنتون بىلەن دونالد تىرامپ تۇنجى مۇنازىرىسىدە خىتاينى 12 قېتىم تىلغا ئېلىشى دىققەت قوزغىدى

ئامېرىكىدا دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى ھىلارىي كىلىنتون بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى دونالد ترامپنىڭ 26- سېنتەبىر كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق يۈزمۇ-يۈز مۇنازىرىسىدە ئۆز-ئارا كەسكىن بەس-مۇنازىرە قىلىشى خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، دېموكراتلارنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى ھىلارىي كىلىنتون ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پرېزىدېنت نامزاتى دونالد تىرامپ، نۆۋەتتە ئامېرىكىلىقلار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئامېرىكىدىكى پۇل-مۇئامىلە، ئىقتىساد، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكى، شىمالىي كورېيە مەسىلىسى قاتارلىقلارنى ھەل قىلىشتا ئۆز ئىقتىدارىنىڭ قارشى تەرەپتىن ئۈستۈنلۈكىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، ئامېرىكىنىڭ خىتاي سىياسىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى بايان قىلىپ، خىتاي دۆلىتىنىڭ نامىنى 12 قېتىم نەقىل ئالغان.

مەسىلەن، خەۋەردە نەقىل ئېلىنىشىچە، دونالد ترامپ دېموكراتلار پارتىيىسى ھاكىمىيەت تۇتقان مەزگىلدىكى ئامېرىكىنىڭ پۇل-مۇئامىلە ۋە ئىقتىسادى ھەققىدە توختىلىپ، ئامېرىكىدىكى چوڭ شىركەتلەرنىڭ ئەرزان ئەمگەك كۈچى قوغلىشىپ، زاۋۇتلارنى خىتايغا يۆتكىشى ئامېرىكىدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋەتتى، دەپ تەنقىدلىگەنلىكى ۋە ئەگەر ئۆزى پرېزىدېنت بولسا بۇ ئەھۋالنى تامامەن ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھىلارىي كلىنتون بولسا، دېموكراتلار پارتىيىسى ھاكىمىيەت تۇتقان مەزگىلدە ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان تاۋار ئېكسپورتىنىڭ 50% ئېشىپ، ئىقتىسادنىڭ ياخشىلانغانلىقى ۋە ئامېرىكىلىقلار ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىش پۇرسەتلىرى يارىتىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

دونالد ترامپ يەنە ئامېرىكىنىڭ ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنىمۇ تىلغا ئېلىپ، ئامېرىكا شىركەتلىرى ھەتتا ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بۇ يىللاردا ئۈزلۈكسىز ھالدا خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما دېموكراتلار پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى كەسكىن بىر تەرەپ قىلمىغانلىقىنى تەنقىدلىگەن.

ئۇ يەنە ھىلارىي كلىنتوننىڭ ئېلخەت سەتچىلىكى قاتارلىقلارنىمۇ تىلغا ئېلىپ، ئەگەر ئۆزى پرېزىدېنت بولسا ھازىر ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى تېخىمۇ كەسكىن ۋە جىددىي تەدبىر بىلەن ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.